باش بەت>>ئىقتىساد>>بېيىش يولى
دۇنيادا مۇتلەق كېرەكسىز نەرسە بولمايدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-26 13:20:05

ئامېرىكىنىڭ ساينىت لوئىس شەھىرىدە،كىشىنىڭ دىقىتىنى تارتىدىغان ساختا داۋالاش ئۈسكۈنلىرى ۋە ساختا دورىلار كۆرگەزمىخانىسى بار، خەلىقى ئالەمگە سازايى قىلىنىدىغان بۇيۇملارنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنى توزاققا دەسىتىدىغان ،قاقتى-سوقتى قىلىدىغان ،زىيانغا ئۇچۇرتىدىغان نەرسىلەر .ئېكىسكورسىيىچىلەر بۇ نەرسىلەرنى كۆرگەندىن كېيىن بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەپ ساختىلىققا زەربە بېرىش جەھەتتە ناھايتى چوڭقۇر تەربىيە ئالىدۇ ھەمدە قاتتىق ھەسىرەت چېكىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ،ساختا ماللارنى پەرىقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ھەقىقىي يۇقۇرى كۆتۈرۈلىدۇ.كۆرگەزمىنى لايھىلىگۈچىلەر دەل ساختامالدىن ئىبارەت بۇ ئەخلەتكە كىشلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ياخشى ماكان تېپىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار مىسلىسىز ئۇتۇق قازانغان

ئەمەلىيەتتە ،دۇنيادا ھېچقانداق مۇتلەق كېرەكسىز نەرسە ياكى مەغلۇبىيەتچى شەيئى بولغان ئەمەس ،پەقەت پايدىلىنىش ئۇسۇلىلا ئوخشىمايدۇ خالاس.ئوخشاش بىر خىل شەيئى ئوخشاش بولمىغان كىشلەرنىڭ نەزىرىدە ياكى ئوخشاش بولمىغان ماكان ۋە زاماندا ھەمىشە ئوخشاش بولمىغان قىممەتكە ئىگە بولىدۇ

كىشلىك تۇرمۇشمۇ ھەم شۇنداق ،بۇ دۇنيادا ھېچقاچان تۇغۇلۇشىدىنلا كېرەكسىز ،تۇغۇلۇشىدىنلا مەغلۇبىيەتچى ياكى تۇغۇلىشىدىنلا غالىب ئادەم بولغان ئەمەس ،مۇھىمى سىزنىڭ قانداق ئورۇندا تۇرۋاتقانلىغىڭىز ياكى قانداق يولنى تاللىغىنىڭىزدا ،شۇڭا ،ئۆزىڭىزنى ھېچ نەرسەم يوق ،ھېچقانداق قابىليىتىم يوق دەپ ئەيىپلىمەسلىكىڭىز كېرەك ،سەۋەبى پەقەت سىزنىڭ يوشۇرۇن قىممىتىڭىز تېخى بايقالمىغان ،خالاس.ئۇنداقتا بىز نىمىشقا باشقا بىر نۇقتىدا تۇرۇپ ئۆزىمىزگە نەزەر سېلىپ تەۋەككۈلچىلىك بىلەن قەدەم تاشلاپ ،ئۆزىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ ،ئادەتتىكى ئادەمدىن ئۆزگىچە ئادەمگە ئايلانمايمىز؟ كېرەسىزلىكىمىز ئىچىدىن ئۆز قەدىر -قىممىتىمىزنى تېپىپ چىقمايمىز؟

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق