باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو
ئاياللار ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغاندا ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانداق قوغدىشى كېرەك؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل | يوللانغان ۋاقىت:2015-04-07 09:19:56

 

 

ئاپتور: شىنجاڭ راۋان ئادۋۇكاتلىق ئورنىدىن ئارزۇگۈل ئابدۇراخمان

دۆلىتىمىزدە ھازىرغا قەدەر ئائىلە زوراۋانلىق ئەھۋاللىرى مەۋجۇت بولۇپ، ئاپتونۇم رايونىمىزدا، بولۇپمۇ چەت يېزا رايونلىرى ھەم ئىقتىسادى بىر قەدەر ئارقىدا قالغان رايونلاردا فېئودالىزىملىق ئىدىيە ھەم «ئەرلەر ئۈستۈنلۈك مەسلىكى» ئىدىيسنىڭ تەسىرى بىلەن ئاياللارنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچراش ئەھۋاللىرى كۆپ ئۇچرايدىغان ئائىلە زىددىيەتلىرنىڭ بىرى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئائىلە زوراۋانلىقى ئەر-ئايال ئوتتۇرسىدىكى تويلىشىش مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، پەرزەنتىلەرنىڭ ساغلام، ئەتراپلىق ئۆسۈپ يېتىلىشگە بىۋاستە تەسىر كۆرىستىدۇ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر تۈرلۈك جىددى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي ھادىسە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بىر قىسىم ئاياللارنىڭ قانۇن ئېڭىنىڭ تۆۋەن بولۇشى سەۋەبىدىن ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغاندا ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانداق قوغداش، «ئائىلە زوراۋانلىقى» نى قانۇن ئارقىلىق قانداق بىر بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمەيدۇ. تۆۋەندە مەن «ئائىلە زوراۋانلىقى» غا ئۇچرىغان ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتنى قانداق قوغداش كېرەكلىكى ھەم «ئائىلە زوراۋانلىقى» تەرەققىي قىلىپ قايسى باسقۇچقا يېتىپ بارغاندا جىنايەت شەكىللەندۈردىغانلىقى توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىمنى كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئورتاقلاشماقچى.

ئائىلە زوراۋانلىقى دېگىنىمىز، ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە يۈز بېرىدىغان، ئۇرۇش، خورلاش، سولاپ قويۇش، زەخمىلەندۈرۈش ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئائىلە ئەزالىرىغا جىسمانىي، روھىي جەھەتتىن زىيانكەشلىك قىلىش ۋە نابۇت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بىر قىسىم كىشلەر بولسا «ئائىلە زوراۋانلىقىنى ئائىلىنىڭ ئىچكى ئىشى، باشقىلارنىڭ ئارلىشىشغا بولمايدۇ» دەپ قاراپ، ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارىتا خاتا ئىدىيەدە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.

دۆلىتىمىزنىڭ «تويلىشىش قانۇنى»،«ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەتىنى قوغداش قانۇنى»،«قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەتىنى قوغداش قانۇنى» شۇنداقلا «جىنايى ئىشلار قانۇنى» دا ئائىلە زوراۋانلىقىنى قاتتىق چەكلەش توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولۇپ، ئۈزلۈكسىز، دائىملىق ئائىلە زوراۋانلىقى خورلاشنى شەكىللەندۈردىغانلىقى، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ بولسا جىنايەت شەكىللەندۈردىغانلىقى توغرىسىدىمۇ بەلگىلىمە چىقىرىلغان. «جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 260-ماددىسىدىمۇ، ئائىلە ئەزالىرىنى خورلاپ، قىلمىشى قەبىھ بولغانلىرىغا 2 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، رېجىم، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش قاتارلىق جازالارنىڭ بېرىلدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن. مۇشۇ ماددىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئائىلە ئەزالىرنى ئېغىر يارلاندۇرغان، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا 2 يىلدىن يۇقىرى 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.

ئائىلە زوراۋانلىقى قىلمىشى ئېلىپ بېرىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچنىڭ ئېغىر يارلىنىشى ياكى ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقا قىلمىشى قەبىھ بولغانلىرى بىۋاستە دەۋا دېلو قاتارىغا كىرىدىغان بولۇپ، دەۋا قىلسا سورايدىغان دېلو ھېسابلىنىدۇ. دۆلىتىمىز ئاياللارنىڭ «ئائىلە زوراۋانلىقى» غا ئۇچرىسا ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش توغرىسىدا قانۇن ئاساسىنى يارىتىپ بەرگەن ، ئەمما بىر قىسىم ئاياللارنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا سەل قاراش، قانۇن ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانداق قوغداش توغرىسىدا بىلىدىغانلىرنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن ھوقۇق-مەنپەئەتى قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېرىشەلمەي كېلىۋاتىدۇ.

مەن خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغاندا قەيسەرلىك بىلەن قانۇن ئورگانلىرغا دېلو مەلۇم قىلىشنى ياكى سوت مەھكىمىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى ئارقىلىق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداپ، مۇكەممەل، ساغلام، ئىناق بولغان ئائىلە تۇرمۇشىنى شەكىللەندۈرۈشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. چۈنكى ئائىلە زوراۋانلىقى يالغۇز سىزنىڭ ھاياتىڭىزغا مۆلچەرلىگۈسىز ئازابلارنى ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، پەرزەنتىڭىزنىڭ ساغلام ئۆسۈم يېتىلىشىگە، جەمئىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغىمۇ نۇرغۇن زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق