باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>دېلو مىساللىرى
يېزىلىق ھۆكۈمەت دېھقاننىڭ پۇلىنى قايتۇردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-06-23 16:47:24

 

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ناسىپجان مامۇت، ماينۇر تۇردى، زەينىسا تۇرسۇن خەۋىرى:ئاتۇش شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى 3–ماي سوت ئېچىپ،جاۋاپكار ئورۇن مەلۇم يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى دەۋاگەر قادىرغا 16220 يۈەننى ھۆكۈم قانۇنى كۈچكە ئىگە بولغان ھامان بەرسۇن دەپ ھۆكۈم چىقاردى.

ئىگەللىنىشچە، ئاتۇش شەھرىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى قادىر 2003 –يىلدىن 2005 –يىلغىچە مەلۇم يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بىر قىسىم ئىشلىرىنى قىلىپ بەرگەن بولسىمۇ، يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى قادىرنىڭ ئىش ھەققىنى كەينىگە سۈرۈپ كەلگەن.2011 –يىلىغا كەلگەندە يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى كۆچەت پۇلى، تۇرۇبا پۇلى ، تام ئاقارتىش پۇلى ئۈچۈن جەمىئى 73 مىڭ 220 يۈەننى قادىرغا بىرەلمىگىنىمىز راست دەپ ئاساس يېزىپ بەرگەن. شۇنىڭدىن كىيىن قادىر ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئىككى قېتىمدا يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىدىن 52 مىڭ يۈەننى ئېلىپ بولغان.قادىر يېقىندا يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى يېزىپ بەرگەن ئاساسنى كۆتۈرۈپ سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان.

ئەسكەرتىش: كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق