باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>دېلو مىساللىرى
رەنىگە قويۇلغان ئالتۇن نەق پۇلغا ئايلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-14 16:38:26

 

ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى ھەسەن بىلەن ھۈسەن شوپۇرلۇق قىلىش جەرياندا تونۇشۇپ يېقىن دوستلاردىنمۇ بولۇپ قالدى.مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن ھەسەن شوپۇرلۇقتىن ۋاز كېچىپ تىجارەت قىلىش ئويىغا كەلدى، ئەمما ئۇنىڭ تىجارەتكە سالغۇدەك دەسمايىسى يېتىشمەي قالدى.

--قانداق قىلىش كىرەك؟ ھەسەن بىر ئاز ئويلىنىپ تۇرغاندىن كىيىن دوستى ھۈسەننى ئېسىگە ئالدى.

--ئاداش، مەن تىجارەت قىلاي دىگەن ئىدىم، دەسمايىم سەل ئاز بولۇپ قالدى،پۇل بولسا 20 مىڭ يۈەن بېرىپ تۇرساڭ بوپتىكەن، دىدى ھەسەن ھۈسەنگە يالۋۇرغان ھالدا:

--ئاداش ، مەندىمۇ پۇلنىڭ تازا مەسلىھەتى يوق، ئەمما ساڭا ئامال قىلىپ پۇلنى تېپىپ بەرمىسەم بولمايدۇ، قەينى ئانامغا دەپ باقاي، بېرىپ تۇرسا ئەجەپ ئەمەس، ئەمما شۇ بىرەر نەرسە زاكالەت قويساڭ تېخىمۇ ياخشى بولاتتى دىدى ھۈسەن سىپايىلىق بىلەن،

--بولىدۇ ئاداش ،ئەمىسە مەن زاكالەت قويىدىغان بىرەر نەرسىنىڭ ئېپىنى قىلاي، سەنمۇ قەينى ئاناڭغا دەپ پۇلنىڭ ئامالىنى قىلغاچ تۇر دىدى ھەسەن خۇشاللىقىدا .

بۇلتۇر 15 –سېنتەبىر چۈش مەزگىلى،ھەسەننىڭ يان تىلفۇنى تۇيۇقسىز سايرىدى.

--ۋەي، ھۈسەنمۇ سەن ئاداش، قانداقراق تۇردۇڭ؟.

--ياخشى ئاداش، سەن دىگەن پۇل ھەل بولدى، زاكالەت قويغۇدەك بىرەر نەرسە ئىلىپ كەل، مەن ئايالىم بىلەن سىنى تىراكتۇرزەن ئائىلكلەرقورۇسى ئالدىغا ساقلاپ تۇراي، دەرھاللا كەلگىن دىدى ھۈسەن جىددى تەلەپپۇزدا:

ھەسەن خۇشاللىقتا ئايالى ئالمىرە بىلەن شۇ ھامانلا دېيىشكەن جايغا كەلدى-دە، ئالمىرەنىڭ بويۇن قوللىرىدىكى 27 گىرام ئىغىرلىقتىكى بىر دانە ئالتۇن زەنجىر، بىر دانە ئالتۇن بىلەيزۈك، ئىككى دانە ئالتۇن ئۈزۈكلەرنى ئېلىپلا ھۈسەننىڭ قولىغا تۇتقازدى.ھۈسەن قەينى ئانامدىن كارتىنى ئېلىپ چىقىپ بانكىدىن پۇلنى ئېلىپ بىرەي، سەل ساقلاپ تۇرۇڭلار دىگىنىچە قۇرۇغا كىرىپ كەتتى. ۋاقىت ئاستا-ئاستا ئۆتمەكتە ئىدى، ھەسەن بىلەن ئالمىرە پۇلنىڭ خۇشاللىقىدا ھۈسەننى خېلى ۋاقىت ساقلىغان بولسىمۇ، ھۈسەننىڭ قارىسى كۆرۈنمىدى.بۇ ئىشلاردىن سەل غەلىتىلىك ھېس قىلغان ئالمىرە ھەسەنگە قاراپ:

--دوستىڭىزدىن چاتاق چىقىپ قالماس ھە، دىدى بوش ئاۋازدا،

--نىمە دەيدىغانسەن خوتۇن، ھۈسەن ئۇنداق ئادەملەردىن ئەمەس جۇما، چىقىدىغان ۋاختى بولۇپ قالدى. ھەسەن شۇنداق دىگىنىچە ھۈسەنگە تىلفۇن ئۇرىۋىدى، ھۈسەننىڭ تىلفۇنى ئېتىك بولۇپ چىقتى.ھەسەن شۇ چاغدىلا ھۈسەننىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدى بولغاي ئايالىنى باشلىغىنىچە ئۈنتىنسىز مەھەللىدىن ئايرىلدى.

ھەسەن ئەتىسىدىن باشلاپ ھۈسەننىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلغان بولسىمۇ ھەسەننىڭ قارىسى ھېچيەردىن كۆرۈنمىدى. ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۆتتى، بىر كۈنى ھەسەننىڭ بىر تونۇشى ھۈسەننىڭ يېڭىدىن بېجىرگەن يانتىلفۇن نومۇرىنى دەپ بەردى. ھەسەن شۇ ھامانلا يان تىلفۇننىڭ ئاۋازغا ئېلىش ئىقتىدارىنى ئېچىپ ھۈسەنگە تىلفۇن ئۇردى.ھەسەن ئۆزىنى بېسىۋالغان ھالدا ھۈسەن بىلەن سۆزلىشىپ، بارلىق سۆزلىشىش خاتىرسىنى ئۈنگە ئېلىۋالدى. ھەسەن شۇ ھامانلا ئايالى بىلەن ئاقتۇ ناھىيلىك سوت مەھكىمىسىگە يول ئالدى.

ھەسەن بىلەن ئالمىرە سوتتا: « مەن شوپۇرلۇق قىلىش ھۈسەن بىلەن تونۇشۇپ قالغانتىم، كىيىن تىجارەت قىلىش مەقسىتىمدە دوستۇم ھۈسەندىن 20 مىڭ يۈەن قەرز بېرىپ تۇرۇشنى ئېيىتسام، ھۈسەن ئۆزىدە پۇلنىڭ يوقلىقىنى، ئەمما زاكالەت قويسا قەينى ئانىسىدىن ئېلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.مەن ئايالىم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۇنىڭ 27 گىرام ئالتۇن بويۇملىرىنى زاكالەتكە قويدۇم، ئەمما ھۈسەن زاكالەت قويغان ئالتۇنلارنى ئېلىپلا يوقاپ كەتتى،گەرچە ھازىر ھۈسەن بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشمىگەن بولساممۇ ، ئانچە-مۇنچە تىلفۇندا كۆرۈشۈپ تۇرىۋاتىمەن، پۇلنى تېخىچە ئالالمىدىم، مەندە ھۈسەننىڭ تىلفۇندا ئېلىنغان سۆزلىشىش خاتىرسى بار،شۇڭا ھۈسەندىن 27 گىرام قىممتىدىكى ئالتۇن زىبۇ –زىننەتنىڭ پۇلى 9720 يۇەننى ئىلىپ بەرسەڭلار » دىگەن مەزمۇندا ئەرز سۇندى.

ھۈسەن سوتتا: «2013-يىلى 15–سېنتەبىر، مەن دەۋاگەرلەرگە 20مىڭ يۇەن قەرىز بىرىمەن دەپ ئالدىدىن 27گىرام قىممتىىدىكى ئالتۇن زىبۇ -زىننەتلەرنى ئالغانلىقىم راس. ئالتۇننى ئىلىپ ئۇلارغا 20مىڭ يۇەن پۇلىنى بەرمىدىم.ئەينى ۋاقىتتا ئالتۇن زىبۇ -زىننەتلەرنى دەۋاگەرلەردىن ئىلىپلا سىتىپ خەجلىۋەتكەنتىم، مەن بۇ ئالتۇنلارنى ھازىرقى بازار باھاسى بويىچە 7290 يۇەن تۆلەپ بەرسەم » دەپ جاۋاپ بەردى .

ئاقتۇ ناھىيلىك سوت مەھكىمىسى تەرەپلەرنى مۇرەسسەگە يىتەكلىۋىدى جاۋاپكار ھۈسەن:

-- دەۋاگەرلەردىن ئالغان 27 گىرام ئالتۇن زىبۇ –زىنەتلەرنى سىتىپ تۇگۇتۇپ بولغان، پۇل بىرەي دىسەم نەق پۇل يوق، شۇڭا 27 گىرام ئالتۇن زىبۇ- زىنەتنىڭ پۇلىنى ھازىرقى بازار باھاسى بويىچە ھەر بىر گىرامى ئۇچۇن 270 يۇەندىن ھىساپلاپ 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۇندىن بۇرۇن بىرىپ تۈگىتىپ بولاي دىدى،
دەۋاگەرلەر ھۈسەننىڭ سۆزىگە قوشۇلماي:

--ھازىر ھەر بىر گىرام ئالتۇن ئۇچۇن 270 يۇەندىن ھىساپلاپ نەق پۇل بەرسە قوشۇلمىز، بولمىسا پۇلنى قايتۇرغان ۋاقىتىكى ئالتۇننىڭ بازار باھاسى بويىچە ھىساپلاپ بەرسۇن دەپ كىلىشىم ھاسىل قىلالمىدى.

ئاقتۇ ناھىيلىك سوت مەھكىمىسى سوتتا تەكشۇرۇپ ئېنقلانغان پاكىتلارغا قارىغاندا ،جاۋاپكار دەۋاگەرلەرنىڭ 27گىرام ئىغىرلىقتىكى ئالتۇن زىبۇ –زىننەتلەرنى ئالغانلقنى ئىتىراپ قىلدى، شۇڭا جاۋاپكار دەۋاگەرلەردىن ئالغان 27 گىرام ئالتۇن زىبۇ-زىنەتنىڭ پۇلىنى ھازىرقى بازار باھاسى بويىچە ھەر بىر گىرامى 270 يۇەندىن جەمئيى 7290 يۇەننى دەۋاگەرلەرگە تۆلەپ بىرىشى مۇۋاپىق دەپ قاراپ ، 7–ئىيۇل سوت ئېچىپ،جاۋاپكار ھۈسەن دەۋاگەر ھەسەن، ئالمىرەلەرگە 27 گىرام ئالتۇن زىبۇ –زىنەتنىڭ پۇلى ئۇچۇن ھەر بىر گىرامى 270 يۇەندىن 7290 يۇەننى مۇشۇ ھۆكۇم قانۇنى ئۇنۇم كۇچكە ئىگە بولۇپ 10 كۇن ئىچىدە تۆلەپ بەرسۇن.

ئەسكەرتىش : كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق