باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>دېلو مىساللىرى
دېھقانچىلىق ماشىنىسى ئېلىپ كەلگەن ئاپەت
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نۇزىگۈل ئىمىر | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-11 12:37:02

دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنىڭ بارغانسېرى ئومۇملىشىغا ئەگىشىپ، دېھقانلارنىڭ يەر تېرىش غېمى يېنىكلىدى. ئەمما گەنسۇ ئۆلكىسى يوڭدېڭ ناھىيەسىدىكى نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ سېتىۋالغان دېھقانچىلىق ماشىنلىرىنى ئۇلارنىڭ قورقۇنۇچلۇق چۈشىگە ئايلىنىپ قالغان.

شۆ بوۋاي گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ يوڭدېڭ ناھىيىسى فېڭشەن كەنتىدىن. بالىلىرى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىدۇ، يەنە كېلىپ خوتۇنى مېيىپ، 61 ياشلىق شۆ بوۋاي بۇ ئائىلىدىكى بىردىن بىر ئەمگەك كۈچى. ئېغىر دېھقانچىلىق ئىشلىرى شۆ بوۋاينى كۈندىن كۈنگە ھالسىرتىپ قويغان. شۇڭا ئۇ خىچىرىنى سېتىپ، 5مىڭ 500يۇەن يىغىپ، كىچىك بىر يەر ھەيدەش ماشىنىسى سېتىۋالغان. لېكىن كىم ئويلىسۇن بۇ ماشىنا ئەسقاتماقتا يوق ئەكسىچە ئۇنىڭ جېنىنى ئالغىلى تاس قالغان.

بۇ يەر ئاغدۇرۇش ماشىنىسىنىڭ ئادەم يارىلاندۇرۇشى يوڭدېڭ ناھىيىسىدە تۇنجى قېتىم يۈز بەرگىنى يوق. بۇلتۇر 9-ئايدا، لوڭچۇەنسى بازىرىدىكى لى شىجوڭ شۆ بوۋاينىڭكىگە ئوخشاش بىر كىچىك يەر ئاغدۇرۇش ماشىنىسى سېتىۋالغان بولۇپ ئۇمۇ مۇشۇنداق قىسمەتكە دۇچار بولغان. يەر ئاغدۇرۇش ماشىنىسى ئۇنىڭ قولىنى ئۈزىۋەتكەن. كىچىك يەر ئاغدۇرۇش ماشىنىسى ئەسلىدە ئەپلىك ھەم قولايلىق بولۇشى كېرەك. ئەمما نېمىشقا كەينى-كەينىدىن ئادەم يارىلاندۇرىدۇ؟ مۇخبىر ئىككى دېھقاننىڭ ئۆيىگە بېرىپ بۇ خىل يەر ئاغدۇرۇش ماشىنىسىنى كۆرگەن. ماركىسى لىياڭتىيەن، ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت خۇبېي ماچېڭ خېڭفېڭ ماشىنا ۋە ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى ئىكەن. ئۇنداقتا بۇ كىچىك يەر ھەيدەش ماشىنىسىنىڭ مەشغۇلات پىرىنسىپى قانداق؟

بۇ كىچىك تىپتىكى يەر ئاغدۇرۇش ماشىنىسى ئالدى تەرەپتىكى ماتۇر، كەينى قىسىمدىكى خوت قۇرۇلمىسى، ئىككى ياندىكى پىرقىرىمغا ئاغدۇرۇش پىچىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، مەشغۇلات قىلغۇچى يەر ئاغدۇرۇش ماشىنىسىنى قوزغاتقاندا، ئاۋۋال بوش خوتقا سېلىپ، ئاندىن ماشىنىنىڭ ئالدى قىسمىدىكى ئوت ئالدۇرۇش تانىسىنى تارتىشى كېرەك. ئوت ئالغاندىن كېيىن كەينى تەرىپىگە قايتىپ، بوش خوتنى ئالدى خوتقا يۆتكىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا ماشىنا خىزمەت قىلىشقا باشلايدۇ. لېكىن خوت ئورنى ئېنىق بولمىغانلىقتىن، شۆ ۋە لى فامىلىلىك ئىككەيلەن ئالدى خوتقا سېلىپ قويغان. نەتىجىدە ماتۇر ئوت ئېلىشىغىلا، پىرقىرىما ئاغدۇرۇش پىچىقى ئايلانغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قېچىشقا ئۈلگۈرمەي زەخمىلەنگەن.

ئەمەلىيەتتە دۆلىتىمىز كىچىك تىپتىكى يەر ئاغدۇرۇش ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمى توغرىلىق ئاللىبۇرۇن بەلگىلىمە چىقارغان، مەسىلەن، مۇداپىئە قۇرۇلمىسى، خوت يۆتكىگەندە قوزغاتماسلىق قاتارلىقلار. ئادەم زەخمىلەندۈرگەن بۇ ئىككى ماشىنا بۇ ئۆلچەمگە پەقەت ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئۇنداقتا ئۇلار بازارغا قانداق كىردى؟ دېھقانلارنىڭ قولىغا قايسى يوللار بىلەن سېتىلدى؟ يۇڭدىڭ ناھىيەسى لۇڭچۈەنسى يېزىسىدىكى دادى دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى سېتىش نوقتىسى دەل ئىككى دېھقان ماشىنا سېتىۋالغان جاي بولۇپ مۇخبىر بۇ يەرنى ئىزدەپ تاپقان.گەنسۇ ئۆلكىسى يۇڭدىڭ ناھىيەسى دادى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سودىگىرى مۇخبىرغا ئەينى ۋاقىتتا مۇداپىئە قۇرۇلمىسى يوق يەر ئاغدۇرۇش ماشىنىسىدىن سەككىزىنى كىرگۈزگەنلىكىنى، ھەمدە ئىككىنى ساتقانلىقىنى ئېيتقان.

مۇداپىئە قۇرۇلمىسى بولمىسا سېتىشنى دەرھال توختىتىش كېرەك. ئەمما بۇ سودىگەر ئۇنى دېھقانلارغا سېتىپ بەرگەن بولۇپ ئىككىلىسىدىن ئېغىر ۋەقە چىققان. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، دادى دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى سېتىش نوقتىسىدىكىلەر لەنجۇ چاڭيۈەن ماشىنا ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىدىن مال كىرگۈزگەن. مۇخبىر لەنجۇغا بېرىپ بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلىنى تاپقان. مۇخبىرنىڭ مەسئۇل خادىم ئارقىلىق ئىگىلىشىچە، يەر ئاغدۇرۇش ماشىنىسىنىڭ چۈشەندۈرمىسىگە ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت خۇبېي ماچېڭ شەھرى خېڭفېڭ ماشىنا ۋە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى دەپ يېزىلغان، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇنى ئىشلەپچىقارغان ئورۇن خۇبېيدا ئەمەس ئىكەن.

مالنى چۇڭچىڭدىن سالغان تۇرۇپ، نېمىشقا خۇبېي ماچىڭنىڭ بەلگىسىنى چاپلايدۇ؟ ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، مۇخبىر يەنە خۇبېيغا كېلىپ، كىچىك تىپتىكى يەر ئاغدۇرۇش ماشىنىسىدىكى ئادىرىس بويىچە خۇبېي خېڭفىڭ ماشىنا ۋە ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شېركىتىنى تاپقان. شېركەتنىڭ مەسئولى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئۇ ماشىنىنى بىز ساتمىغان ھەم ياسىمىغان، بىز ياسىغان ماشىنىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پولات تامغىسى ۋە خاتىرىسى بار، ئۇ بىزنىڭ ماركىمىزنى قانۇنسىز ئىشلىتىپتۇ.

ماچىڭ شەھەرلىك سودا-سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خېڭفىڭ شېركىتى ئىشلەپچىقارغان كىچىك تىپتىكى يەر ئاغدۇرۇش ماشىنىسىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدا «لياڭ تيەن» ماركىلىق دەپ يېزىلغان. «لياڭ» خېتى سۈپەتلىك دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما گەنسۇدىكى ئادەم يارىلاندۇرغان يەر ئاغدۇرۇش ماشىنىسىنىڭ تاۋار ماركىسىدىمۇ لياڭ تيەن ماركىلىق دەپ يېزىلغان بولسىمۇ، بۇ يەردىكى «لياڭ» خېتى ئاشلىق دېگەن مەنىدىكى «لياڭ» خېتى بولۇپ، ئىككى خەتنىڭ ئوقۇلۇشى ئوخشاش، ئەمما مەنىسى ئوخشىمايدۇ. كېيىنكىسىنىڭ زاۋۇت ئادىرىسى ۋە چۈشەندۈرۈشى ئالدىدىكىسى بىلەن تامامەن ئوخشاش ئىكەن. دېمەك ئۇلار ماركا ئىسمىگە سەل ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپلا، ساختا دېھقانچىلىق ماشىنىسىنى بازارغا سالغان.

لەنجۇ چاڭيۈەن شېركىتى چۇڭچىڭدىكى لى فامىلىلىك سودىگەردىن كىچىك تىپتىكى يەر ئاغدۇرۇش ماشىنىسىنىڭ زاپچاسلىرىنى كىرگۈزۈپ، ئاندىن جياڭسۇدىن ماتورنى سېتىۋالغان. قوراشتۇرغاندىن كېيىن، خۇبېي ماچىڭدىكى خېڭفېڭ شىركىتىنىڭ ماركىسىنى چاپلاپ سېتىپ، ئاخىرى دىھقانلارنى زور زىيانغا ئۇچراتقان. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى يېزا دېھقانچىلىقنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى باشقۇرۇش مەھكىمىسى بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش باشقارمىسى جاڭ خەنفۇ مۇنداق دېدى: «دىھقانچىلىق ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامنامىسى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان دىھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى سېتىشقا بولمايدۇ. بۇ دېلو ئەھۋالىدىن قارىغاندا ئۇلار قېلىپلاشقان دىھقانچىلىق ماشنىلىرى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى ئەمەس. بۇندىن باشقا، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتنى زاۋۇتتىن چىقىرىشتىن ئىلگىرى قېلىپلاشقان تەكشۈرۈش باسقۇچى، مەھسۇلاتىنىڭ لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى يوق. شۇڭا، ئۇنىڭدا يۇشۇرۇن خەۋپ ساقلانغان.

دەرۋەقە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىھقانچىلىق ماشىنىلىرىنىڭ كىشىلەرنى يارىلاندۇرۇش ھادىسىلىرى كەينى-كەينىدىن يۈز بەرمەكتە. 2012-يىلى 3-ئاي بىلەن 4-ئاي ئارىلىقىدا، گۈيجۇ ئۆلكىسى گۈيياڭ شەھەرلىك 44-دوختۇرخانا پىرقىرما سوقا ماشىنىسى يارىلاندۇرغان 20گە يېقىن بىمارنى قوبۇل قىلغان. 2013-يىلى ئۆكتەبىر بايرىمى مەزگىلىدە، نىڭشيا شىزۈيشەندە كەينى-كەينىدىن تۆت قېتىم دىھقانچىلىق ماشىنىسى ئادەم يارىلاندۇرۇش ھادىسىسى يۈز بەرگەن. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2013-يىلى ئېلىمىزدە دۆلەت دەرىجىلىك تاشيولنىڭ سىرتىدا يۈز بەرگەن دىھقانچىلىق ماشىنىلىرى ھادىسىسى 1733قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، 432ئادەم ئۆلۈپ، 631ئادەم يارىلانغان. بىۋاستە ئىقتىسادى زىيان 17مىليون 116مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

ئىلگىرى ساختا دىھقانچىلىق ئەشىيالىرى دېگەندە ساختا ئۇرۇق، ساختا خېمىيىۋى ئوغۇت، ساختا دىھقانچىلىق دورىسى، ساختا يۇپۇقلارنى كۆرسىتەتتى. بىراق ھازىر دىھقانچىلىق، دىھقانلارغا زىيان سالىدىغان قىلمىشلار دىھقانچىلىق ماشىنىلىرى ساھەسىگە كېڭەيگەن. ساختا ئۇرۇقنىڭ زىيىنى بىر يىل، ساختا دىھقانچىلىق دورىسىنىڭ زىيىنى 10يىل بولسا، ساختا دىھقانچىلىق ماشىنىلىرىنىڭ ئادەملەرگە كەلتۈرىدىغان زىيىنى بىر ئۆمۈر بولىدۇ. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان نۇرغۇن دىھقانلار تەستە تاپقان پۇلىغا ئاپەت سېتىۋالغان. شۇڭا، ساختا دىھقانچىلىق ماشىنىلىرى سېتىشتەك قىلمىشلارغا چوقۇم قاتتىق زەربە بېرىپ، تەلتۈكۈس تۈگىتىش كېرەك.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق