باش بەت>>ئىقتىساد>>ئىستېمال
ئاشخانىسى بولمىغان تېز تاماقخانا شىركىتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-05-22 09:58:01

 

 

كورېيەنىڭ سېئول شەھىرىدە ھەر كۈنى چۈشتە تاماق يەتكۈزۈش ماشىنىسى شەھەر كوچىسىدا ئايلىنىپ يۈرىدۇ. خېرىدارلار بۇ تاماق يەتكۈزۈش شىركىتى تەمىنلىگەن قاچىلىق تاماقنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنىڭ كۆركەملىكىنى، باھاسىنىڭ ئەرزانلىقىنى، سودىسىنىڭ ياخشىلىقىنى ماختىشىدۇ. دەسلەپتە، كۆپلىگەن كىشى بۇ شىركەتنى مۇناسىپ ئەمەلىي كۈچكە ئىگە، دەپ قارىغان، كېيىن بۇ شىركەتنىڭ بارلىق مەبلىغىنىڭ ئاشۇ بىر قانچە تاماق يەتكۈزۈش ماشىنىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ ھەيران قېلىشقان. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى شۇكى، بۇ شىركەتتە ھېچقانداق ئاشخانا ئۈسكۈنىسى، ئاشپەز، ھەتتا ئاشخانىمۇ يوق.

ئەسلىدە بۇ شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى مەبلەغ سېلىشتىن بۇرۇن بازارنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈپ، بازارنىڭ چۈشلۈك قاچىلىق تاماققا تولىمۇ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان، ئىلگىرىكى تاماق يەتكۈزۈش دۇكانلىرىدا تاماق سۈپىتى ياخشى بولماسلىق، مۇلازىمىتى مۇكەممەل بولماسلىقتەك مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، ئىستېمالچىلارنى قانائەتلەندۈرەلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ياش مېھمانسارايلار بىلەن تاماق بىلەن تەمىنلەش توختامى ئىمزالاپ، ئۇلارغا بەلگىلەنگەن خۇرۇچ تەييارلاش ئۆلچىمى ۋە سۈپەت تەلىپى بويىچە غىزا تەييارلاتقۇزۇپ، ئۆلچەملىك قاچىلارغا قاچىلاپ، ئېھتىياجلىق خىزمەت بىنالىرىغا يەتكۈزگەن. شىركەت مەبلەغ سېلىنمىسى توپلىماستىنلا، ھازىر بار بولغان مەنبەنى ئۇستىلىق بىلەن تەڭشەپ ۋە رەتكە سېلىپ، ‹‹ ئۈچنى يېڭىش›› ئۈنۈمىگە ئېرىشكەن.

 


 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق