باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>دېلو مىساللىرى
مۇرەسسەدە ھەل بولغان تېرەك داۋاسى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-14 16:45:16

 

 

ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئەزىمەتنىڭ ئۆيىنىڭ شەرىق تەرەپ تىمى يېنىدا قاسىمنىڭ بىر قاتار تىرىكى بار بولۇپ، بۇ تىرەكلەرنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈپ تىرەك يېتىۋالغاچقا ئەزىمەتنىڭ ئۆيىگە ھەر ۋاقىت خەۋىپ ئېلىپ كەلدى. ئەزىمەت قوشنىدارچىلىقنىڭ يۈزىنى قىلىپ بىر قانچە قېتىم قاسىمنى ئىزدەپ تېرەكنى كېسىۋىتىشنى ئېيىتقان بولسمۇ، قاسىم تىرەكنى كېسىۋىتىشنى رەت قىلدى، ئامالسىز قالغان ئەزىمەت كەنت كادىرلىرى ۋە يېزا باشلىقىنى ئىزدەپ ئەھۋالنى ئېيتتى.ئەينى ۋاقىتتا تەرەپلەر قاسىمنى چاقىرتىپ بۇ بىر تۈپ تىرەكنى كېسىۋىتىشنى ئېيىتتى. قاسىم تىرەكنى 2013-يىلى 10 –سېنتەبىردىن بۇرۇن كېسىۋىتىمەن دەپ ھۆججەت يېزىپ بەرگەن بولسمۇ،تېرەك يەنىلا كىسىلمىدى،2014-يىلى 28 –يانۋار بوران چىقىپ ئەزىمەتنىڭ يېڭى سالغان پىششىق قىش قۇرۇلمىلىق ئۆيىنىڭ 21 كۇۋادىرات مىتىرلىق تېمىنى ئۆرۇلۈپ چۈشتى.شۇ كۈندىن باشلاپ تەرەپلەر ئوتتۇرسىدا دە-تالاش باشلاندى. ئامالسىز قالغان ئەزىمەت سوت مەھكىمىسىگە يول ئالدى.

ئەزىمەت سوتتا: « ئۆيۇمنىڭ شەرىق تەرەپ تىمى يېنىدا قاسىمنىڭ تېرىكى بار بولۇپ، بۇ بىر تۈپ تېرەك يېتىۋىلىپ ئۆيۈمگە خەۋىپ كەلتۇرگەنلىكتىن قاسىمنى ئىزدەپ تېرەكنى كېسىۋىتىشنى ئىيتىم،بىراق جاۋاپكار تېرەكنى كېسىشگە ئۈنىمىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن كەنتكە ئەھۋالنى مەلۇم قىلدىم، 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى كەنت كادىرلىرى ۋە يېزا باشلىقى قاتارلىقلار قاسىمنى چاقىرتىپ تىرەكنى كېسىۋىتىشنى ئېيتقاندا، قاسىم 2013-يىلى 10 –سېنتەبىردىن بۇرۇن كېسىمەن دەپ ھۆججەت يېزىپ بەردى، بىراق يەنىلا تېرەكنى كەسمىگەنلىكتىن 2014-يىلى 28 -يانۋار شامال چىققاندا تېرەك توختىماستىن لىڭشىپ 21 كۇۋادىرات مىتىر ئەتىراپدا ئۆيۇمنىڭ تېمى ئۆرۈلۈپ چۈشتى، شۇڭا بۇنىڭ زىيىنى ئۇچۇن 18900 يۇەننى قاسىمدىن تۆلىتىپ ئىلىپ بەرسەڭلار » دەپ ئەرىز سۇندى.

قاسىم سوتتا: « مەن 1988-يىلى ئۆي سىلىپ ئەتراپىغا چۆگىلىتىپ تېرەك ئورمىنى قويغان ئىدىم، 2013-يىلى بەكرى مىنىڭ ئورمان بەلۋىغىم تەرەپتىن 3 مىتىر ئارلىق تاشلاپ مىنىڭ ئۆيۇمنىڭ يېنىغا ئۆي سىلىپ ئولتۇراقلاشتى، 2008-يىلىغا كەلگەندە بەكرىنىڭ بالىسى ئەزىمەت ئۆي سېلىش ئۈچۈن مىنىڭ ئورمان بەلۋىغىمنىڭ تۈۋىگە قىستاپ ئۇرمان بىلەن تامنىڭ ئارلىقىنى 20 سانتىمىتىر قويۇپ ئۇل باستى.ئەينى ۋاقىتتا مەن ئۈچ مېتىر ئارىلىق قالدۇرۇپ تام ئەتكىن دەپ قايتا-قايتا تەكىتلىسەممۇ ، ئەزىمەت سۆزۈمگە قۇلاق سالماي كەنىت كادىرى تانا تارتىپ پىچىپ بەرگەن مەن مۇشۇ يەرگە تام ئىتىمەن دەپ جىدەل قىلدى. ئەزىمەت يەر باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن رەسمىيەت بىجىرمەي قانۇنسىز ئۆي سىلىۋالغان،شۇنداقلا ھۆكۈمەتتىن يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سىلىش ئۈچۈن بەرگەن مەبلەغنى ئۆلچەم بويىچە تولۇق ئىشلەتمەي ئۆينىڭ تىمىنى بىر قىشتىن ئەتكەندىن سېرت، تامغا تۆمۈرمۇ ئىشلەتمىدى ، ئەتكەن تىمى ئۆلچەمگە توشمايدۇ. تېرەك ئەزىمەت ئۆي سىلىشتىن 26 يىل بۇرۇن قويۇلغان، ئەزىمەت ئەينى ۋاقىتتا ئارلىق تاشلاپ تام ئەتكەن بولسا، ئۇنىڭدىن سىرىت يۇقاردا ئېيتىلغاندەك سەۋەنلىكلىرىنى سادىر قىلمىغان بولسا ھازىرقىدەك دەۋا شەكىللەنمىگەن بولاتتى، 2013-يىلى 20 -سېنتەبىر يېزا، كەنىت كادىرلىرى ماڭا تىرەكنى كىسىۋىتىش توغىرسىدا ئۇختۇرۇش قىلغان، مەن تىرەكنى كىسىشگە قوشۇلۇپ تىرەكنى بىخەتەر يېقىتىش ئۈچۈن چارە-ئۇسۇللارنى ئىزدىدىم، تىرەك كەسكەن شارائىتتا ئەزىمەتنىڭ ئۆيىنىڭ ئۈستىگە چۈشۇپ كىتىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ شەرىق تەرەپتىكى ئورمان بەلۋاغ تەرەپتىن 25 تۇپ تىرەكنى كېسىشگە توغرا كەلدى، مەن يېزىلىق ئەدىلىيە پونكىتى، ناھىيىلىك ئورمان پونكىتى قاتارلىق ئورۇنلارغا بىرىپ ئىلتىماس سۇندۇم، ئورمان پونكىتىدىكى خادىمىلار 9-ئايدا تىرەك كېسىشگە بولمايدۇ،ھەم تىرەك كىسىش گۇۋاھنامىسىمۇ بىرىلمەيدۇ، 3-ئايدا تېرەكنى كەسسەڭ تىرەك كىسىش گۇۋاھنامسى بىرىمىز دەپ ئىپادە بىلدۇردى، مەن شۇنىڭغا ئاساسەن تىرەكنى كەسمەي تۇردۇم. 2014-يىلى 28 -سېنتەبىر بوران چىقىپ تىرەك لىڭشىپ ئۆيۇمنى ئۆرىۋەتتى دىگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ نەخ مەيدانغا باردىم، ئەھۋالنى كۆرۇپ 28-چىسلا بوران چىقمىسا نىمە ئۈچۈن تىمىڭ ئۆرۈلۇپ كەتتى دەپ ئېيىتسام، ئەزىمەت يولسىزلىق قىلىپ ئالدىمغا يۇگۈردى، مەن ئۇنىڭغا ئۆزۇڭنى بىسىۋال، تەشكىل كۆرۇپ بىر تەرەپ قىلسۇن دەپ قايتىپ كەلدىم، ئەزىمەت ئەدىلىيە كادىرلىرىنى ئەكىلىپ ئۆينى كۆرسىتىپ تۆلەپ بەرسۇن دەپ جار سالدى، يېزىنىڭ ئەدلىيە كادىرى ئۆينىڭ ئۆرلۇپ كىتىش سەۋەبىنى ئىچكىرلەپ تەكشۇرمەيلا، ناھىيلىك باھا ئىدارىسىدىن ئادەم ئەكىلىپ ئۆينى رەسىمگە ئىلىپ باھالاشقا ئېلىپ كىتىپتۇ،، يۇقارقى كادىرلار بۇ ۋەقەنى ئېنىق تەكشۇرمىدى، مەن زىياننى ئۈز ئۈستىمگە ئالمايمەن، 28- چىسلا يەر تەۋرىمىسە، بۇران چىقمىسا ئۆي نىمە ئۈچۈن ئۆرۈلۇپ كېتىدۇ، ئەگەر بوران چىقىپ ئۆيۇمنى تىرەك ئۆرىۋەتتى دىيىلسە تەشكىلنىڭ ھاۋارايىنى تەكشۇرۇپ بېقىشىنى سورايمەن. بۇ تامنى ئۇلار ئۆزلىرى ئۆرىۋىتىشتى، ئۆرۈلگەن ئۆينىڭ ئىچىدىكى يوتقان كۆرپە، كىگىز كىچەكلەرنى ئېلىپ چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئۆي ئۆرۇلگەن، شۇڭا مەن بۇ زىياننى ئۆز ئۈستىمگە ئالمايمەن .» دەپ جاۋاب بەردى.

ئاقتۇ ناھىيلىك سوت مەھكىمىسى 26–ئىيۇن تەرەپلەرنى مۇرەسسەگە يىتەكلىدى، نەتىجىدەقاسىم دەۋاگەر ئەزىمەتنىڭ 21 كۇۋادىرات مىتىرلىق پېششق قېش قۇرۇلمىلىق ئۆي تېمىنىڭ زېيىنى ئۈچۈن 4000 يۇەننى دەۋاگەر ئەزىمەتكەبېرىدىغان، قاسىممۇ بۇ بىر تۇپ تىرەكىنى كېسىۋالىدىغان تىرەكنى كىسىش جەرياندىكى بىخەتەرلىككە جاۋاپكار قاسىم ئۆزى مەسئۇل بولىدىغان بولۇپ كىلىشتى.

ئەسكەرتىش : كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق