باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>دېلو مىساللىرى
شېرىكچىلىك زەمبىلگىلا خاستۇر
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-14 16:10:17

 

ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى ھەسەن بىلەن ھۈسەن يېقىن تونۇشلاردىن ئىدى، 2013-يىلى 1-مارت كۈنى ئىككەيلەن شىرىكلىشىپ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ تارماق دۇككىنىنى ئاچىدىغان بولۇشتى. تەرەپلەر ئۇيان-بۇيان قاتراش ئارقىلىق ناھىيە مەركىزىدىكى ئاۋات يەردىن بىر يىللىق مۇھلەت بىلەن 36 مىڭ يۈەنگە بىر دۇككاننى ئىجارىگە ئالدى.ئەينى ۋاقىتتا ھەسەن دۇككاننىڭ ئىجارە پۇلىنى تۆلەيدىغان، ھۈسەن دۇككانغا كىتەرلىك بولغان سايمانلارنى كىرگۈزۈپ دۇككاننى ئاچىدىغان، پايدا زىياننى تەرەپلەر تەڭدىن ئۈستىگە ئالىدىغان بولۇپ كىلىشتى . تەرەپلەر دۇككاننى بىرەر قۇر زىننەتلىگەندىن كىيىن تىجارەتنى باشلىدى.ئەمما تىجارەت باشلاپ بىر قانچە كۈندىن كىيىن تەرەپلەر كىچىككىنە ئىش سەۋەبىدىن جىدەللىشىپ قىلىشتى، شۇنىڭ بىلەن ھەسەن دۇككانغا قۇلۇپ سېلىۋالدى.ھەسەن بىلەن ھۈسەن شېرىكلىشىپ دۇككان ئېچىشتا پىكىردە بىرلىككە كىلىشەلمىدى، ھۈسەن شېرىكى بىلەن دۇككانى ئېچىشقا كۆزى يەتمىدى بولغاي ھەسەننى سوت سەھنىسىگە ئېلىپ چىقتى.

ھۈسەن سوتتا : «مەن 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ھەسەن بىلەن شىرىكلىشىپ ئاقتۇ ناھىيە مەركىزىدە بىر دۇككاننىڭ بىر يىللىقىنى 36 مىڭ يۈەنگە ئىجارىگە ئېلىپ تىجارەت قىلماقچى بولدۇق،ئەينى ۋاقىتتىكى تىجارەت شىرىكچىلىكىدە مىنىڭ نامىمدىكى تىجارەت كىنىشكىسىدىن پايدىلىنىدىغان،مەبلەغنى تەڭدىن چىقىرىدىغان،دۇككاننى مەن ئاچىدىغان، پايدا زىياننى تەڭدىن ئۈستىمىزگە ئالىدىغان بولۇپ كىلىشپ، 2013-يىلى 1 -ئاپرىل دۇككاننى ئاچتۇق. بۇ بىر ئاي جەريانىدا مەن دۇككاننى بىزەش، تور تارتىش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆزۈم قىلدىم،ھەسەن ماڭا ھىچقانداق ياردەملەشمىدى، پەقەت بىر قىسىم تىلىفۇن ئەكەلدى، تىجارەت باشلاپ ئالتىنچى كۈنى ھەسەن ئورونسىز سەۋەب بىلەن دۇككاننى ئۆزۈم ئاچىمەن، يىل ئاخىرىدا ھىساب قىلىپ بىرىمەن دەپ مەن بىلەن جىدەل قىلىپ دۇككانغا قۇلۇپ سىلىۋالدى، مەن كۆپ قىتىم ئۆزۈم قوشقان مەبلەغ مۈلۈكلىرىمنى قايتۇرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلسام جاۋابكار مەن بىلەن جىدەللىشىپ قايتۇرۇپ بەرگىنى ئۇنىمىدى، ئۆزىنىڭ دىگىنى بويىچە يىل ئاخىرىدا ھىساب قىلىپ بەرمىدى، شۇڭا جاۋابكار ھەسەن بىلەن شىرىكچىلىك توختامنى بىكار قىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىمەن، ھەمدى ھەسەن بىلەن دۇككان ئېچىش جەريانىدا ئۆز يېنىمدىن مەبلەغ چىقارغان 70252 يۇەن قىممىتىدىكى يان تىلفۇن ۋە تۈرلۈك سايمانلارنىڭ پۇلىنى جاۋابكاردىن تۆلىتىپ ئىلىپ بەرسەڭلار» دىگەن مەزمۇندا ئەرز سۇندى.

ھەسەن سوتتا :«مەن ئەينى ۋاقىتتا دەۋاگەر بىلەن تونوش بولغانلىقىمىز ئۈچۈن كىلىشىش ئارقىلىق شىرىك دۇككان ئىچىپ تىجارەت قىلىشنى پۈتۈشكەن ئىدۇق. بارلىق مەبلەغنى مەن چىقىرىپ دۇككان ئاچتۇق. پەقەت دەۋاگەر شۇ دۇكانغا بىر دانە كومپيۇتىر ۋە كومپيۇتىر ئۈستىلىنى ئىلىپ كىرىپ ئىش باشلىماقچى بولدى، ئەپسۇس دەۋاگەر تەرەپ ئىككىمىز ئوتتورىغا قويغان پىكىرگە ئەمەل قىلماي، لەۋزىدە تۇرماي، ئورونسىز خاپىلىق پەيدا قىلىپ دۇككانغا ئىلىپ كىرگەن بىر دانە كومپيۇتىر ۋە ئۈستىلىنى ئىلىپ چىقىپ كىتىپ دۇككاننىڭ نورمال تىجارەت قىلىشغا تەسىر يەتكۈزدى، بۇ يەردە زىياننى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى دەۋاگەر، دەۋاگەر دەۋا تەلىۋىدە شىرىكچىلىك مۇناسۋەتنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى، بۇ شىرىكچىلىك مۇناسىۋىتى ئەينى ۋاقىتتىلا كۈچتىن قىلىپ بولغان، شۇڭا دەۋاگەرنىڭ ئورۇنسىز دەۋا تەلپىنى رەت قىلىىپ ھۆكۈم چىقىرىپ بەرسەڭلار.» دەپ جاۋاپ بەردى.

ئاقتۇ ناھىيلىك سوت مەھكىمىسى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا شىرىكلەر مەبلەغ چىقىرىش، پايدا تەخسىملەش، قەرىز تۆلەش، شىرىكلىشىش، شىرىكلىكتىن چىكىنىش، شىرىكچىلىكنى ئاياقلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلار ھەققىدە يازما كىلشىم تۇزۇشى كىرەك دەپ بەلىگىلەنگەن بولسمۇ تەرەپلەر شىرىكلىشىش ھەققدە ئىغزاكى كىلشىم تۇزگەن بۇنى ھەر ئىككى تەرەپ ئىتىراپ قىلىدۇ، شۇڭا تەرەپلەرنى شىرىكچىلىك مۇناسىىۋىتى ئورناتقان دەپ بىكىتىشكە بولىدۇ، تەرەپلەر شىرىكچىلىك مۇناسۋەت ئورناتقان بولسمۇ ھازىرغىچە تەرەپلەر ئەمەلىي شىرىك تىجارەت قىلمىغان، تەرەپلەر شىرىكچىلىك مۇناسىۋىتىنى ئىغىزاكى ھالدا 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۇنى دىيشىپ دۇكاننى زىنەتلەش ۋە مال كىرگۇزۇش قاتارلىقلارنى قىلىپ 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۇنى تىجارەت باشلىغاندا تەرەپلەر ئارىسىدا پىكىر ئىختىلاپ يۇز بىرىپ شىرىك تىجارەت قىلالماي كىيىنكى تىجارەت پائالىيتىنى جاۋاپكار ھەسەن ئۆزى يالغۇز داۋاملاشتۇرغان، دەۋاگەر ھۈسەن بۇ شىرىك تىجارەتكە قاتناشمىغان، شۇڭا تەرەپلەرنىڭ شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتى شۇ ۋاقىتىن باشلاپ ئاخىرلاشقان، تەرەپلەر شېرىكلىشىشتىن چىقىپ كەتكەن دەپ بىكىتىشكە بولدۇ، دەۋالاشقۇچىلاردىن شېرىكلىشىش ھەققىدە يازما كېلىشىمى بولمىغان، ئۇنىڭ ئۇستىگە سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىغا تەستىقلىتىپ تىزىمغا ئالدۇرمىغان بولسمۇ، شېرىكلىشىشنىڭ باشقا شەرىتلىرىنى ھازىرلىغانلىرى ھەمدە مەنپەت مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىككىدىن ئارتۇق كىشى ئۇلارنىڭ شېرىكلىشىش ھەققىدە ئاغىزاكى كېلشىمى بارلىقىنى ئىسپاتلىغانلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى خەلق سوت مەھكىمىلىرى شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتى دەپ بىكىتىسە بولىدۇ. شېرىكلەشكۈچىلەر شېرىكچىلىكتىن چىقىپ كېتىشتە بۆلۈشىدىغان شېرىكچىلىكتىكى مال-مۈلۈك شېرىكلىشىشتە قوشقان مال-مۈلۈك، شېرىكلىچىلىك مەزگىلدە توپلىغان مال-مۈلۈك ھەمدە شېرىكچىلىك مەزگىلىدىكى ھەقدارلىق ھوقۇقى ۋە قەرزدارلىق مەجبۇرىيتىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كىرەك. شېرىكچىلىككە قوشقان ئەسلىدىكى نەرسىسىنى شېرىكچىلكتىن چىقىپ كىتىدىغان چاغدا پىرىنسىپ جەھەتتە قايتۇرۇپ بىرىشى كىرەك. بىر قىتىمدا قايتۇرۇپ بولۇش تەس بولسا تۇركۇمگە، مۇددەتكە بۆلۈپ قايتۇرۇلسا بولىدۇ، ئەسلىدىكى نەرسىنى قايتۇرۇش ھەقىقەتەن تەس بولغانلىرى باھاغا سۇندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ، دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىۋىدىكى نەرسىلىرىدىن دۇكاننى زىنەتلەش ئىش ھەققى ، تىلفۇن سايمانلىرىنى دۇكانغا ئىلىپ كىردىم دىگەن دەۋا تەلىۋىگە قارتا دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىپ ئۆز تەشەببۇسىنى ئىسپاتلاپ بىرەلمىدى، شۇڭا مەھكىمىمىز دەۋاگەرنىڭ بۇ تۈردىكى دەۋا تەلىپىنى قوللاشقا بولمايدۇ دەپ قاراپ29–ئىيۇن سوت ئېچىپ تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى شىرىكچىلىك توختامى بىكار قىلىنسۇن، جاۋاپكار ھەسەن دەۋاگەر ھۈسەن بىلەن شىرىكلىشىپ ئاچقان ئاقتۇ ناھىيە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تارماق شىركتىگە مەبلەغ چىقارغان دۇكاننى زىنەتلەش ھەققى بولۇپ جەمىئى 10750 يۇەننى ۋە بىر پارچە 380 يۇەن قىممىتىدىكى سۇنئى گىلەمنى مۇشۇ ھۆكۇم قانۇنى كۇچكە ئىگە بولۇپ 10 كۇن ئىچىدە دەۋاگەر ھەسەنگە بىرىدۇ. دەۋاگەر ھۈسەننىڭ باشقا دەۋا تەلىۋى قانۇن بويىچە رەت قىلىنسۇن دەپ ھۆكۈم چىقاردى.

ئەسكەرتىش : كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق