باش بەت>>ئىقتىساد>>بېيىش يولى
چەتئەللىكلەر قانداق قەرز سۈيلەيدۇ؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-26 13:17:46

ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺳﯜﻳﻠﻪﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯞﯦﻠﯩﺶ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﺘﯘﺭ.

ﭘﯘﻝ ﺩﯦﺴﻪﯓ ﻳﻮﻕ،ﺋﺎﻟﺴﺎﯓ ﺋﯩﺴﺴﻖ ﺟﺎﻥ ﺑﺎﺭ، ﻗﻪﺭﯨﺰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﻯ ﻟﻪﯞﺯﯨﺪﻩ ﺗﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﺗﯩﮭﻪﻡ ﻗﻪﺭﯨﺰﺩﺍﺭﻻﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯩﻼﺟﯩﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﻣﯘﺭﺍﺟﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺩﺍﻧﯩﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺗﭽﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺩﯞﯗﻛﺎﺕ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﻪﺕ-ﭼﻪﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﻮﭘﯩﻴﻪ ﻳﺎﺯﻏﯘﺯﯞﯦﻠﯩﭗ، ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﻪﺭﯨﺰ ﻳﯩﻐﯩﺪﯗ

ﻓﯩﻼﻧﺪﯨﻴﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺧﻪﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﯩﻼ ﻗﻪﺭﯨﺰ ﺳﯜﻳﻠﻪﻳﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﺳﻮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﯩﻦ ﻳﺎﻧﻤﺎﻳﺪﯗ. ﯞﻩﮬﺎﻟﻪﻧﻜﻰ،ﺳﻮﺗﻨﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ، ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﻗﻪﺭﯨﺰﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﻗﻪﺭﯨﺰ ﺳﯜﻳﻠﻪﺷﻨﯩﯖﻤﯘ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ

ﺋﺎﯞﯨﺴﺘﯩﺮﯨﻴﻪ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﮬﺎﺭﺩﯗﺭﯗﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﺪﺍ ﻗﻪﺭﯨﺰ ﺳﯜﻳﻠﻪﻳﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﻟﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﻗﻪﺭﯨﺰﺩﺍﺭﻻﺭﻏﺎ ﻛﯧﭽﻪ-ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺗﯧﻠﯩﻔﯘﻥ ﺑﻪﺭﮔﯜﺯﯨﺪﯗ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺗﯚﻟﻪﭖ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﻮﭼﺘﺎ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻠﯩﺮﻯ، ﻓﻮﺗﻮ ﺗﯧﻠﮕﯩﺮﺍﻑ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﻪﺭﯨﺰ ﺳﯜﻳﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺋﺎمېرىكىلىقلار ﻗﻪﺭﯨﺰ ﺳﯜﻳﻠﻪﺵ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ .ﺋﯘﻻﺭ ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﺑﻪﺩﺑﻪﺷﯩﺮﻩ ،ﻛﯜﺷﺘﯜﯕﮕﯜﺭ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﻟﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﻗﻪﺭﯨﺰﺩﺍﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﯕﺠﺎﻟﻠﯩﺸﯩﺪﯗ، ﻗﻮﺭﻗﯘﺗﯘﭖ ﺗﻪﮬﺪﯨﺖ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ

ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ، ﻛﺎﻧﺎﺩﺍﺩﯨﻜﻰ ﻗﻪﺭﯨﺰ ﺳﯜﻳﻠﻪﺵ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﻘﺎﭼﻘﺎ ﺗﯧﻨﻰ ﺑﻪﺩﺑﯘﻱ ﭘﯘﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﻟﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﻗﻪﺭﯨﺰ ﺳﯜﻳﻠﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﻣﯘﺩﺩﯨﺌﺎﺳﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﺭﯗﺷﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺗﯩﻠﻼﺷﻤﺎﻳﺪﯗ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻗﻪﺭﯨﺰﺩﺍﺭﻻﺭﻏﺎ ﺑﯘﺩﯗﺷﻘﺎﻗﺘﻪﻙ ﭼﺎﭘﻠﯩﺸﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﻣﻤﯘ ﻧﯧﺮﻯ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ. ﻗﻪﺭﯨﺰﺩﺍﺭﻻﺭ ﺳﯧﺴﯩﻖ ﭘﯘﺭﺍﻗﻘﺎ ﭼﯩﺪﯨﻤﺎﻱ ﻗﻪﺭﯨﺰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﺎﻟﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ

ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﻨﯩﯔ ﺑﻮﻧﺴﯩﻴﻪ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺭﯨﺰ ﺳﯜﻳﻠﻪﺵ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻗﻪﺭﯨﺰ ﺳﯜﻳﻠﯩﮕﯜﭼﯩﻨﻰ ﻛﺎﺭﺗﻮﻥ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﻻﻳﯩﮭﻪﻟﻪﭖ، ﺗﯧﻠﯩﯟﯗﺯﯗﺭﺩﺍ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘپ ﻣﻪﻥ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﺴﻪﻡ ،ﺷﯘ ﻗﻪﺭﯨﺰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻣﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩم ﺩﻩﭖ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﭗ ﺟﺎﻛﺎﺭﻟﯩﺘﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯞﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﻪﺭﯨﺰﺩﺍﺭ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﭼﯩﻘﺴﯘﻥ، ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﺴﯜﻥ، ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﺎ، ﺗﺎﻧﺴﯩﺨﺎﻧﺎ، ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﺮﻩﺗﺨﺎﻧﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﺭﺳﯘﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺳﻮﻛﯘﻟﺪﺍﭘﻼ ﻳﯜﺭﯛﻳﺪﯗ. ﮬﻪﺗﺘﺎ ﮬﺎﺟﻪﺗﺨﺎﻧﯩﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻗﻪﺭﯨﺰﺩﺍﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﭼﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﻪﺭﯨﺰﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق