باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: چاۋشيەندە قولغا ئېلىنغان مېللېر جازا مۇددىتىنى ئىجرا قىلىشنى باشلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-25 18:27:39

 

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى CNNنىڭ 25 – سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەندە قولغا ئېلىنغان ئامېرىكىلىق جازا مۇددىتىنى ئجرا قىلىشقا باشلىغان، بۇندىن بۇرۇن چاۋشيەن ئەڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى 14 – چىسلا 24 ياشلىق ئامېرىكا پۇقراسى ماسسېۋ تود مېللېرغا ئالتە يىللىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسى بەرگەن، سەۋەبى ئۇ 4 – ئايدا چاۋشيەندە ساياھەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئۆزىنىڭ چاۋشيەنگە قارشى دۈشمەنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئىقرار قىلغان.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى، چاۋشيەن ئەمەلدارى 24 – چىسلا مىللېرنىڭ مەھبۇس كىيىمى كىيىۋالغان بىر پارچە سۈرىتىنى ئېلان قىلغان. سۈرەتتە مىللېر كۆك رەڭلىك مەھبۇسلار كىيىمى كىيىۋالغان بولۇپ، بۇ كىيىمگە 107 دېگەن نومۇر بېسىلغان، ئۇنىڭ چېچى مەھبۇسلارنىڭكىگە ئوخشاش قىلىپ ياسالغان بولۇپ، چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە يوق. مىللېرنىڭ قەيەردە جازا مۇددىتى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ زادى قانداق ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى توغرىسىدىكى تەپسىلاتلار ئاشكارىلانمىغان.

بۇندىن بۇرۇنقى خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن، چاۋشيەن مەركىزىي ئۇچۇر ئاگېنتلىقى 9 – ئاينىڭ 20 – كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىلىق مىللېرنىڭ چاۋشيەندە سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئېچىپ بەرگەن. بۇ ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلگەن، ئامېرىكىلىق ماسسېۋ تود مىللېر 2014 – يىل 4 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ساياھەتچى سالاھىيىتى بىلەن چاۋشيەن چېگرىسىدىن كىرگەن، پيۇڭياڭ ئاۋىئاتسىيەسى تەكشۈرۈش پونكىتىدا چېگرىدىن كىرىش رەسمىيىتى بېجىرگەن ۋاقىتتا ساياھەت ۋىزىسىنى يىرتىپ تاشلاپ، ۋەقە تۇغدۇرغان، شۇڭا ئالاقىدار تارماقلار ئۇنى قولغا ئالغان. بىراق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مىللېر مۇشۇ ھەرىكەت ئارقىلىق چاۋشيەن قانۇن تارماقلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، چاۋشيەن تۈرمىسىگە كىرىپ، شۇ تۈرمىدىكى كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى بىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى، مىللېرنىڭ جىنايەت سادىر قىلىش مەقسىتى، ئىشتىن بۇرۇن تەييارلىق قىلىپ يولغا قويۇشىنىڭ ھەممىسىلا «چاۋشيەنگە قارشى نامۇۋاپىق مەقسەتتە بولغانلىقى» نى ئىپادىلەيدىكەن. مىللېر چاۋشيەننى ئويۇنچۇق ئوبېكتى قىلىۋالغان، ئۇنىڭ جىنايىتى بولسا چاۋشيەنگە «ھۆرمەتسىزلىك قىلىش ۋە چاۋشيەننى ئەخمەق قىلىش»، شۇڭا چوقۇم جازالىنىشى كېرەك. مىللېرنىڭ قىلمىشى چاۋشيەن جازا قانۇنىنىڭ 64 – ماددىسى (جاسوسلۇق جىنايىتى) دىكى جىنايى قىلمىشقا ياتىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق