باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>دېلو مىساللىرى
قىزى بىلەن كۈيئوغلىنى سوت سەھنىسىگە ئېلىپ چىققان«ئانا»
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-14 16:43:47

 

ئاتۇش شەھرىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى زورىخان توي قىلىپ بىر قىز پەرزەنىتلىك بولدى، ئۇلار خۇشاللىقىدا قىزىغا زاھىدە دەپ ئىسىم قويدى.ئەمما ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن تۇرمۇشتا كىچىككىنە ئىشلار سەۋەبىدىن كىلىشەلمەي زاھىدەنى يېتىملىك كوچىسىغا تاشلىدى.مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن زورىخان قايتا ياتلىق بولۇشقا تەرەددۇت قىلدى.

--قانداق قىلسام بولار؟ قىزىم زاھىدەنى بولغۇسى يولدۇشۇمنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەتسەم بولارمۇ، ياكى ئانامغا تاشلاپ كەتسەم بولارمۇ؟ زورىخان نەچچە كۈن ئويلىنىپ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پىلانىنى ئانىسى روزىخانغا ئېيىتتى.

--قىزىم ، سەن قايتا ياتلىق بولۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىسەن، زاھىدەنى بولغۇسى يولدۇشۇڭنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ ،ئۇنى ئۈگەيلەتكۈچە مەنلا بېقىپ چوڭ قىلىپ بېرەي، سەنمۇ تۇرمۇشۇڭنى خاتىرجەم ئۆتكۈزگىن دىدى روزىخان قىزىغا كۆڭلىنى چۈشەندۈرۈپ.شۇنداق قىلىپ زورىخان قىزى زاھىدەنى چوڭلارغا تاپشۇرۇپ قوشنا يېزىدىكى ياسىنغا ياتلىق بولۇپ كەتتى.

ئايلار، يىللار بىر –بىرىنى قوغلىشىپ ، زاھىدە چوڭ ئانىسىنىڭ ئەتراپلىق تەربىيەلىشىدە ئەخلاقلىق، كۆيۈمچان قىز بولدى،زاھىدە گەرچە توي قىلىپ چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ يەنىلا داۋاملىق تۈردە چوڭ ئانىسىنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىپ تۇردى.روزىخان نەۋرىسىنىڭ كۆيۈمچانلىقىدىن خوش بولسا كىرەك،زاھىدەنى يېنىغا چاقىردى.

--قىزىم زاھىدە، سېنى كىچىگىڭدىن تارتىپ ئۆز بالامدەكلا بېقىپ كىلىۋاتىمەن، سەنمۇ مېنىڭ باققانلىرىمغا جاۋاپ قايتۇرۇپ مېنىڭ ھالىمدىن ياخشى خەۋەر ئېلىۋاتىسەن، ئەگەر سەن مېنىڭ كۆزۈم يۇمۇلغۇچە ھالىمدىن خەۋەر ئالساڭ مەن ئولتۇرىۋاتقان بۇ ئۆينى ساڭا مىراس قالدۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن دىدى روزىخان نەۋرىسىنىڭ بېشىنى سېيلاپ تۇرۇپ،

--چوڭ ئانا، نىمىلەرنى دەۋاتقانسىز،مەن سىزنىڭ قىزىڭىزغۇ،ماڭا ئۆينى مىراس قىلىپ بەرمىسىڭىزمۇ،تېنىم سالامەت بولسىلا سىزنى ئاخىرقى ئۆمرىڭىزگىچە ياخشى كۈتىمەن دىدى زاھىدە كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالغان ھالدا؛
--ياق قىزىم، سەنمۇ ماڭا پەزەنىتلىرىمدىن ئۆتەر ياخشى قاراۋاتىسەن، بىر كۈنى پەرزەنىتلىرىمنى يىغىپ بۇ ئۆينى ساڭا مىراس قالدۇرىمەن دىدى روزىخان ئانا قەتئىيلىك بىلەن.

2000–يىلى 7 –ئىيۇل كەچ،روزىخان پەرزەنىتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆيگە چاقىرغاچ، كەنىت ئاھالىلەر كومىتىتىدىن ھاشىمنى، گۇۋاھچى روزىنى ئۈستىدە تۇرغۇزۇپ،يېزىلىق ئەدلىيە ئىشخانىسىنىڭ خادىملىرىغا ۋەسىيەت يازدۇردى، ھەممە پەرزەنىتلىرىگە قول قويدۇرۇپ،ئۆزى ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيىنى نەۋرىسى زاھىدە بىلەن كۈيئوغلى ئادىلغا مىراس قىلىپ بەردى.ئەينى ۋاقىتتا زورىخانمۇ قېرىنداشلىرىنىڭ قاتارىدا ۋەسىيەتنامىگە قول قويۇپ باشقىچە پىكىردە بولمىدى.شۇ كۈندىن باشلاپ زاھىدە بىلەن ياسىن بۇ ئۆيگە ئىش قوشۇپ، بىر قىسىم يەرلىرىنى ئۆزگەرتىپ بۇ ئۆيگە كۆچۈپلا كىرىپ ئانىسى زورىخان چوڭ ئانىسى روزىخان بىلەن بىللە تۇردى. مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن روزىخان ئانا كۆز يۈمدى، زاھىدە چوڭ ئانىسىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ئانىسى بىلەن بىللە تۇردى. 2013 –يىلىغا كەلگەندە زورىخان 2003-يىلى 11-ئايدا ئۇزىنىڭ نامىدا بىجىرىلگەن كوللىكتىپ يېرىنى ئىشلىتىش گۇۋانامىسى ۋە 2008-يىلى بىجىرىلگەن يېزا يەر ھۆددىگەرلىك گۇۋاھنامىسىنى كۆتۇرۇپ چىقىپ«بۇ ئوي مىنىڭ، سىلەر ئۇيۇڭلارغا كۇچۇپ كىتىڭلار دەپ قىزى بىلەن كۈيئوغلىنى ئۆيدىن چىقىپ كىتىشكە دەۋەت قىلدى، شۇنداق قىلىپ تەرەپلەر ئوتتۇرسىدا ماجرا چىقتى.ئەينى ۋاقىتتا يېزىلىق ئەدىلىيە ئىشخانىسىدىكى خادىملار ۋە كەنىت مۇرەسسە ھەيئەتلىرى تەرەپلەرنى مۇرەسسەگە يىتەكلىگەن بولسىمۇ، زورىخان مۇرەسسەگە قوشۇلماي ئاتۇش شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىگە يول ئالدى.
زورىخان سوتتا: << جاۋاپكار زاھىدە مىنىڭ قىزىم ، ئادىل بولسا مىنىڭ كۇيئوغلۇم ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار مەن ۋە ئانام روزىخاننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى كوپ قېتىم ئوتتۇرىغا قۇيۇپ تۇرىۋالغانلىقى ئۇچۇن مەن ۋە ئانام ئۇلارنىڭ بىز بىلەن بىرگە تۇرىشىغا قۇشۇلۇپ 2000-يىلى ئۇلار ئۇيۇمگە كوچۇپ كىردى. ئانام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن جاۋاپكارلار مىنى خورلىدى، ھەتتا مىنى ئۇردى ، مەن ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىگە كۆچۇپ كىتىشنى كۆپ قېتىم ئېيتساممۇ ئۇلاركۆچۇپ كەتمىدى. ھەم بۇ ئۆينى مىنىڭ دەپ تۇرىۋىلىشتى. ئۇلار ھازىر ئولتۇرۋاتقان ئوي مىنىڭ ئۆيۈمدۇر،مەندە ئۆينىڭ يەر خېتىمۇ بار. مەن ئۇلارنىڭ خورلىشىغا چىدىماي قارامايدىكى ئوغلۇمنىڭ ئۇيىدە بېرىپ- كىلىپ ئىككى يىل تۇردۇم. 2014-يىلى 2- ئاينىڭ 14- كۇنى ئويگە قايتىپ كەلسەم مىنى ئۇلار ئويۇمگە كىرگۇزمەي ئويۇمنى ئىگەللىۋالدى ، سوت مەھكىمىسىنىڭ جاۋااپكارلارنىڭ دەخلى تەرۇزنى توختۇتۇپ، ئوينى ماڭا قايتۇرۇپ بىرىشكە بۇيرۇپ بىرىشىنى تەلەپ قىلىمەن >> دىگەن مەزمۇندا ئەرز سۇندى.

زاھىدە بىلەن ئادىل سوتتا : -<< ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئوينى چوڭ ئانىمىز روزىخان بارلىق ئۇرۇق تۇققانلارنى يىغىش بىلەن بىرگە يېزىلىق ئەدىلىيە ئىشخانىسىنىڭ خادىملىرى،كەنىت رەھبەرلىرىنى قاتناشتۇرۇپ ، ۋەسىيەتنامە يېزىپ بىزگە مىراس قالدۇرغان .شۇنىڭدىن باشلاپ بىز بۇ ئويگە ئىگىدارلىق قىلىپ ئىش قۇشۇپ ئوزگەرتىپ يېڭىلاپ سېلىپ پايدىلىنىپ كىلىۋاتىمىز،ئوي بىزنىڭ، بىز ئانىمىز روزىخاننى ئويدىن چىقىرىۋەتمىدۇق، بىز بىلەن ئىتىپاقلىشىپ ئوتسە ھازىرمۇ بۇندىن كىيىنمۇ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىمىز >>دىگەن مەزمۇندا جاۋاپ بەردى.

ئاتۇش شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى دەۋاگەرنىڭ ئانىسى زورىخاننىڭ 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۆزىنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى بىر يۈرۈش ئۆيىنى نەۋرىسى زاھىدە ، يولدىشى ئادىلغا ۋەسىيەت قىلىپ قالدۇرغانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتىنى بىكىتىشكە بۇلىدۇ. ۋەسىيەتنىڭ ئىمزالىنىش تەرتىۋى قانۇنلۇق ، ۋەسىيەتنامە كۆچكە ئىگە،دەۋاگەرمۇ ۋەسىيەت ئۈستىدە تۇرۇپ ۋەسىيەتنامىگە قول قويغان، دەۋاگەر ۋەسىيەتنامىدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن ئۆي ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ بولسا ئۆزىنىڭ مال مۈلۈكىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن مىراس قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ قانۇندا بەلگۇلەنگەن سۇرۇك ئىچىدە دەۋادىكى تالاش تارتىش قىلىنىۋاتقان ئوينىڭ ئۇزىنىڭ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ دەلىل ئىسپات كورسۇتۇپ ۋەسىيەتنامىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بۇلاتتى، دەۋاگەر قانۇندا بەلگۇلەنگەن سۇرۇك ئىچىدە ياكى ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى ھايات ۋاختىدا ھۇقۇقىنى تەشەببۇس قىلمىغان، جاۋاپكارلار ۋەسىيەتنامىگە ئاساسەن ئۆينى ئىگەللەپ ئىش قۇشۇپ ئۆينى يېڭىلاپ ئولتۇرغان.2003-يىلى دەۋاگەر ۋەسىيەتنامىدىكى مەزمۇندىن خەۋەر تېپىقلىق تۇرۇپ ھەقىقى ئەھۋالنى يۇشۇرۇپ يامان غەرەز بىلەن ئۆز ئالدىغا كوللىكتىپ يېرىنى ئىشلىتىش گۇۋاھنامىسى ، يېزا يەر ھۆددىگەرلىك گۇۋاھنامىسىنى تۇلۇقلاپ بىجىرىۋالغان. سوتتا يۇقارقى كىنىشكە گۇۋاھنامىلەرنىڭ بىجىرىلىش تەرتىۋىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكى ھەققىدە دەلىل ئىسپات تەمىنلەپ بىرەلمىدى، دەۋاگەرنىڭ بۇ قىلمىشى قانۇنسىز مەخسەتنى قانۇنلۇق شەكىل بىلەن يېپىش ھەركىتى بۇلۇپ، بۇ قانۇن بۇيىچە كۇچكە ئىگە بولمىغان ھەق تەلەپ ھەركىتى بۇلۇپ قوللاشقا بولمايدۇ،جاۋاپكارلاردە دەۋاگەرنىڭ مال- مۇلۇك ھۇقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلىش قىلمىشى يوق، دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىپىنى رەت قىلىشقا تىگىشلىك دەپ قاراپ 28–ئىيۇن سوت ئېچىپ،دەۋاگەر زورىخاننىڭ دەۋا تەلىپى رەت قىلىنسۇن دەپ ھۆكۈم چىقاردى.

ئەسكەرتىش : كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق