باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو
ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىر يەسلى بالىسىغا پەسكەشلىك قىلىپ 30 يىل كېسىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2015-01-20 09:17:38

 

 

ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 19-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 25 ياشقا كىرگەن ئامېرىكىلىق جۇڭگولۇق مۇھاجىر ئوقۇتقۇچى يېقىندا بالىلارغا جىنسىي پاراكەندىلىك قىلىش، پەسكەشلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئالتە يىل، يۇقىرى بولغاندا 30 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ ئەر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسمى فېڭ جىيەن بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش مەزگىلىدە ئۇدا ئىككى قېتىم يەسلى ئوقۇغۇچىلىرىغا پەسكەشلىك قىلغان، 17-يانۋار ئۇ كۇك رايونلۇق (Cook County) تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن تۆت خىل «X دەرىجىلىك ئېغىر جىنايەت» (ClassXfelonies) نىڭ ئىچىدىكى «قەبىھلەرچە جىنسىي پاراكەنچىلىك قىلىش جىنايىتى» (predatory criminal sexual assault) بىلەن قارلانغان، ئەگەر شىتات قانۇنى بويىچە «X دەرىجىلىك ئېغىر جىنايەت» بېكىتىلىپ قالسا، ئۇ ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئالتە يىل، ئەڭ ئېغىر بولغان 30 يىل مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ ۋە شۇنداقلا كېپىللىككە قويۇپ بېرىلمەيدۇ.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئىككى يېشىدىلا ئائىلىسى بىلەن جۇڭگودىن ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن فېڭ جىيەن جەنۇبى چىكاگو جۇڭگولۇقلار كوچىسى گېلىن دورا ئىدارىسى (South Chicago Chinatown Hua Gelin Drugstore) نىڭ ئەتراپىدا تۇرىدىكەن، ئۇنىڭ بىلەن تونۇش كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار فېڭ جىيەننىڭ مۇشۇنداق ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىدىن نومۇس قىلىدىكەن.

كۇك رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىدىن ئايان بولىشىچە، فېڭ جىيەن چىكاگونىڭ جەنۇبى لۇپ رايونى (south loop) دىكى دۆلەتلىك پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى (Easter Seals National Teachers Academy) دا يەسلى سىنىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىكەن. كۇك رايونلۇق تەپتىش ئەمەلدارى مارىي خائىن (Mary Hain) شۇ جاي ۋاقتى 17-يانۋار كۇك رايونلۇق سوت مەھكىمىسىگە مۇنۇلارنى بىلدۈردى، مەزكۇر مەكتەپتىكى تېلېكامىرا مەزمۇنىدىن قارىغاندا، فېڭ جىيەن ئالدىنقى يىلى 11-ئايدا بالىلارغا جىنسى پاراكەنچىلىك قىلغان. بۇ يىل 1-ئايدا يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق قىلمىش سادىر قىلغان.

يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فېڭ جىيەن 16-يانۋار قولغا ئېلىنغان بولۇپ، مەزكۇر مەكتەپنىڭ باياناتچىسى كېللىي ئاننې ئوخدې (Kelly Anne Ohde) مۇنداق دېدى، بىز ئەينى ۋاقىتتا فېڭ جىيەننى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرگەن، ئۇ بۇرۇن جىنايەت سادىر قىلمىغان ئىدى. كۇك رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى ئادام بورگېئويىس (Adam Bourgeois Jr) شۇ كۈنى فېڭ جىيەننى كىپىللىككە بېرىش تەلىپىنى رەت قىلدى ۋە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فېڭ جىيەننىڭ قىلمىشى بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە زىيان سالدى.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق