باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو
كېيىك گۆشى يىگەنلەر پۇشايماندا قېلىشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-17 15:55:09

 

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ناسىپجان مامۇت، رەيھانگۇل ئالىم: ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى زاكىر 2013-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرى بولۇڭكۆل يېزىسىنىڭ قارا داۋان دىگەن يايلىقىغا چىقىپ بىر نەچچە تۇياق چارۋىلىرىنىڭ يوقالغانلىقىنى بىلدى-دە، چارۋىلىرىمنى چوقۇم بۆرىلەر يەپ كەتكەن چېغى دەپ ئويلاپ تاشلىق ئارال دىگەن يەرگە بۆرە تۇتۇش ئۈچۈن تۆمۈر قاپقان قويۇپ تاغدىن قايتىپ چۈشتى.بىر قانچە كۈن ئۆتتى، زاكىر چارۋىلىرىنى يوقلىغىلى تاققا چىقىپ قاپقان قويغان يەرگە بېرىپ قارىۋىدى، قاپقانغا چىشى تاغ ئۆچكىسىنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆردى.زاكىر خۇشاللىقىدا شۇ ھامانلا يېنىدىكى پىچاق بىلەن تاغ ئۆچكىسىنى بوغۇزلاپ ئۆلتۈردى-دە، گۆشىنىڭ بىر قىسمىنى تېرىسىگە يۆگەپ شۇ يەردىكى تاشنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ قويدى،گۆشنىڭ قالغان قىسمىنى ئۆزىنىڭ سومكىسىغا سېلىپ، قاپقاننى يەنە شۇ يەرگە قايتىدىن قۇرۇپ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى،ھەمدە شۇ كۈنى كەچتە بالا-چاقىلىرى بىلەن گۆشنى يەپ قوپۇپ كىتىشتى.ئارىدىن 5-6 كۈن ئۆتكەندىن كىيىن زاكىر يەنە تاققا چىقىپ يوشۇرۇپ قويغان گۆشنى ئۆيىگە ئېلىپ كەلدى. 10-ئاينىڭ ئاخىرى بولسا كىرەك،زاكىر تاشلىق ئارالغا يەنە مال يوقلىغىلى بېرىۋىدى، قاپقانغا يەنە بىر تۇياق كىيىك ئوغلىقى (تاغ ئۆچكىسى) نىڭ چۈشكەنلىكىنى كۆردى.زاكىر كېيىك گۆشىنى ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشاشلا بىر قىسمىنى بالا-چاقىلىرى بىلەن تەڭ يىگەچ، بىر قىسمىنى ئۆيىگە ئېسىپ قويدى.

بۇلتۇر 11-ئاينىڭ 19-كۈنى زاكىرنىڭ خوشنىسى باتۇر مەش كانىيى سوراپ كىرىش جەريانىدا قازناق ئۆيدە ئېسىغلىق گۆشنى كۆرۈپ قالدى.باتۇر زاكىردىن ئازراق گۆش بېرىشنى تۆۋەنچىلىك بىلەن تەلەپ قىلدى.

-- «ساڭا گۆش لازىم بولسا مەن بىرەي،ئەمما بۇ خەتەرلىك گۆش، قوغدىلىدىغان ھايۋان كىيىڭنىڭ گۆشى، باشقىلار كۆرۈپ قالمىسۇن» دىدى زاكىر باتۇرغا كىيىك گۆشىنى بەرگەچ،

-- «مەنمۇ بىلىمەن قوشنام، بۇ گۆشنى باشقىلارغا ھەرگىزمۇ بەرمەيمەن، ئۆزەم يەيمەن» دىدى باتۇرمۇ كۈلۈمسىرگەن ھالدا.

باتۇر قوشنىسى بەرگەن گۆشلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئىستىمال قىلىپ، بىر قىسمىنى لازىم بولۇپ قالار دەپ ساقلاپ قويدى.ئارىدىن تۆت كۈن ئۆتكەندە باتۇرنىڭ ئۆيىگە تۇققىنى جالالىدىن مېھمان بولۇپ كەلدى، جالالىدىن قايتىش ۋاختىدا زاكىر ماشىنىسىنىڭ كەينىگە كېيىك گۆشىدىن ئازراق سېلىپ بەردى.جالالىدىن ئولتۇرغان كىرا ماشىنىسى بىر ئاز مېڭىپ دۆلەت 306-نۇمۇرلۇق تاشيولنىڭ 1576-كىلومىتىر +900 مىتىرلىق بۆلىكىگە كەلگەندە ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى ئويتاغ قاتناش ساقچى ئوتتۇرا ئەتىرىتىدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قالدى.جالالىدىن بۇ گۆشلەرنى تۇققىنى باتۇرنىڭ بەرگەنلىكىنى ، قالغان ئىشلارنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيىتتى. ج خ خادىملىرى شۇ ھامانلا باتۇرنى چاقىرىپ سوراق قىلىۋىدى، باتۇر بۇ گۆشلەرنى زاكىرنىڭ بەرگەنلىكىنى ئېيىتتى. ج خ خادىملىرى شۇ ھامانلا زاكىرنى قولغا چۈشۈردى.

جاۋاپكار زاكىر ئەتىۋارلىق، خەۋىپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتۇش، ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن، جاۋاپكار باتۇر جىنايەت ئۆتكۈزۈش يولى بىلەن ئېرىشكەن تاپاۋەت، ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان پايدىنى پەردازلاش، يوشۇرۇش جىنايىتى بىلەن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق ئورمان ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بۇلتۇر 5 –دېكابىر ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلدى.

ئاقتۇ ناھىيلىك تەپتىش مەھكىمىسى زاكىرنىڭ قىلمىشىدىن ئەتىۋارلىق، خەۋىپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتۇش، ئۆلتۈرۈش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.جاۋاپكار باتۇرنىڭ قىلمىشىدىن جىنايەت ئۆتكۈزۈش يولى بىلەن ئېرىشكەن تاپاۋەت، ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان پايدىنى پەردازلاش، يوشۇرۇش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاۋاپكارلارنىڭ جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسى ياخشى، جاۋاپكارغا قانۇن بويىچە مۇۋاپىق جازا بېرىشىڭلارنى سورايمىز دەپ سوت مەھكىمىسىگە شىكايەت قىلدى.

جاۋاپكار زاكىر سوتتا : ئەيىپلەشنامىدا بىكىتىلگەن جىنايى پاكىتقا قارىتا باشقىچە پىكىرىنىڭ يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ئۆزىنى ئۆزى ئاقلاش جەھەتتە «مەن نامىرات چارۋىچى، بىر بالام ئوقۇۋاتىدۇ. بىر بالام ئىچىكىرىدە ئوقۇۋاتىدۇ. قويۇمنى بۆرە يىۋىلىپ بۆرىنى تۇتاي دەپ قاپقان قويسام كىيىك چۈشۈپ قاپتۇ. مەن قەستەن كىيىك تۇتمىغان. كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلساڭلار. مۇمكىن بولسا جەرىمانە ياكى جازايىمنى كىچىكتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلساڭلار» دىگەن پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جاۋاپكار باتۇر سوتتا: ئەيىپلەشنامىدا بىكىتىلگەن جىنايى پاكىتقا قارىتا باشقىچە پىكىرىنىڭ يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ئۆزىنى ئۆزى ئاقلاش جەھەتتە «ساۋاتسىزلىقىمدىن گۆشنى بىلمەي ئېلىپ قاپتىمەن. باشقىلارغا بېرىپ قاپتىمەن. مىنى كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلساڭلار» دىگەن پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاقتۇ ناھىيلىك سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى؛ جاۋاپكار زاكىرنىڭ تاغ ئۆچكىسىنىڭ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆلتۇرگەن قىلمىشىدىن ئەتىۋارلىق، خەۋىپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتۇش، ئۆلتۈرۈش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاۋاپكار ئىككى تۇياق تاغ ئۆچكىسىنى ئۆلتۈرگەن. شۇڭا قىلمىشىنىڭ دەرىجىسىنى ئېغىر دەپ بىكىتىشكە تىگىشلىك. جاۋاپكار باتۇرنىڭ باشقىلار قانۇنسىز يول ئارقىلىق ئېرىشكەن تاپاۋەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، قانۇنسىز تاپاۋەتنى ئالغان قىلمىشىدىن جىنايەت ئۆتكۈزۈش يولى بىلەن ئېرىشكەن تاپاۋەت، ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان پايدىنى پەردازلاش، يوشۇرۇش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. سوتتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان پاكىت، يۈزلەشتۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلگەن، ئىسپاتلاش كۈچى بىكىتىلگەن دەلىل-ئىسپات ۋە قانۇندىكى بەلگۈلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا تەپتىش مەھكىمىسنىڭ جاۋاپكارلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان شىكايىتىنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى بار قوللاشقا بولىدۇ. جاۋاپكارلارنىڭ ئۆزىنى ئاقلاپ ئوتتۇرىغا قويغان ئاقلاش پىكىرىنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى يوق قوللاشقا بولمايدۇ. جاۋاپكارلارغا جازا بەرگەندە جىنايىتىنى تونۇپ تۆۋە قىلىش ئىپادىسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىك تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ مۇۋاپىق جازا بېرشىكە تىگىشلىك دەپ قاراپ 29–سېنتەبىر سوت ئېچىپ، جاۋاپكار زاكىرنىڭ ئەتىۋالىق، خەۋىپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتۇش، ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك بەش يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، قوشۇمچە 5000 يۈەن جەرىمان قويۇش، جاۋاپكار باتۇرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش يولى بىلەن ئېرىشكەن تاپاۋەت، ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان پايدىنى پەردازلاش، يوشۇرۇش جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك ئون ئايلىق قاماق جازاسى بېرىپ،بىر يىل كىچىكتۇرۇپ ئىجرا قىلىش، قوشۇمچە 2000 يۈەن جەرىمان قويۇش جازاسى بەردى.

ئەسكەرتىش: كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق