باش بەت>>ئىقتىساد>>ئىستېمال
ئېنتىرنىت ۋە ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇن پەيدا قىلغان 9 خىل كېسەللىك
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-05-20 12:32:39

ئېنتىرنىت ۋە ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇننىڭ ئومۇملىشى ، دۇنياغا غايەت زور ئۆزگۈرىشلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش بىلەن بىللە ، يەنە بىر قىسىم يامان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلدى، بۇ مۇنداق 9 جەھەتتە بەلگىلەندى .

تورغا خۇمار بۇلۇش. بۇ بارلىق تور كېسەللىكلىرىنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسى ، ئۇنى پەرىق ئېتىش تولىمۇ ئاسان ، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار تورغا چىقالمىسا ئازاپلىنىدۇ.

قوڭغۇراق ئاۋازى . ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇن ئىشلىتۋاتقان %70 ئادەمدە يانفۇنى سايراۋاتقان ياكى تەۋرىنىۋاتقاندەك خاتا تۇيغۇ پەيدا بۇلىدۇ.

يانفۇندا تورغا چىقىش. خۇددى تورغا خۇمار بۇلۇپ قالغانغا ئوخشاش ، كىشىلەر يانفۇندىن ئايرىلىپ قالسا ئەس- ھۇشىنى يوقىتىدۇ، چۈنكى ئۇلار يانفۇندا پات- پات تۇرغا چىقىشقا خۇمار بۇلۇپ قالغان.

باش قېيىش . بەزىلەر ئەپتۇبۇس ياكى پاراخوتقا چىقسا بېشى قايغانغا ئوخشاش بىر قىسىم كىشىلەر يانفۇن ئىشلەتسىمۇ بېشى قايىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ، بەزى ئايفون ئابونىتچىلىرى IOS7 سېستىمىسنى ئىشلەتكەندىن كىيىن بېشى قېيىپ كۆڭلى ئېلىشىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ.

ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ۋە ئەسەبىيلىك . مۇتەخەسىسلەر ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنى ھەددىدىن زىيادە ئىشلەتكەندە ئادەم كىشلىك ئالاقە گاچىلاشقاندىن باشقا ، ئەسەبىيلىك كېسىلىگىمۇ گىرىپتار بۇلۇپ قالىدىغانلىقىنى ، ھەتتا باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈشنى خالىمايدىغان كىتاپ ئوقۇشتىن بىزار بۇلىدىغانلىقىنى بايقىدى.

تور ئويۇنىغا خۇمار بۇلۇپ قېلىش . تور ئويۇنىغا خۇمار بۇلۇپ قالغانلار ئوقۇش ۋە ئىشلەشنى خالىمايدۇ، بۇلۇپمۇ ئاسىيا ئەللىرىدە بىر قەدەر ئېغىر ، كورىيە ياشلىرىدا % 25 بۇ خىل ئەھۋال بار.

گۇمانخور. بەزىلەرنىڭ تىنىدە ئازراق ئۆزگىرىش بولسا ياكى سەللا ئۆزگىرىش بولسا ، دەرھال تورغا چىقىپ ئۆ - ئۆزىگە دىئاگىنوز قۇيىۋالىدۇ -دە ، ئاخىرى تەشۋىشلىنىش كېسىلىگە گىرپتار بۇلۇپ قالىدۇ.

گۇگلى ئېففىكتى. گەرچە يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار ئادەم ۋە جەمىئەتكە باشقىچە تەسىرى بولسىمۇ ، ئەمما ئادەملەر تورغا بەكلا بېقىنىپ قالغاچىقا ، ئەستە تۇتۇش ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىدىن بەكلا مەكرۇپ بۇلۇپ قالماقتا .

ۋېك قامۇس ئېففىكتى . توردا كىتاپ ئۇقۇش ئادەتتىكى كىتاپ ئوقۇشقا قارىغاندا خېلىلا قىزىقارلىق، بىراق توردا ئۇچۇر ئىزدەش جەريانىدا باشقا مۇناسىۋەتسىز مەزمۇنلارمۇ ئېچىلىۋېلىپ ، ئادەمنىڭ دېققىتىنى چاچىدۇ، بۇخىل ئەھۋال ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ ، باشقا ئىشلارنىڭ نورمال يۈرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق