باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>دېلو مىساللىرى
سېتىۋىتىلگەن يەر نىمە ئۈچۈن دەۋاگەرلەرگە قايتۇرۇپ بېرىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-14 16:40:10

 

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ناسىپجان مامۇت، ئانارگۇل ئابلىمىت خەۋىرى: ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى ھاجىگۇل قاتارلىق ئالتە پەرزەنتنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن قالغان ئائىلە ھۆددىگەرلىكى بويىچە ھۆددە ئېلىپ تېرىپ كىلىۋاتقان 10مو تېرىلغۇ يېرى بار ئىدى. 2010-يىلى 10-مايغا كەلگەندە سەيدۇللا بىر تۇققان قېرىنداشلىرىغا مەسلىھەت سالمايلا يەر ئۆتۇنۇپ بىرىش يەر ئۆتۇنۇپ ئىلىش توختامنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار مىھرىگۇلگە ئۈچ مو يەرنى 450000 يۇەنگە ئاچىسى تاجىگۇلنىڭ توختامغا قول قويۇشى بىلەن سىتىۋەتتى.مېھرىگۇل مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقىنى ئىلىپ 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۇنى ئۈچ مو يەرگە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ يېزا يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنى بىجىرىپ بۇ يەرنى تىرىپ پايدىلاندى ھەمدە شۇ يىلى 11-ئايدا بۇ يەرگە ھويلا تام ئىتىپ ، ئىككى ئېغىزلىق پىشىق قىىش قۇرۇلمىلىق ئۆيمۇ سېلىۋالدى. سەيدۇللا 2012-يىلى 6-ئايدا كىسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى، شۇنىڭدىن كىين ھاجىگۇل قاتارلىق دەۋاگەرلەر بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىزدىن قالغان 10مو يەرنىڭ ئىچىدىكى 3مو يەرنى جاۋابكار مىھرىگۇل ۋە ئادىللار بىر تۇققىنىمىز سەيدۇللا ۋە ئاچىمىز تاجىگۇلنى ئالداپ يەر ئۆتۇنۇپ بىرىش يەر ئۆتۇنۇپ ئىلىش توختامنامىسىغا قول قويدۇرۇپ ئېلىۋاپتۇ، مۇشۇ توختامنى ئىناۋەتىسز قىلىپ بەرسۇن دىگەن مەزمۇندا ئاقتۇ ناھىيلىك يېزا يەر ھۆددىگەرلىك تالاش-تارتىشلىرىنى كىسىم قىلىش كومىتېتىغا كىسىم ئىلتىماسى سۇندى. كىسىم كومىتىتى (2013) 002-نومۇرلۇق كىسىمنامىسى ئارقىلىق دەۋا نىشاندىكى 3 مو يەرنى مىھرىگۇل داۋاملىق تىرىپ پايدىلىنىدۇ دەپ كىسىم چىقاردى. ئەينى ۋاقىتتا ھاجىگۇل قاتارلىق دەۋاگەرلەر بۇ كىسىمگە قايىل بولماي ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز سۇنۇشتى.

ھاجىگۇل قاتارلىقلار سوتتا: « بىزنىڭ ئاقتۇ بازارلىق ھۆكۈمەت ياغچاق كەنت 7-مەھەللىدە ئائىلە ھۆددىگەرلىكى بويىچە ھۆددە ئېلىپ تېرىپ كىلىۋاتقان 10مو تېرىلغۇ يېرىمىز بولۇپ، بۇ يەردىن ئۈچ مو يەرنى جاۋابكارلار ئىگەللەپ، ئىگەللىگەن ئورنىغا ئولتۇراق ئۆي ۋە قورۇ سېلىۋالدى، جاۋابكارنىڭ بۇ ھەركىتى مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلمىلەرگە خىلاپ بولۇپلا قالماي ، بىزنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىمىزنى دەخلى تەرۈزگە ئۇچىراتتى، شۇ ئىش سەۋەپلىك بىز ئاقتۇ ناھىيلىك يېزا يەر ھۆددىگەرلىك تالاش-تارتىشلىرىنى كىسىم قىلىش كومىتېتىغا كىسىم ئىلتىماسى قىلغان ئىدۇق، كېسىم كومىتېتى قانۇن بويىچە كىسىم سوتى ئورۇنلاشتۇرۇپ قاراپ چىقماي، قانۇندىكى كىسىم تەرتىۋىگە خىلاپلىق قىلىپ، كىسىم تەلىپىمىزنى قايرىپ قويۇپ، كىسىم تەلىپىمىزدىن ھالقىپ كىسىم چىقاردى، بىز كىسىم كومىتېتىنىڭ كىسىمىگە قايىل ئەمەس،شۇڭا جاۋابكارلار ئىگەللىۋالغان ۋە قۇرۇلۇش قىلىۋالغان ئۈچ مو تېرىلغۇ يەرنىڭ ئېلىم-سېتىم توختامىنى ئىناۋەتسىز توختام دەپ بېكىتىپ بىرىشنى، قانۇن بويىچە بىزنىڭ يەرلىرىمىزنى قايتۇرۇپ بىرىشنى ئەرىز تەلىپىمىزنى قوللاپ ھۆكۈم چىقىرىپ بىرىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمىز » دەپ ئەرىز سۇندى.

جاۋابكار مېھرىگۇل سوتتا:« مەن دەۋاگەرلەرنىڭ ئۈچ مو يىرىنى ئىگەللىۋالمىدىم، ئەكىسچە قانۇنلۇق ھالدا ئۆتۈنۈپ ئالدىم، ئۇنىڭدىن سىرىت ئاقتۇ ناھىيلىك كىسىم كومىتېتىنىڭ كىسىمى 2013-يىلى 15 –ماي چىققان بولسىمۇ،دەۋاگەرلەر 2014-يىلى 5 -مارت ئەرىز سۇنغان، بەلگىلىمە بويىچە دەۋاگەرلەر كىسىمنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ 30كۈن ئىچىدە ئەرز قىلىشى كىرەك ئىدى، ئەمما دەۋاگەرلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئەرز قىلمىغان، دەۋا سۈرىكى ئۆتۈپ كەتكەن، شۇڭا دەۋاگەرلەرنىڭ دەۋا تەلىپىنى رەت قىلىشىڭلارنى تەلەپ قىلمەن» دەپ جاۋاپ بەردى.

جاۋاپكار ئادىل سوتتا: « دەۋاگەرلەرنىڭ يەرنى بىزنىڭ دىيشىنىڭ ئاساسى يوق، بىز يەرنى قانۇندىكى بەلگىلمىلەرگە ئاساسەن قانۇنلۇق سېتىۋالغان» دەپ جاۋاب بەردى.

ئاقتۇ ناھىيلىك سوت مەھكىمىسى 25–ئىيۇن تەرەپلەرنى مۇرەسسەگە يىتەكلىدى،نەتىجىدە تەرەپلەر ئۆز-ئىختىيارلىقى بويىچە 2010-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى يەر ئۆتۈنۈپ بىرىش يەر ئۆتۈنۈپ ئېلىش توختامنامىسىدىكى ئۈچ مو تىرىلغۇ يەرنى جاۋابكار مىھرىگۇل، ئادىللار دەۋاگەرلەرگە قايتۇرۇپ بەرسۇن،دەۋاگەرلەر 160000يۈەن پۇلنى جاۋابكار مىھرىگۇلغا قايتۇرۇپ بەرسۇن، دەۋاگەرلەر 2010-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى يەر ئۆتۈنۈپ بىرىش يەر ئۆتۈنۈپ ئېلىش توختامنامىسىدىكى ئۈچ مو تىرىلغۇ يەر، بۇ يەرگە سېلىنغان ھويلا تام، ئۆي، دەرۋازا ۋە 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى ئادىل سەيدۇللادىن 5000 يۈەنگە سېتىۋالغان دەل-دەرەخ قاتارلىقلارغا ئۆزى ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى ئادىل سەيدۇللاغا يېزىپ بەرگەن 10000 يۈەنلىك ھۆججەتتىن قىلىپ قالغان 7000 يۈەننى ئادىلدىن دەۋاگەرلەر تەلەپ قىلمايدۇ، ئۆي ئىچىدىكى ئۆي سەرەمجانلىرىنى دەۋاگەرلەر مىھرىگۇل بىلەن ئادىلغا قايتۇرۇپ بەرسۇن، دەۋاگەرلەر جاۋابكارلارغا بىرىشكە تىگىشلىك 160000 يۈەننى بىرىپ بولغاندىن كىيىن جاۋابكار مىھرىگۇل ئۆزىنىڭ قولىدىكى ئۈچ مو يەرنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ يېزا يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنى دەۋاگەرلەرگە قايتۇرۇپ بەرسۇن،مىھرىگۇل دەۋاگەرلەرنىڭ يەر رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىش ئىشلىرىغا ماسلىشىپ بەرسۇن دىگەن مەزمۇندا كىلىشىم ھاسىل قىلىشتى.

ئەسكەرتىش؛ كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق