باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>دېلو مىساللىرى
ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنخانىلاردىكى قىمار سورىنى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نۇزىگۈل ئىمىر | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-11 13:09:58

نۇرغۇن كىشىلەر ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئويناپ باققان. يەنە كىلىپ كۆپىنچە كىشىلەر بۇنى پەقەت كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن دەپلا قارايدۇ شۇڭلاشقا ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئويناشنى بەكلا ئەيىپلەپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ. ئەمما شاڭخەيدىكى بەزى ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنخانىلاردا ئويۇننىڭ خاراكتىرى پۈتۈنلەي ئۆزگۈرۈپ كەتكەن.

شاڭخەينىڭ چوڭ كىچىك كوچىلىرىدا ئويۇنخانا، كارتون ئويۇنخانىسى، ئېلېكتىرونلۇق ئۇيۇن شەھەرچىسى ئىنتايىن كۆپ. بەزى كوچىلاردا، بىر كىلومېتىر ئارىلىقتا 6-5 سى بار. مۇخبىر 4-ئاينىڭ باشلىرىدا ليۇجۇ يولىدىكى مەلۇم ئويۇنخانىغا كىرگەندە، بىر قەۋەتتىكى بەيگە ئاپتوموبىلى ئوينىغىلى بولىدىغان نۇرغۇن ماشىنلارغا توك ئۇلانمىغانلىقىنى، بىرىنچى قەۋەتنىڭ چۆلدەرەپ قالغانلىقىنى كۆرگەن. ئىككىنچى قەۋەتكە چىققاندا باشقىچە مەنزىرە نامايەن بولغان. بۇ زالدا سودا ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، ۋاراڭ چۇرۇڭغا تولغان ھەممە ماشىنىنىڭ ئالدىدا ئادەم بار ئىدى. بولۇپمۇ بېلىق تۇتۇش ماشىنىسىسىنىڭ ئەتراپى ئادەم بىلەن لىق تولغان ئىدى. بۇ خىل ئويۇن ماشىنىسى بىرىنچى قەۋەتتىكىسىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ ئۇنىڭغا تەڭگە پۇل سالماي بەلكى كارتا سالاتتى. ھەر بىر ئورۇننىڭ ئالدىدا بىر كارتا قېپى بولۇپ، ئىچىگە كارتا سېلىنغان. ئۇنىڭدا ئويۇننى ئويناشقا تېگىشلىك نومۇرلار بار. زالدىكى ئويۇن ماشىنلىرى ئىچىدە بېلىق تۇتۇش ماشىنىسىدىن باشقا يەنە تورغا ئۇلاپ ئويناش ماشىنىسى، تۈگۈر ماشىنىسىمۇ بار بولۇپ لېكىن ھەممىسىگە كارتا سېتىۋېلىپ ئوينايدىكەن. پەلەمپەينىڭ ئۇدىلىدا بىر مېتىر ئىگىزلىكتە بىر پوكەي بولۇپ، ئويۇن ئوينىغۇچىلار توختىماي كېلىپ نومۇر ئالىدىكەن. نومۇر ئالغان پۇل تەڭگە ئالغان پۇلدىن خېلىلا كۆپ بولۇپ ئازلىرى 200-300يۈەن، كۆپلىرى مىڭ يۇەندىن ئالىدىكەن. ئويۇن ئوينىغۇچىلار مۇخبىرغا ئون مىڭ نومۇرنىڭ 80يۈەن ئىكەنلىكىنى، ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇش نىسپىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

چوڭ زالدىكى ئويۇن ئانچە قىزىقتۇرالمىسا ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇش سوممىسى كۆپ بولدىغان ئويۇن ماشىنىلىرىمۇ بار. چوڭ زالنىڭ بىر بۇلۇڭىدىكى ئىشىكتىن چىقسىڭىز ئىنتايىن قىسقا بىر كارىدورغا كىرىسىز، قارىماققا بۇ ئىنتايىن ئادەتتىكى تامدەك كۆرۈنىدۇ، بىراق، ئۇ تامدەك ياسالغان يوشۇرۇن ئىشىك، ئۇنى ئاسان بايقىغىلى بولمايدۇ، بۇ ئۆيدە ئويۇن ئوينايدىغانلارنىڭ سانى بەشتىن ئاشمايدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ خىل ماشىنا كاپالەت ماشىنىسى دېيىلىدىكەن، بۇ ماشىنىدا ئوينىغاندا كېتىدىغان پۇل كۆپ بولۇپ، بىر قولدا 2-3مىڭ يۈەن كېتىدىكەن. ئويۇن ئوينىغۇچىلار پۇل تاپشۇرغاندىن كېيىن خىزمەتچىلەر بىۋاستە ئاچقۇچنى ماشىنىغا سېلىپلا نومۇر تولۇقلايدىكەن.

پۇلغا نومۇر سېتىۋالغىلى شۇنداقلا نومۇرنى پۇلغا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، بۇنداق ئويۇننى ئالاقىدار تارماقلار خېلى بورۇنلا قىمار دەپ چەكلىگەن، مۇخبىر ئىككىنچى كۈنى مىنخاڭ رايونى جىنخۇي يولى خۇڭچياۋ ئويۇن شەھەرچىسىنىڭ 4-قەۋىتىدىكى كارتون شەھەرچىسىگە كەلگەن. بۇ يەردىمۇ ئالدىنقى ئويۇنخانىدىكىگە ئوخشاش ئادەتتىكى ئويۇن ماشىنىلىرىنى ھېچكىم ئوينىمايدىكەن، ياندىكى ئىشىكتىن چىقىپ كارىدوردىن ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر يوشۇرۇن ئىشىكتىن كىرگەندە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان يەنە بىر ئويۇن دۇنياسىغا كىرگەن. چۈشتىن بۇرۇن بولسىمۇ بىراق ئويۇن ماشىنىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىدا ئادەم توشۇپ كەتكەن. پۇكەينىڭ ئالدىدا نومۇر سېتىۋالغىلى كەلگەنلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەچكە پۇل ئالغۇچى ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن. بىر ئويۇن ئوينىغۇچى مۇنداق دېدى: يۈز يۈەنگە ئىككى مىڭ نومۇر سېتىۋالغىلى بولىدۇ، نومۇرنى مىڭغا چىقرىش ئۈچۈن ئىككى قېتىم ئۇرساقلا تۈگەيدۇ. مەن تۆت يۈز نەچچە مىڭ يۈەن ئۇتتۇرۇپ بولدۇم. بىر ئاخشامدىلا بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى ئۇتتۇرۋېتىدىغانلارمۇ بار. بۇ ئىشلارمۇ نورمال بولۇپ قالدى. مۇخبىر بۇنىڭغا ئوخشاش ئويۇنخانىلارنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى بايقىغان.

مۇخبىر مىنخاڭ، شۈخۇي، جادىڭ، باۋشەن، خۇڭكوۋ، ياڭپۇ قاتارلىق ئالتە رايوندىكى 12 ئويۇنخانىنى تەكشۈرۈپ، ھەممىسىدە بۇنىڭغا ئوخشاش ئويۇننى دەستەك قىلىپ قىمار ئوينايدىغان قىلمىشنىڭ بارلىقنى بايقىغان. ئۇلار تېخى ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىدىغان بولۇپ، قورساق ئاچسا ھەقسىز تاماق، ئۇسساپ كەتسە ھەقسىز ئىچىملىك بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ھەتتا چارچاپ كەتسە ئۇخلىۋالىدىغان، پۇلى قالمىسا قەرز بېرىدىغانلارمۇ باركەن. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، قىمار ئوينىغىلى كېلىدىغانلار ئىچىدە ياشانغانلاردىن باشقا 10نەچچە ياشلىق بالىلارمۇ بار ئىكەن. مۇخبىر يەنە بىر ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنخانىدا، 3-4 ياشلىق بىر بالىنىڭ بېلىق تۇتۇش ئويۇنىنى ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. ئېلىمىزدە قىمار ئويناش ئېنىق چەكلەنگەن. قانۇن تۈزۈملەردە قىمار ئوينىغان ۋە قىمارخانا ئاچقانلارنىڭ ھەممىسىگە قاتتىق جازا بېرىش بەلگىلىمىلىرى بار. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن شاڭخەيدىكى بۇنچە كۆپ ئويۇنخانىلارنى باشقۇرىدىغان ئادەم يوق؟ مۇخبىرغا بىر ئويۇن ئوينىغۇچى مۇنداق دىگەن: ئادەتتە بۇ يەرنى ئارلاپ تەكشۈرۈپلا قويىدۇ، ھەممىسى شەكىل ئۈچۈن. خوجايىن بۇ يەرنى ئاچقانىكەن، چوقۇم ئارقا تېرىكى بار. بولمىسا بۇ يەرنى ئاچالامدۇ؟

شۇنىڭ بىلەن مۇخبىر 110غا تېلېفون قىلىپ دېلو مەلۇم قىلغان. مۇخبىر بېلىق تۇتۇش ماشىنىسى دەپ بولغىچە، 110دىكىلەر ئۇنىڭ قىمار ماشىنىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولغان. بىر قانچە مىنۇتتىن كېيىن ساقچى ئاپتوموبىلى يېتىپ كەلگەن. ساقچىلار 2-قەۋەتكە چىققاندىن كېيىن، ئويۇن ئويناۋاتقانلار ئاستا پەسكە قاراپ ماڭغان. بەزىلەرنىڭ كۆزى قىيماي ساقچىلار يېنىدا تۇرسىمۇ ئويناۋەرگەن. تېزلا زالدا بىر قانچىلا ئادەم قالغان بولۇپ كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى سىرتقا قاراپ ماڭغان. ئەمما پەلەمپەي يېنىغا بارا-بارمايلا يەنە كەينىگە يانغان. بۇ نېمە ئىش؟ ئەسلىدە ساقچىلار چىقىپ كەتكەن بولۇپ ئويۇن ئوينايدىغانلار پەلەمپەي يېنىغىمۇ بارمايلا، يەنە جايىغا كېلىپ جايلاشقان. مۇخبىر شۇندىلا بايىقى ئويۇن ئوينىغۇچىنىڭ گېپىنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولغان. ماشىنا قايتىدىن توكقا چېتىلغان. بېلىق تۇتۇش ماشىنىسىدىن يەنە ئېگىز-پەس چېكىلگەن ئاۋازلار ياڭراشقا باشلىغان.

قىمارنىڭ زىيىنىنى بولۇپمۇ ياشلارغا بولغان تەسىرىنى دەپ ئولتۇرمىساقمۇ ھەممەيلەنگە ئايان. شۇڭا يۇقارقىدەك قىمار سورۇنلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ قاتتىق زەربە بىرىش كېرەك. شاڭخەي ساقچىلىرى ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم قىمارخانىلارغا قاتتىق زەربە بەرگەن، ئەمما شەكىلگىلا تەكشۈرۈپ زەربە بەرگەندە تۈزۈم قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ. زادى نېمە ئۈچۈن تەكشۈرۈش، زەربە بېرىشلەر شەكىلگە ئايلىنىپ قىلىۋاتىدۇ؟ بۇ تىخىمۇ ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق