باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو
ھىندىستان زۇڭلىسى مودى تۇنجى قېتىم ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا سوت تەرىپىدىن چاقىرتىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-27 13:04:36

 

ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى ھىندىستان زۇڭلىسى-نارىندىرا. مودىنى ئىلگىرى ھىندىستان گۇجارات فېدراتسىيىسىنىڭ باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىللىرىدە شۇ جايدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق توقۇنۇش ۋەقەسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلماي، نەچچە يۈز پۇقرانىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتەك قىلمىشىغا قارىتا جاۋاب بېرىشكە چاقىرتقان.

رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ 26-چېسلا كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ‹ئامېرىكا ئەدلىيە مەركىزى› دەپ ئاتىلىدىغان مەلۇم ئەل ئىچى تەشكىلاتى 2002-يىلى ھىندىستاندا يۈز بەرگەن شۇ قېتىملىق زوراۋانلىق ۋەقەسىدە ئامان قالغان ئىككى نەپەر كىشىگە ۋەكىل بولۇپ، نىيويوركتىكى مەلۇم سوت مەھكىمىسىگە مودىنىڭ قىلمىشى توغرىلىق ئەرز سۇنغان، بۇ ئەرزنامىدە چەتئەل پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقى دەخلى تەرۇزغا ئۇچراش تۆلەم قانۇنى ۋە دەھشەتلىك قىيىن قىستاققا ئۇچرىغۇچىلارنى قوغداش قانۇنىغا ئاساسەن، ھىندىستان زۇڭلىسى مودىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى ۋە قانۇن سىرتىدا پۇقرالارنى ئۆلۈمگە بۇيرۇش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرى ئۈچۈن تۆلەم خاراكتېرلىك جازاغا تارتىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

بۇ ئەرزنامىدە، ‹مودى قەستەن ۋە يامان غەرەزدە شۇ يەردىكى ھىندىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى بىگۇناھ پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈش ۋە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا بۇيرۇق قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ جىنايى قىلمىشىغا دەلىل-ئىسپات تولۇق› دېيىلگەنىدى.

مودى ئىلگىرى بۇ ئەرز-شىكايەتكە ئالاقىدار ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلغان بولۇپ، ھىندىستان ئالىي سوت مەھكىمىسى 2012-يىلى ھىندىستاننىڭ گۇجارات فېدراتسىيىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەسىگە قارىتا مودىنىڭ گۇناھسىزلىقى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغانىدى.

مودى مۇشۇ ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ ئامېرىكىدا بەش كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇ يەنە نىيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش شىتابىدا سۆز قىلىدۇ ۋە ۋاشىنگىتونغا بېرىپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى-ئوباما بىلەن كۆرۈشىدۇ. بۇ ئۇنىڭ زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

 

كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق