باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو
مىسىر مۇبارەك دېلوسى توغرىسىدا ئاخىرقى سوت ھۆكۈمىنى چىقاردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-28 01:34:39

 

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مىسىر سوت مەھكىمىسى شۇ جاي ۋاقتى 27 – چىسلا مەزكۇر دۆلەتنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇبارەكنىڭ نامايىشچىلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى توغرىسىدا ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقارغان. بۇندىن بۇرۇن، مۇبارەك ئومۇمنىڭ پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش، پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئۈچ يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان. بۇرۇنقى «ئوتتۇرا شەرقتىكى كۈچلۈك شەخس» بۈگۈنگە كەلگەندە ئۇنىڭ تەقدىرى قانداق بولۇپ كېتەر، كۆپچىلىك بۇنىڭغا ناھايىتى قىزىقماقتا.

مۇبارەك ھەربىي ئائىلىدە تۇغۇلغان، بۇرۇن ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا ھاۋا ھۇجۇمىغا قوماندانلىق قىلغان، ھەمدە 1972 – يىلدىن 1975 – يىلغىچە بولغان مەزگىلدە مىسىر ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋە قوراللىق قىسىمنىڭ باش قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

1975– يىل 4 – ئايدا، مۇبارەك مىسىرنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بولغان، 1981 – يىل 10 – ئايدا زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. شۇندىن كېيىن ئۇ ئۇدا تۆت قارار زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2011 – يىل 2 – ئاينىڭ 11 – كۈنى، 18 كۈنلۈك چوڭ كۆلەملىك نارازىلىق پائالىيىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، مۇبارەك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ، 30 يىللىق ھاكىمىيەتنى ئاخىرلاشتۇرغان.

ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش، چىرىكلىشىش ۋە نامايىشچىلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش قاتارلىق جىنايەتلەرگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن مۇبارەك 2011 – يىل 8 – ئايدىن باشلاپ سوتقا تارتىلغان، ھەمدە مىسىر تارىخىدا تۇنجى قېتىم سوتلانغان دۆلەت رەھبىرى بولۇپ قالغان.

2012– يىل 6 – ئايدا، قاھىرە جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى مۇبارەكنى ئۆمۈرلۈك قاماققا بۇيرۇدى، ھەمدە مىسىر تولا تۈرمىسىگە ئاپىرىۋەتتى. تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىن، مۇبارەكنىڭ سالامەتلىكى ناچارلىشىپ، مائادى ھەربىي دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالاندى، سالامەتلىكى ياخشىلانغاندىن كېيىن يەنە تۈرمە دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلدى.

2013–يىل 1 – ئايدا، مىسىر ئالىي سوتى مۇبارەك قاتارلىق كىشىلەرنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى قوبۇل قىلىپ، مۇبارەك دېلوسىنى قايتا سوت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇلتۇر 8 – ئايدا، مىسىر سوت مەھكىمىسى مۇبارەكنىڭ ئومۇمنىڭ پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنى ئومۇمنىڭ پۇلىغا رېمونت قىلىش ۋە پارە ئېلىش دېلوسى توغرىسىدا قايتا كېسىم چىقىرىپ، مۇبارەكنى ۋاقتىنچە قويۇپ بېرىشنى قارار قىلدى. كېيىن، مۇبارەك كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىپ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، قاھىرەدىكى مائادى ھەربىي دوختۇرخانىسىغا نەزەربەنت قىلىۋېتىلدى.

بۇ يىل 5 – ئاينىڭ 21 – كۈنى، مىسىر سوتى مۇبارەكنىڭ ئومۇمنىڭ پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش، پارىخورلۇق جىنايىتى بار دەپ قاراپ، ئۇنى ئۈچ يىللىق مۇددەتلىك قاماققا بۇيرۇدى، ئۇنىڭ ئوغلىمۇ مۇشۇنداق جىنايەت بىلەن تۆت يىللىق قاماققا بۇيرۇلدى. مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى مىسىرنىڭ خامچوت مەبلىغىدىن 125 مىليون مىسىر فوندىنى يۆتكەپ ئىشلەتتى، بۇ پۇللارنى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنى رېمونت قىلىشقا ئىشلەتتى دەپ ئەيىبلەنگەن ئىدى.

ئالدىنقى ئاينىڭ 13 – كۈنى، مىسىردىكى بىر سوت مەھكىمىسى يەنە بىر قېتىم سوت ئېچىپ مۇبارەكنىڭ نامايىشچىلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە چېتىشلىق دېلوسى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى. شۇ كۈندىكى سوتتا 86 ياشلىق مۇبارەك چاقلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرۇپ سوتقا چىقتى، ھەمدە ئۆزىنى ئاقلىدى. مۇبارەك مۇنداق دېدى، مەن ئەزەلدىن نامايىشچى ئاممىغا قارىتىپ ئوق چىقىرىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرمىگەن. شۇ كۈنى باش سوتچى مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىلىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، سوتنىڭ 9 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقىرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

 

كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق