باش بەت>>ئىقتىساد>>ئىستېمال
بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق ئىش ھەققى 3945 يۈەن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-04-21 17:23:09

 

 

 

جىلىيەن خىزمەت تورى 2014-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، 52 مىڭ 461 نەپەر 2014-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا سوئال قەغەزلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە بۇ بىر تۈركۈم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش تەرىپى، شۇغۇللىنىدىغان ساھەسى ۋە توختاملاشقان ئايلىق ئىش ھەققىدىن ئومۇمىي خۇلاسە چىقىرىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 2014-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ قىلىدىغان ئايلىق ئىش ھەق ئوتتۇرىچە قىممىتى 4357 يۈەن بولۇپ، ئەمەلىي توختام ئىمزالىغان ئايلىق ئىش ھەققى 3945 يۈەن بولغان.

مۇشۇ قاراردا ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قىلىشنى خالىمايدىغان ئالدىنقى ئۈچ كەسىپ بولسا، ئايرىم ئايرىم ھالدا مۇلازىمەت، سېتىش، پىششىقلاپ- ئىشلەپچىقىرىش ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم تەكشۈرۈشكە قاتناشقان 52 مىڭ 461 نەپەر ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار، مەخسۇس كۇرس، تولۇق كۇرس، ماگىستىر، دوكتۇر قاتارلىق مۇشۇ قاراردا ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، ھەر قايسى جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك ئالىي مەكتەپتىكى ھەر تۈرلۈك كەسىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قاپلىغان.

«ئارزۇسىدىكى خىزمەت ئورنى ۋە ئەمەلىي خىزمەت ئورنى» نى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، 2014-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇسىدىكى خىزمەت ئىچىدە، 41.3% ئوقۇغۇچى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇدا خىزمەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن، ئۆلكە مەركىزى شەھەرلەردە خىزمەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار 54.2%نى ئىگىلەيدىكەن، باشقا شەھەرلەرنىڭ پەقەت 4.5%نى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇغا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 2013-يىلغا سېلىشتۇرغاندا تۆۋەنلىگەن بولۇپ، 2013-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇسىدىكى خىزمەت ئورنى ئىچىدە، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 42.8%گە يەتكەن، بۇ سان شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇنىڭ تۇرمۇش بېسىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار بۇ خىل تۇرمۇشنى تاللىغان.

ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ئەڭ قىلىشنى خالىمايدىغان كەسىپ ئىچىدە، ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئايرىم ئايرىم ھالدا، مۇلازىمەت، سېتىش، پىششىقلاپ-ئىشلەش بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇلازىمەتكە بىلەت تاشلىغانلارنىڭ سانى 14.3%، سېتىشنىڭ 13.3%، پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ 11.1%گە يېتىپ، مۇلازىمەت تۈرىنىڭ ئەمگەك كۈچى بىرقەدەر چوڭ، ئىش ھەققى تۆۋەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلاردىن كەسىپ تەلىپىمۇ ئانچە يۇقىرى ئەمەس ئىكەن، بۇ خىل كەسىپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ناھايىتى بىئارام قىلىدىكەن.

سېتىش تۇردىكى خىزمەتلەر گەرچە تەمىنلەش مىقدارى چوڭ ھەم قولغا كېلىدىغان نەتىجىلەر ناھايىتى كۆپ ئورۇن بولسىمۇ، بىراق نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئائىلە باشلىقلىرى بۇنىڭغا خاتا قاراشتا ئىكەن. مۇخبىرنىڭ ئىلگىرىكى مەكتەپلەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيەتلىرىدىن ئىگىلىشىچە، ئىلگىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سېتىش ئورنىغا قوبۇل قىلىنغاندا، ئاتا-ئانىلارنىڭ كەينىدە تۇرۇپ توسقانلىقىنى ئۇچراتقان.

مۇخبىر يەنە زىيارىتىدە، ئىشلەپچىقىرىش پىششىقلاش تۈرىدىكى خىزمەت ئورۇنلىرى خىزمەت مۇھىتى نىسبەتەن ناچارلىقى بىلەن، كۆپ قىسىم ئىشخانىلاردا خىزمەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بۇنى ماس كۆرمىگەن، شۇ سەۋەبتىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ناھايىتى ئاز ساندىكىلەر بۇ خىزمەت ئورنىنى تاللىغان.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق