باش بەت>>ئىقتىساد>>ئىستېمال
شىنجاڭ تور ئەھلىلىرىنىڭ «قوش 11»دا مال سېتىۋېلىش ئومۇمىي سوممىسى 300 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-05-12 18:02:31

ستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە، تىيەنماۋ «قوش 11» مال سېتىۋېلىش شادلىق كۈنىنىڭ ئاياغلىشىشىغا 1 سائەت قالغان ۋاقىتتا، پۈتۈشۈش سوممىسى 33 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن . 2013-يىلى «قوش 11»مال سېتىۋېلىش شادلىق كۈنىدە، تىيەنماۋغا قاتناشقان سودا دۇكانلىرىنىڭ سانى كۆپىيىپ 20مىڭغا يەتكەن، 2012-يىلغا سېلىشتۇرغاندا 2 ھەسسە كۆپەيگەن، يەنى ئېلېكتر ئەسۋابلىرى، كىيىم-كېچەك، ئائىلە جازىلىرى، سومكا-چامدان، ئاپتوموبىل، گىرىم بۇيۇملىرى، بوۋاقلار بۇيۇمى، يېمەكلىك، مەتبەئە قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، 30مىڭدىن كۆپ داڭلىق ماركا بار ئىكەن. نەيكې، ONLY ، بەيلى، شۇاڭلىرېن، بوياڭ توقۇمىچىلىقى، GAP ، باۋجى، شىيۆ مامى، ئاۋدو قاتارلىق تونۇش ماركىدىن باشقا، ODM،3M،yellowearth قاتارلىق خەلقئارادىكى داڭلىق ماركىلارمۇ قاتناشتۇرۇلغان. سودا دۇكانلىرى سېتىش سۈرئىتىنى تىزلىتىپ، يەنە بىر قېتىم تور ئەھلىنىڭ تاللىشىپ سېتىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. پائالىيەت باشلىنىپ 55سېكۇنت بولغاندا پۈتۈشكەن سودا سوممىسى 100 مىليون يۈەنگە، 6مىنۇت 7سېكۇنت بولغاندا 1 مىليارد يۈەنگە، 6سائەتكە يەتمەي تۇرۇپلا 10 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 11-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 11دىن 4مىنۇت بولغاندا، سودا سوممىسى 19 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كېتىپ، پەقەت پائالىيەت باشلىنىپ 13 سائەتتىكى سودا سوممىسى 2012-يىل ئوخشاش مەزگىلدىكى سودا سوممىسى بىلەن تەڭلىشىپ يېڭى رېكورت ياراتقان. 11-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 10دا، 232 دۇكاننىڭ كۈندىلىك سېتىش سوممىسى 10 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شاۋمى مەخسۇس سېتىش دۇكىنى، خەيئېر مەخسۇس سېتىش دۇكىنى، لولەي توقۇمىچىلىقى مەخسۇس سېتىش دۇكىنى، يوۋيىكۇ مەخسۇس سېتىش دۇكىنى، jackjiones مەخسۇس سېتىش دۇكىنى، گوخۇا ئۆمۈر سۇغۇرتىسى، ھاياتلىق ئۆمۈر سۇغۇرتىسى، يىفاڭدا فوندى قاتارلىق 8 دۇكاننىڭ كۈندىلىك سېتىش سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن. زور كۆلەملىك سودا سوممىسى ئىچىدە، شىنجاڭ تور ئەھلىنىڭ سودا سوممىسى 300 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كېتىپ، 2012-يىلدىكى 270 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن. 2013-يىلى، يانفون تاۋباۋسىنى ئىشلىتىش ناھايىتى يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىپ، يانفون تاۋباۋسى ئارقىلىق زاكاز قىلىنغان مالنىڭ سانى ئومۇمىي ساننىڭ %23.3نى ئىگىلىگەن. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 11-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 8دىن 5مىنۇت ئۆتكەندە، يانفون تاۋباۋسى ئىشلەتكۈچىسى 50 مىليوندىن ئېشىپ كېتىپ بۇ سان ئاۋسترالىيە بىلەن كانادا ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنى قوشقانغا تەڭ بولغان. كەچ سائەت 8دىن 53مىنۇت بولغاندا، يانفون تاۋباۋسى ئارىلىق پۈتۈشكەن سودا سوممىسى 5 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن. 2009-يىلدىن باشلاپ، ئالىي بابا گۇرۇھى ھەر يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى زور كۆلەملىك ئېتىبار باھا پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، بەش يىل مابەينىدە، بۇ بىر كۈن ئادەتتىكى بىر كۈندىن تەدرىجىي جۇڭگو ئېلېكترون سودا ساھەسىدىكى يىللىق سېتىش يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلىدىغان بىر كۈنگە ئايلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت تور ئەھلىنىڭ مال سېتىۋېلىش شادلىق كۈنىگە ئايلانغان.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق