باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو
نىيويوركتا ۋېلسىپىت مىنىۋېتىپ يانفون ئىشلىتىش چەكلىنىشى مۇمكىن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خدۇابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-11-15 10:59:00

 

ئامېرىكىنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىدە شوپۇرلارنىڭ ماشىنا ھەيدەۋېتىپ يانفون ئىشلىتىشىگە قانۇن يول قويمايدىكەن، بىراق يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھىرى بۇ قانۇنىي بەلگىلىمىنى ۋېلىسىپىت مىنگۈچىلەرگىمۇ تەتبىقلىشى مۇمكىن ئىكەن. نىيۇيورك شەھەرلىك پارلامېنت ئەزاسى سۈيماك 13-نويابىر شەھەرلىك پارلامېنتقا بىر تۈرلۈك قانۇن لايىھىسى تاپشۇرغان بولۇپ، بۇ قانۇن لايىھەسىدە ۋېلىسىپىت مىنگۈچىلەرنىڭ ۋېلىسىپىت مىنىۋاتقاندا يانفون ئىشلىتىشنى چەكلەش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پۈتۈن شەھەر ئاھالىلىرىنى بىخەتەر ۋېلىسىپىت مىنىش قوللانمىسى بىلەن تەمىنلەش ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىكەن. سۈيماكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزىنىڭ بۇ تۈرلۈك قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا بىروكلىندا بىر نەپەر ۋېلىسىپىت مىنگۈچىنىڭ بىر تەرەپتىن ۋېلىسىپىت مىنىپ كېتىۋېتىپ يەنە بىر تەرەپتىن ئۇچۇر يوللىغانلىقى، نەتىجىدە بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسى كېلىپ چىققىلى تاس قالغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكى سەۋەب بولغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ نىيۇيورك شەھىرىدە بۇنداق خەتەرلىك قىلمىشلارنى چەكلەيدىغان قانۇنى بەلگىلىمىلەرنىڭ يوقلىقىنى بايقىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "مەن چىكاكونىڭ 2011-يىلى قانۇن لايىھىسى ماقۇللاپ ۋېلىسىپىت مىنگۈچىلەرنىڭ ۋېلىسىپىت مىنىۋاتقان چېغىدا يانفون ئىشلىتىشىنى چەكلىگەنلىكىنى، كالىفورنىيە شتاتىنىڭمۇ پۈتۈن شتات دائىرىسىدە بۇ خىل قىلمىشنى چەكلىمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بايقىدىم".

سۈيماكنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ قانۇن لايىھىسى تەربىيىلەشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە جەرىمانىدىن كىرىم كۆپەيتىش مەقسىتى يوق ئىكەن. ئۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "مەسىلەن، بىرىنچى قېتىم بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچى، باشقىلارنى يارىلاندۇرمىسا ياكى مال-مۈلۈكىگە زىيان سالمىسا جەرىمانە ئېلىنمايدۇ، ئەمما بىخەتەر ۋېلىسىپىت مىنىش دەرسىگە قاتنىشىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەمما باشقا شەھەرلەردىكى بەلگىلىمىلەردە جەرىمانە ئېلىنىدۇ، بىز پەقەت خەلق ئاممىسىنىڭ تەربىيىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز".

بىراق قانۇن لايىھىسىدە ۋېلىسىپىت مىنىپ كېتىۋېتىپ يانفون ئىشلىتىش سەۋەبىدىن باشقىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزسە ياكى مال-مۈلۈكىنى زىيانغا ئۇچراتسا 50 دوللاردىن 200 دوللىرىغىچە جەرىمانە قويۇش بەلگىلەنگەن. سۈيماك ئۆزىنىڭ بۇ قانۇن لايىھىسىنى ئاللىقاچان شەھەرلىك پارلامېنتقا تاپشۇرغانلىقىنى، بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ پات ئارىدا شەھەرلىك پارلامېنتىنىڭ قاتناش كومىتېتىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە، بۇ قانۇن لايىھىسى شەھەرلىك پارلامېنت قاتناش كومىتېتىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان پارلامېنت ئەزاسى Ydanis Rodrigue نىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. شەھەر باشلىقى بەي سىخاۋمۇ بۇ قانۇن لايىھىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق