باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو
ئامېرىكىدا تۇنجى ھەمجىنىس ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئاجرىشىش دېلوسىغا ھۆكۈم چىقاردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-12-21 16:17:20

 

 

ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك ئاخبارات گېزىتى» نىڭ 20-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى 17-دېكابىر مەزكۇر شىتات ۋە پۈتۈن ئامېرىكا مىقياسىدىكى تۇنجى ھەمجىنىس ئەر-ئايالنىڭ ئاجرىشىش دىلوسىغا قوشۇلۇش ھۆكۈمى چىقاردى. بۇ ئىككى ئايال ھەمجىنىس بۇرۇن ۋېرمونت شىتاتىدا توي قىلغان ئىدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر ئاجرىشىش دىلوسىغا قوشۇلۇش ھۆكۈمى چىقارغان باش سوتچى فىلورىدا شىتاتى ھەركەتچان سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى دالې كوخېن (Dale Cohen) بولۇپ، ئۇ بۇرۇن فىلورىدا شىتاتىنىڭ ھەمجىنىسلارنىڭ توي قىلىشىنى چەكلەش ئاساسى قانۇنغا خىلاپ دەپ ھۆكۈم چىقارغان ئىدى.

ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلغۇچى خېتېر بىراسنېر (Heather Brassner) بولۇپ، ئۇ 2002-يىلى ۋېرمونت شىتاتىدا ھەمجىنىس ھەمراھى بىلەن توي قىلغان، ئۇلارنىڭ ئۆي تۇتىۋاتقانلىقىغا ھازىر 12 يىل بولدى. خېتېر بىراسنېرنىڭ ئادۋۇكاتى نەنسىي بىرودزىكى (Nancy Brodzki) مۇنداق دېدى، مەزكۇر سوتچى تېخى بۇيرۇققا ئىمزا قويمىدى، مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرمۇ رەسمىي ھالدا بىر تەرەپ قىلىنمىدى. بىراق مېنىڭ قارىشىمچە فىلورىدا شىتاتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار مەزكۇر قارارغا قارىتا نارازىلىق ئەرزى بەرمەيدۇ، چىقىرىلىپ بولۇنغان قاراردىمۇ ئۆزگىرىش بولمايدۇ.

فىلورىدا شىتات تەپتىش ئەمەلدارى پام بوندى (Pam Bondi) مۇنداق دېدى، مەزكۇر ھەمجىنىس ئەر-ئاياللارنىڭ ئاجرىشىش دىلوسى توغرىسىدىكى ھۆججەتلەر سۇنۇلغان ۋاقىتتا بىزنىڭ ئىشخانىسىدىكىلەر چوقۇم ئىنچىكىلىك بىلەن قاراپ چىقىمىز.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق