باش بەت>>ئىقتىساد>>ئىستېمال
كورىيەدە 50 ياشتىن يۇقىرى ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى تېز سۈرئەتتە يۇقىرى ئۆرلىدى
مەنبەسى:خەۋەر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-18 16:30:04

كورىيە «ئاسىيا ئىقتىسادى» گېزىتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، كورىيە سىتاستىكا نازارىتى ئېلان قىلغان «ئىقتىسادى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى نوپۇسنى تەكشۈرۈش دوكلاتى»دا، 2013-يىلىدىكى كورىيەدىكى رەسمىي دۆلەت خىزمەتچىلىرىدىن باشقا ئەمگەكچىلەردىن10 نەپىرىدىن ئالتە نەپىرىنىڭ 55 ياشتىن يۇقىرى ئاياللار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. يېقىندا، قېرىلىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىشىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يېشى 50تىن يۇقىرى بولغان ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى تېز سۈرئەتتە ئاشقان، ئەمما ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتى تولىمۇ ناچار.

خەۋەر قىلىنىشىچە، يېشى 55تىن يۇقىرى بولغان ئاياللارنىڭ رەسمىي دۆلەت خىزمەتچىلىرىدىن باشقا ئەمگەكچىلەر ئارىسىدىكى ئىگىلىگەن نىسبىتى 2007-يىلى %8.1، 2010-يىلى %10.9، 2012-يىلى %12.2، 2013-يىلى %13.7، 2014-يىلى %15.2بولغان. مەملىكەتتە ئىقتىسادىي كىرزىس يۈز بەرگەندىن كېيىن، يېشى 50تىن يۇقىرى بولغان ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى توختىماي ئاشقان بولۇپ، خىزمەت ئورنىنىڭ شارائىتىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس ئىكەن.

50 ياشتىن يۇقىرى ئاياللارنىڭ خىزمەت قىلىش ئەھۋالى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گەۋدىلىك ئىپادىلىنىشكە باشلىغان. ئانالىز قىلىنىشىچە، بۇ خىل ئەھۋال يۈز بېرىشىنىڭ سەۋەبى باشقا دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، كورىيەنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ئاجىز؛ ئاياللار ئازادلىقىدىن كېيىن، ئۇلار ياشانغان ۋاقىتلىرىدىكى تۇرمۇشقا كۆنەلمىگەنلىكتىن قايتىدىن خىزمەت قىلىشقا باشلايتتى. ئۇنىڭدىن باشقا ئاجرىشىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئائىلە قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ بۇنىڭ بىر سەۋەبى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كورىيە ئەمگەكچىلەر بازىرىنىڭ ئىككى قۇتۇپلىشىشى سەۋەبىدىن ئوتتۇرا قاتلامدىكى تېخنىكىلىق خىزمەت ئورۇنلىرى شىددەت بىلەن ئازايدى. بۇ تۈردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاشخانا، مۇھىت ئاسراش دېگەندەك ئادەتتىكى ئەمگەك ۋە ساغلاملىق، ئىجتىمائىي پارۋانلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىناتتى.

كورىيە ئەمگەك تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇلى :« يېشى 50تىن يۇقىرى بولغان ئايال ئەمگەكچىلەر ئارىسىدا، يېڭىدىن كۆپىىۋاتقان خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى خېلىلا تۆۋەن» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق