باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو
ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەن 15 ياشلىق قىز ساراڭغا خوتۇنلۇققا سېتىۋېتىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-27 12:26:49

 

ئالداپ سېتىۋېتىلگەن قىز شىياۋ چىيۇڭ ۋە جىنايەت گۇماندارى-چىيەن فامىلىلىك

15 ياشلىق گۇيجۇلۇق قىز ئۆيدىكىلىرىگە قېيداپ ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ قىز ئويلىمىغان يەردىن باندىتنىڭ باسقۇنچىلىق قىلىشىغا ئۇچرىغان ھەم كەينىدىن ئەنخۇيغا ئالداپ ئاپىرىلىپ باشقىلارغا سېتىۋېتىلگەن. 9-ئاينىڭ 24-كۈنى، تىيەنچاڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى چاجىيەن ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىلىرى كېچىچە ھەركەت ئېلىپ بېرىپ بۇ قىزنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى شۇنداقلا ئادەم ئالداپ سېتىش جىنايىتى بىلەن چېتىشلىق گۇيجۇلۇق جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالدى.

9-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە، تىيەنچاڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى چاجىيەن ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىلىرى چاجىيەن بازىرى چابېي كەنتىدە چارلاش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا بىر كەنت پۇقراسى ساقچىلارغا خەۋەر يەتكۈزۈپ، ياقا يۇرتلۇق بىر ئەرنىڭ بىر كىچىك قىزنى پىياۋپەي كەنتىدىكى بىر ساراڭغا خوتۇنلۇققا سېتىپ بېرىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. بۇ ئۇچۇرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، چاجىيەن ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىلىرى دەرھال چاجىيەن بازىرى پىياۋپەي كەنتىگە يېتىپ بارغان ھەم بىر كېچە ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاخىرىدا مەزكۇر كەنتتىكى بىر پۇقرانىڭ ئۆيىدىن بۇ قىزنى تاپقان، ساقچىلار يەنە بۇ ئۆيدىن ياقا يۇرت تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدىغان بىر ئەرنىمۇ قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، دەرھال بۇ ئىككىسىنى چاجىيەن ساقچىخانىسىغا ئېلىپ كەلگەن.

بۇ كىچىك قىزچاق ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن قورققىنىدىن ئاغزىغا گەپمۇ كەلمەي قالغان بولۇپ، ساقچىلارنىڭ نەچچە سائەت ئەستايىدىل نەسىھەت قىلىپ تەربىيە ئىشلىشى ئارقىسىدا بۇ قىز ئاخىرى ‹پاڭڭىدە› ئېتىلىپ يىغلىغىنىچە ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەرنى ساقچىلارغا ئېيتىپ بېرىشكە باشلىغان، ئەسلىدە بۇ قىزنىڭ ئىسمى شىياۋ چىيۇڭ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆيى گۇيجۇ ئۆلكىسى پۇدىڭ ناھىيىسىدىكى مەلۇم يېزىدا ئىدى. بۇ قىز ئەمدىلا 15 ياشقا كىرگەن بولۇپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىغا چىقىپلا مەكتەپتىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەنىدى. بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن، شىياۋ چىيۇڭ كىچىك بىر ئىش تۈپەيلى ئاتا-ئانىسى بىلەن قىزىرىشىپ قالغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئۆيدىكىلىرىگە قېيداپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ھەم ئۆزى يالغۇز ھالدا ئەنشۇن شەھىرىگە كەلگەن، شىياۋ چىيۇڭ بۇ يەردە 28 ياشلىق گۇيجۇلۇق ئەر چىيەن فامىلىلىك بىلەن تونۇشۇپ قالغان بولۇپ، چىيەن فامىلىلىك ئەر شىياۋ چىيۇڭنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتمەكچى بولغاندا، شىياۋ چىيۇڭ ئۇنىمىغان، لېكىن بۇ ئەر شىياۋ چىيۇڭنى بىر شاپىلاق ئۇرغاندىن كېيىن مەجبۇرىي ھالدا ئۇنى ئۆزى ئىجارە ئالغان ئۆيگە ئېلىپ كەلگەن ھەم شىياۋ چىيۇڭنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىگە قارىماستىن ئۇنىڭ بىلەن مەجبۇرىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن.

كېيىنكى نەچچە كۈن ئىچىدە، چىيەن فامىلىلىك شىياۋ چىيۇڭنى بۇ ئىجارە ئۆيگە سولاپ قويغان بولۇپ، كەينىدىن ئۇ خىزمەت تېپىپ بېرىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ شىياۋ چىيۇڭنى يىبىڭ، نەنجىڭ قاتارلىق شەھەرلەرگە ئېلىپ بارغان، ئارقىدىن ئۇ شىياۋ چىيۇڭنى ئېلىپ ئەنخۇي ئۆلكىسى تىيەنچاڭ شەھىرى چاجىيەن بازىرى پىياۋپەي كەنتىدىكى مەلۇم دېھقاننىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بارغان. چىيەن فامىلىلىك ئەسلىدە شىياۋ چىيۇڭنى 30 مىڭ يۈەنگە مۇشۇ كەنتتىكى 25 ياشلىق ئەقلى كەمتۈك بىرىگە خوتۇنلۇققا سېتىپ بېرىشكە تەييارلىنىۋاتقان بولۇپ، شىياۋ چىيۇڭنىڭ سالاھىيەت كېنىشكىسى بولمىغاچقا، ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولغان ئۆيدىكىلەر ئالدىنىپ قېلىشتىن قورقۇپ، بۇ ‹سودا› پۈتمەي كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتكەنىكەن. تەلەيگە يارىشا، شۇ كۈنى كېچىسى ساقچىلار بۇ دېلودىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال ھەركەتكە كېلىپ شىياۋ چىيۇڭنى قۇتۇلدۇرۇۋالغان ھەم چىيەن فامىلىلىك جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق