باش بەت>>ئىقتىساد>>ئىستېمال
7 دانە 8 نومۇرى بولغان تېلىگراف يانفون نومۇرى 700 مىڭ يۈەنگە سېتىلىدىكەن
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-05-21 19:11:39

يېقىندا مۇخبىر تېلىگراف تىجارەتچىلىرىنىڭ تارقاتقان يانفون نومۇرى سېتىش ئېلانىنى كۆرگەن بولۇپ، بۇ ئېلانلاردا تېلىگراف تىجارەتچىلىرى ئەستە تۇتۇشقا ئاسان شۇنداقلا چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان ھەر خىل يانفون نومۇرلىرىنى نەچچە يۈز يۈەندىن نەچچە مىڭ يۈەنگىچە ساتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ھەتتا ئەڭ قىممەت بىر نومۇرنىڭ (7 دانە تۇتاش سەككىزدىن تۈزۈلگەن نومۇر) 700 مىڭ يۈەنگە ساتىدىغانلىقىنى كۆرگەن.

5-ئاينىڭ 19-كۈنى، مۇخبىر 8-مارت يولىدىكى خەلققە قولايلىق بازارنىڭ يول ئېغىزىدا باشقىلارنىڭ ئېلان ۋەرەقىسى تارقىتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولۇپ، بۇ ۋەرەقىلەردە تېلىگراف تىجارەتچىلىرىنىڭ چىرايلىق يانفون نومۇرى ساتىدىغانلىقى يېزىلغان. بۇ يانفون نومۇرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئوخشاش سان تۇتاش كەلگەن چىرايلىق نومۇرلار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت خانا سانى ئۆز ئارا ئوخشاش تۇتاش كەلگەن نومۇرنىڭ 3000 يۈەنگە سېتىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا 6،8،9 قاتارلىق تەلەي نومۇرلىرى تۇتاش كەلگەن يانفون نومۇرلىرىنىڭ بولسا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى باھادا سېتىلىدىغانلىقى، يەنە بىر تال 7 دانە 8 نومۇرىدىن تەركىب تاپقان يانفون نومۇرىنىڭ بولسا 700 مىڭ يۈەنگە سېتىلىدىغانلىقى يېزىلغان.

بۇ ئېلان ۋەرەقىسىگە يېزىلغان ئالاقىلىشىش QQ نومۇرىغا ئاساسەن، مۇخبىر بۇ يانفون نومۇرلىرىنى ساتقۇچى تىجارەتچى تەرەپ بىلەن ئالاقىلاشقان بولۇپ، بۇ يانفون نومۇرى ساتقۇچى مۇخبىرغا ھازىر يانفون نومۇرى دەل سان-سىفىر مەدەنىيىتى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بەزى سانلار (مەسىلەن 8 دېگەندەك) دىن تۈزۈلگەن يانفون نومۇرلىرىنىڭ تەلەي نومۇرى دەپ قارىلىپ، يانفون ئابونتلىرىغا بەخت-ئامەت، تەلەي ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. مۇخبىر قارشى تەرەپتىن بۇ يانفون نومۇرلىرىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى سورىغاندا بولسا، قارشى تەرەپ بۇنى ئاشكارىلاشنىڭ قولايسىزلىقىنى ئېيتقان.

مۇخبىر يەنە خۇبىڭ شىمالىي چوڭ يولىغا جايلاشقان بىر يانفون رىمونت قىلىش دۇكىنىنىڭ ئالدىدىمۇ مۇشۇنداق يانفون نومۇرى سېتىش ئېلان تاختىسى قويۇلغانلىقىنى كۆرگەن بولۇپ، ئىچىگە كىرىپ ئەھۋال سۈرۈشتۈرگەندە، دۇكان خوجايىنى ئۆزىنىڭ خاتىرە كومپىيوتېرىنى ئېچىپ مۇشۇنداق چىرايلىق تۇتاش كەلگەن يانفون نومۇرلىرىنى مۇخبىرغا كۆرسەتكەن. بۇ چىرايلىق يانفون نومۇرلىرىنىڭ باھاسى نەچچە يۈز يۈەندىن نەچچە مىڭ يۈەنگىچە بولۇپ، بەزى قىممەت نومۇرلارنىڭ باھاسى ھەتتا نەچچە تۈمەن يۈەنگىمۇ يەتكەنىدى. بۇ دۇكاننىڭ خوجايىنى مۇخبىرغا تونۇشتۇرۇپ:« بۇ نومۇرلارنىڭ ھەممىسى بۇرۇنقى كونا يانفون نومۇرلىرى بولۇپ، بۇ نومۇرلارنىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ يۇقىرىلاش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى، شۇڭلاشقا نۇرغۇن يانفون ئابونتلىرى بۇ نومۇرلارنى سېتىۋېلىپ ساقلايدۇ»دېدى.

بىر نەپەر تېلىگراف تىجارەتچىسى خىزمەتچىسىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، بازارلاردا سېتىلىۋاتقان بۇ خىل چىرايلىق تۇتاش كەلگەن يانفون نومۇرلىرى ئادەتتە تېلىگراف تىجارەتچىلىرى تەرىپىدىن ھەر قايسى ئۇششاق تىجارەتچىلەرگە سېتىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، يەنە بەزى چىرايلىق نومۇرلارنى بولسا يانفون ئابونتلىرى باشقىلارغا سېتىۋېتىدىكەن. تېلىگراف شىركەتلىرى ھەر قېتىم يانفون نومۇرى تارقاتقاندا، يۇقارقى ‹نومۇر ئەتكەسچىلىرى› ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن چىرايلىق تۇتاش يانفون نومۇرلىرىنى قولىغا چۈشۈرۈۋېلىپ، ئاندىن بۇ نومۇرلارنى يەنە باشقا ئۇششاق تىجارەتچىلەرگە (مەسىلەن: يانفون سېتىش دۇكىنى، رىمونت دۇكىنى) باھا چاپلاپ سېتىۋېتىدىكەن، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ تىجارەتچىلەر يۇقارقى چىرايلىق تۇتاش يانفون نومۇرلىرىغا يەنە مەلۇم دەرىجىدە باھا چاپلاپ، يۇقىرى باھادا ساتىدىكەن. بۇ خىل چىرايلىق تۇتاش كەلگەن يانفون نومۇرلىرى ھەر قايسى تېلىگراف تىجارەتچىلىرىدىن يانفون ئابونتلىرىنىڭ قولىغا يېتىپ بارغۇچە بولغان ئارلىقتا ئاز دېگەندىمۇ ئىككى باسقۇچنى بېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، بۇ باسقۇچلاردا يانفون نومۇرىنىڭ باھاسىغا ئۆزلۈكسىز ھالدا باھا چاپلىنىپ ماڭىدىكەن. شۇڭلاشقا يانفون نومۇرى سېتىشمۇ ھازىر كىشىلەر مەبلەغ سېلىشكە باشلىغان، شۇنداقلا بىراقلا بېيىپ كېتىش پۇرسىتى ئۇچراپ قالىدىغان بېيىش يولى بولۇپ قالغان.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق