باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>دېلو مىساللىرى
قانۇنسىز قەبرىستانلىق تىجارىتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نۇزىگۈل ئىمىر | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-11 13:11:48

دۆلىتىمىزنىڭ يەر بايلىقى ئىنتايىن قىس، شۇڭلاشقا دۆلەت تۈرلۈك قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمى ئارقىلىق قەبرىستانلىققا ئىشلىتىدىغان يەرگە چەك قويماقتا، ئەمما شەندوڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھىرى شىجوڭ رايونىدا بىر قىسىم كىشىلەر قانۇنسىز يەر ئىگىلەپ، قەبرىستانلىق تىجارىتى بىلەن پۇل تاپقان.

مۇخبىر جىنەن شەھىرى شىجوڭ رايونىغا جايلاشقان شۇاڭفىڭ تېغى قەبرىستانلىقىغا كىلىپ، بۇ يەرنىڭ نەچچە يۈز مو كىلىدىغانلىقىنى، ياسىلىپ بولغان قەبرىلەرنىڭ ناھايىتى كۆپلىكىنى، ئۆلچەملىك 1.2 كۇۋادىرات مېترلىق قەبرىدىن باشقا، يەنە بىرقىسىم دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ۋە جەمەت قەبرىلىرىنىڭ بارلىقىنى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەبرە سىتىۋىلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. ساتقۇچى خادىم بۇ قەۋرىستانلىقنىڭ خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن قانۇنلۇق جامائەت قەبرىستانلىقى بولۇپ، قۇرۇلغىنىغا ئون نەچچە يىل بولغانلىقىنى، جىنەن شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىغانلىقىنى تونۇشتۇرغان. بىراق ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرى بۇ قەبرىستانلىق يېرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ شىدوڭ رايونى جەندوڭ كەنتىنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋىلىنغان يېرى ئىكەنلىكىنى ھەم ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان.

بۇ قانۇنسىز قەبرىستانلىق بولۇپ ئۇنىڭ يەر ئىشلىتىش گۇۋاھنامىسى يوق. بەلگىلىمە بويىچە كوللىكتىپنىڭ يېرىنى قەبرىستانلىق قىلىشقا بولمايدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ "دەپنە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى"نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، قەبرىستانلىق قۇرۇش ئۈچۈن ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە رايونلۇق شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى تەكشۈرۈپ قوشۇلغاندىن كىيىن، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا سۇنىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قەبرىستانلىق قۇرۇش ئۈچۈن يەنە يەر، پىلانلاش قاتارلىق نۇرغۇن تارماقلارنىڭ تەستىق رەسمىيىتى بولۇشى كېرەك. ئۇنداقتا شۇاڭفىڭ تېغى قەبرىستانلىقىنىڭ مۇشۇنداق تەستىق رەسمىيىتى بارمۇ؟ مۇخبىر شەندوڭ ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى ۋە ئارخىپخانىدىن ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى تېپىپ، شەندوڭ ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ جىنەن شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ يۈخەن تېغى قەبرىستانلىقىنى كېڭەيتىپ قۇرۇشىغا قوشۇلغانلىق تەستىق جاۋابىنى بايقىغان. جىنەن شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇل خادىمىنىڭ گېپى بويىچ ئىيتقاندا، بۇ تەستىق جاۋاپتىكى يۈخەن تېغى ئىككىنچى قەبرىستانلىقى دەل ھازىرقى شۇاڭفىڭ تېغى قەبرىستانلىقى ئىكەن. جىنەن شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ دەپنە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ تېجارەت قىلىشىغا تەستىقلاپ بېرىلگەن بۇ قەبرىستانلىق 1999-يىلى جەندوڭ كەنتىگە ئۆتكۈزۈپ بىرىلگەن.

مۇخبىر جىنەن شەھەرلىك سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە جەندوڭ كەنتىدىن مۇنۇلارنى ئىگەللىگەن: جەندوڭ كەنتىدىكى ئايرىم كەنت كادىرلىرى كەنتنىڭ نامى بىلەن، خۇسۇسىي تېجارەت قىلىدىغان خوجايىنلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئاچقان بۇ شىركەت دەپنە ئىشلىرى باشقارمىسى بەرگەن رەسمىيەتنى ئېلىپ، قانۇنسىز ھالدا كېڭەيتىپ قۇرۇلۇش قىلىپ، قەبرە ساتقان. ئەينى يىلى شەھەرلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسى تەستىقلىغان يەر پەقەت 19.9 مو بولۇپ بىراق ھازىرقى كۆلىمى تەستىقلىغان مو سانىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن. جىنەن شەھەرلىك دۆلەت زېمىن، بايلىق ئىدارىسى قانۇن ئىجرا قىلىش، مەمۇرىي تەپتىش باشقارمىسىنىڭ خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە 19.9 مو يەرنىڭ كېنىشكىسى بار بولۇپ باشقا 148مو يەرنىڭ كېنىشكىسى يوق ئىكەن.

دۆلىتىمىزنىڭ "دەپنە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامنامى"نىڭ 18 ماددىسىدا: تەستىقتىن ئۆتمىگەن، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دەپنە ئەسلىھەلىرىنى قۇرغان بولسا، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى قۇرۇلۇش، يەر مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن بىرگە بىكار قىلىش، ئەسلى ھالىتىگە قايتۇرۇپ بىرىشكە بۇيرۇپ، قانۇنسىز كېرىمىنى مۇسادىرە قىلسا بولىدۇ. شۇنداقلا قانۇنسىز كېرىمنىڭ بىر ھەسسىدىن يۇقۇرى، 3 ھەسسىدىن تۆۋەن جىرىمانە قويسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇنداقتا جىنەن شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى بۇ قەبرىستانلىقنى قانداق باشقۇرغان؟ دۆلەت زىمىن بايلىق تارمىقىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، 148 مو يەردىن باشقا ئۇلار يەنە بۇ قەبرىستانلىقنىڭ بۇلتۇر قانۇنغا خىلاپ ھالدا يەنە 7مو يەرنى ئىگىلىۋالغانلىقىنى بايقىغان، ئۇلار ئىلگىرى ئىككى قېتىم بۇ قەبرىستانلىققا جەرىمانە قويغان.

گەرچە شۇ جايدىكى دۆلەت زىمىن بايلىق تارمىقى بىر نەچچە يىل ئىلگىرى شۇاڭفېڭ تېغى قەبرىستانلىقىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، قانۇنغا خىلاپ ئىگىلىۋېلىنغان يەرنى قايتۇرۇپ، يەردىكى قۇرۇلۇشلارنى چېقىپ، يەرنى ئەسلى ھالىتىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مەيلى جەندوڭ كەنتى ئاھالىلار كومىتېتى ياكى شۇاڭفېڭ تېغى قەبرىستانلىقى بولسۇن قۇلىقىنى يوپۇرىۋالغان. قۇرۇلۇشنى چېقىپ يەرنى قايتۇرۇش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە قانۇنغا خىلاپ ھالدا قەبرىستانلىقنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، قەبرە ساتقان. قەبرىنىڭ ئەڭ تۆۋىنى 18 مىڭ يۈەن يۇقىرى 40مىڭ يۈەن بولۇپ قەبرىلەرنى سېتىلىۋالدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىكەن.

دېھقانلار مۇخبىرگە مۇنداق بىر ھېساباتنى قىلىپ بەرگەن. يەر ئىشلىتىش رەسمىيىتىنى ئۆتىمىگەن، يەر ئىشلىتىش ھەققىنى تۆلىمىگەن ئەھۋالدا، قەبرىستانلىقتىكى قەبرىلەرنى ياساش باشقۇرۇش تەننەرقى سېتىلىش باھاسىنىڭ ٪30دىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن. ئۇنىڭغا مۇشۇ بىر نەچچە يىلدا قەبرىلەرنىڭ باھاسىنىڭ ئىزچىل ئۆرلەپ كېتىشىدەك ئەھۋال قوشۇلۇپ، ئومومىي جەھەتتىن ھېساپلىغاندا، ھەر 1.2 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىغان قەبرىنىڭ ئوتتۇرىچە سېتىلىش باھاسى 15 مىڭ يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگىچە بولۇپ، پايدىسى تەخمىنەن 12 مىڭ يۈەن بولىدىكەن. ئەگەر شۇاڭفېڭ تېغى قەبرىستانلىقى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىگىلىۋالغان 155مو يەر بويىچە ھېساپلىغاندا، ھەر بىر قەبرە تەخمىنەن 2كۇۋادىرات مېتىر يەرنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بىر مو يەرگىلا 300 قەبرە ياسىغىلى بولىدىكەن. ھەممىسىنى ساتقان ئەھۋالدا شۇاڭفېڭ تېغى قەبرىسانلىقىغا تەخمىنەن 700مىليون يۈەن كىرىم ئېلىپ كېلىدىكەن. ئەمەلىي پايدا 500مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن. ھازىر شۇاڭفېڭ تېغى قەبرىسانلىقى 15مىڭدىن كۆپرەك قەبرىنى سېتىپ بولغان، سېتىش كىرىمى ئىككى، ئۈچ يۈز مىليون يۈەنگە يەتكەن. ئەمما شۇاڭفېڭ تېغى قەبرىستانلىقى شىركىتى كەنتتىكى يۈز مودىن ئارتۇق يەرنى ئىگىلىگەن تۇرۇقلۇق، ھەر يىلى كەنتكە پەقەت بىر مىليون 400 مىڭ يۈەن خىراجەت تاپشۇرغان.

بۇ قەبرىستانلىقنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىش قىلىۋاتقىنىغا بىر نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغىنى، بۇ قەبرىستانلىق ھەر يىلى يىللىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ قانۇنلۇق قەبرىستانلىق دەپ بېكىتىلىپ، بازىرى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتكەن. يەنە كېلىپ ئەسلىدە خەلق ئىشلىرى تارمىقى باشلامچىلىق قىلىشقا تېگىشلىك بىرلەشمە قانۇننى ئىجرا قىلىش، يالغۇز دۆلەت زىمىن بايلىق تارمىقىنىڭ ئىشى بولۇپ قالغان. جەرىمانە قويۇشتىن باشقا ئامال بولمىغان. بۇنىڭغا ئوخشاش قەبرىستانلىقتىن جىنەندە يەنە بىر نەچچىسى بار. جىنەن شەھىرى بۇ قەبرىستانلىقتىكى قانۇنغا خىلاپ يەر ئىشلىتىش مەسىلىسىنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىپ كېتىشىنى قەتئىي توسۇيدىغانلىقى، يېڭىدىن كېڭەيتىپ سېلىنغان قەبرە رايونلىرىنى چېقىپ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنى مۇسادىرە قىلىدىغانلىقى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللارنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق