باش بەت>>ئىقتىساد>>ئىستېمال
زور بىر تۈركۈم ئايفون ئابونتلىرى نىشانىنىGalaxy S5 گە قاراتماقتا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-04-23 17:45:37

 

 

ئەنگىلىيەدىكى كونا ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان CompareMyMobile تور بېكىتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، سامسۇڭ شىركىتى يېڭىدىن ئېلان قىلغان Galaxy S5 يانفونىنى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئىچىدە، %38 ئابونت ئىلگىرى ئايفون ئىشلەتكەن ئىكەن.

CompareMyMobile دە دىيىلىشىچە، بۇندىن ئىلگىرىكى مەلۇماتلاردا، ئاندىرويىد ياكى iOS ئابونتلىرىنىڭ ئۆزى ئىشلىتىۋاتقان مەشغۇلات سىستېمىسىغا بولغان سادىقلىقىغا گەپ كەتمەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇ بويىچە بولغاندا، سامسۇڭ يانفونىنى سېتىۋالغۇچىلار چوقۇم ئىلگىرى Galaxy S3 نى ئىشلەتكەن ياكى باشقا ئاندىرويىد يانفونلىرىنى ئىشلەتكەن كىشىلەر بولسا توغرا بولاتتى، بىراق، ئەمەلىيەت بۇنداق بولمىغان.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، Galaxy S5 يانفونىنى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئىچىدە، %38 كىشى ئىلگىرى ئايفون ئىشلەتكەن، پەقەت %19 كىشى سامسۇڭنىڭ ئابونتلىرى ئىكەن، سونىي يانفونى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ نىسبىتى بولسا %16 بولغان.

يۇقارقى تور بېكەتتە دىيىلىشىچە،Galaxy S5 يانفونى ھەرگىزمۇ سامسۇڭ مەستانىلىرىنىڭ بىردىنبىر تاللىشى ئەمەس ئىكەن. سامسۇڭ ماركىسىدىكى يانفون سېتىۋىلىشنى ئويلىشىۋاتقان كىشىلەر ئىچىدە، %20 دىن ئارتۇق كىشى Galaxy S4 نى سېتىۋېلىشنى خالايدىكەن، پەقەت %14 كىشى Galaxy Note 3 گە قىزىقىدىكەن.

كەسپى ساھەدىكى زاتلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئايفون ئابونتلىرىنىڭ Galaxy S5 نى سېتىۋىلىشى سامسۇڭ شىركىتى ئۈچۈن بىر خوشاللىنارلىق ئىش ئىكەن. بۇنداق بولغاندا سامسۇڭ شىركىتى ئايفون ئابونتلىرى ئىچىدىن ئۆزىنىڭ يېڭى ئابونتلىرىغا ئېرىشىش بىلەن بىرگە، يەنە كىشىلەرنىڭ سامسۇڭ ماركىسىغا بولغان ئىشىنىش دەرىجىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرەلەيدىكەن.

CompareMyMobile دە ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر تور بېكەتتە ئېلىپ بىرىلغان يانفون ئالماشتۇرۇش سودىسى ئىچىدە، سامسۇڭ ماركىلىق يانفونلار %40.44 نى، ئايفون %26.16 نى ئىگەللەيدىكەن. بۇ ئىككى ماركىنىڭ يەرشارى مىقياسىدىكى ئوبرازىدىن قارىغاندا، بۇ خىل نەتىجىنىڭ كېلىپ چىقىشى ئانچە ھەيران قالارلىق ئەمەسكەن.

ئەمدى %40 دىن ئارتۇق سامسۇڭ ئابونتىنىڭ قولىدىكى يانفوننى قانداق ماركىدىكى يانفونغا ئالماشتۇرغانلىقىغا كەلسەك، نۆۋەتتە بۇ ھەقتىكى سانلىق مەلۇماتلار ئانچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن، كىشىلەر بۇ بىر پارچە «لوق گۆش»نىڭ ئالما شىركىتىنىڭ ئاغزىغا كىرىپ كىتىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق