باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>دېلو مىساللىرى
پەرزەنتلەر تەرىپىدىن سوتقا چاقىرتىلغان «ئانا»
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-14 16:04:26

 

ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى ئىمىن بىلەن ئاسىيە تۇرمۇشتا كىلىشەلمەي ئىككى پەرزەنتىنى يېتىملىك كوچىسىغا تاشلىدى. 1983-يىلى 16-ئاپرىلغا كەلگەندە ئىمىن قوشنا كەنىتتكى تاجىنسا بىلەن بىر ياستۇققا باش قويدى، ھەش –پەش دىگۈچە ئۇلار بەش پەرزەنىتلىكمۇ بولدى.ئەمما ئىمىن 2013-يىلى 31 -يانۋار قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ ئۆلۇپ كەتتى.ئەينى ۋاقىتتا جوڭگو خەلق مال مۇلۇك سۇغۇرتا شىركىتى ئىمىننىڭ ئۆلەم تۆلەم پۇلى 118466.61 يۈەننى تاجىنسانىڭ كارتىسىغا ئۇرۇپ بىرىۋىدى، پەرزەنىتلەر دادىسىنىڭ ئۆلۈم تۆلەم پۇلىنى بۆلىشىش جېڭىگە ئاتلاندى.پەرزەنىتلەر پىكىردە بىرلىككە كىلىشەلمىگەندىن كىيىن، ئانىسىنى سوت سەھنىسىگە تارتىپ چىقىشتى.

دەۋاگەر ئالىيە سوتتا : « ئۆگەي ئانام تاجىنسا بىلەن دادام ئىمىن تۇرمۇش قۇرغان بولۇپ، دادام ئىمىن 2013-يىلى 31-يانۋار قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ ئۆلۇپ كەتتى، دادام ئۆلۇپ كەتكەندىن كىيىن ئۆگەي ئانام تاجىنسانى ئىزدەپ، دادامغا بىرىلگەن ئۆلۇم تۆلەم پۇلىدىن ماڭا تىگىشلىك قىسمىنى بەرسىلە دىسەم، ئۆگەي ئانام تاجىنسا مەن ھىچقانداق پۇل ئالمى ئالغان تەقدىردىمۇ بىر موچەن پۇل يوق دەپ دادامنىڭ ئۆلۇم تۆلەم پۇلى 118466.61 يۈەننى ئىگەللىۋالدى، شۇڭا تاجىنسا ئىگەللىۋالغان دادام ئىمىننىڭ ئۆلۇم تۆلەم پۇلدىن ماڭا تىگىشلىك بولغان قسىمنى ئىلىپ بەرسەڭلار » دەپ ئەرىز سۇندى.

دەۋاگەر ئالىمجان، مىمانجان، ئالمىرە،ئايقىزلار سوتتا :« دادىمىزنىڭ ئۆلۇپ كەتكەنلىكى راس، ئۆلۇم تۆلەم پۇلى ئۇچۇن ئانىمىز تاجىنسانىڭ 61404 يۈەن ئالغانلىقى راس، مۇشۇ پۇلدىن بىزگە كىلىشلىكىنى ئېلىپ بەرسە» دەپ ئەرىز سۇندى. جاۋاپكار تاجىنسا سوتتا:« يولدۇشۇم ئىمىن 2013-يىلى30 - يانۋار قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلۇپ كەتكەنلىكى راس، يولدۇشۇم ئۆلۇپ كەتكەندىن كىيىن ئىستىراخۇانىيە شىركىتىدىن 61404 يۈەن پۇل ئالدىم، يولدۇشۇمنىڭ ئۆلۇم تۆلەم پۇلى 118466.61 يۈەننى مەن ئالمىدىم،يولدۇشۇمنىڭ ئۆلۇم، نەزىر چىراق قاتارلىق ئىشلىرىغا 30500 يۈەن چىقىم قىلدىم،مىمانجاننىڭ تويىنى قىلىپ ئايرىم ئۆي سىلىپ بەردىم، شۇنىڭ بىلەن يولدۇشۇمنىڭ ئۆلۇم تۆلەم پۇلى تۇگىدى، دەۋاگەرلەر تەلەپ قىلغان پۇلنى بىرەلمەيمەن » دەپ جاۋاپ بەردى.

ئاقتۇ ناھىيلىك سوت مەھكىمىسى سوتتا تەكشۇرۇپ ئېنقلانغان پاكىت ۋە قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا جاۋاپكار تاجىنسا يولدىشى ئىمىننىڭ ئۆلەم تۆلەم پۇلى ئۇچۇن سۇغۇرتا شىركىتدىن بەرگەن 118466.61 يۇەن ۋاپات بولغۇچىنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئىرىشكەن يەنى ۋاپات بولغاندا قالدۇرغان شەخسى مال-مۆلكى ئەمەس، يەنى ئۆلگۇچىگە تەۋە بولغان مال-مۆلۇك ئەمەس، شۇنىڭدەك بۇ مىراس مال-مۆلۇك ھىساپلانمايدۇ، شۇنىڭ ئۇچۇن بۇ ئۆلەم تۆلەم پۇلى 118466.61 يۇەندىن مەرھومنىڭ تۇرلۇك نەزىر- چىراقلىرى ئۇچۇن دەۋاگەرلەر ئۆزلىرى ئىتىراپ قىلغان 30500 يۇەننى چىقىرىۋەتكەندە قىلىپ قالغان 87966.61 يۇەننى مەرھۇم ئىمىننىڭ بىۋاستە ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا ئۇنىڭ مەرھۇم بىلەن بىللە تۇرغان ۋاقىتىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىغا ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق تەقسىم قىلىشقا تىگىشلىك دەپ قاراپ 5 –ئىيۇل سوت ئېچىپ، جاۋاپكار تاجىنسا مەرھۇم ئىمىننىڭ ئۆلۇم تۆلەم پۇلى جۇملىسىدىن قالغان 87966.61 يۇەندىن دەۋاگەر ئالىيەگە 10000 يۇەن، ئالىمجانغا 10000 يۇەن، مىمانجانغا 10000 يۇەن، ئالمىرەگە 10000 يۇەن، ئاققىزغا 10000 يۇەن پۇلنى ھۆكۇم قانۇنى ئۇنۇم كۇچكە ئىگە بولغان ھامان بەرسۇن، قالغان 37966.61 يۇەنگە جاۋاپكار تاجىنسا ئۆزى ئىگىدارچىلىق قىلسۇن، ئەگەر جاۋابكار يۇقىرقى پۇلنى بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە بەرمىسە كىچىكتۈرۈلگەن قىسمىغا قارىتا قەرز ئۆسۈمىنى ھەسسىلەپ تۆلەيدۇ دەپ ھۆكۈم چىقاردى.

ئەسكەرتىش : كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق