باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>دېلو مىساللىرى
ھارام مالنى سېتىۋالغۇچىلارمۇ جازالىنىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-08 13:53:24

 

تۇرمۇشتا بەزى كىشىلەر ئازغىنە پايدىنى كۆزلەپ، ئوغرىلاپ، بۇلاپ كېلىنگەن ياكى قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ سېتىۋالىدىغان، يىغىۋالىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. ئۇلار: بۇ نەرسىلەرنى بىز ئوغرىلىمىغاندىن كېيىن، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولمايمىز، دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھارام مالنى سېتىۋېلىشمۇ جىنايەت بولۇپ، ئوخشاش جازالىنىدۇ.

دۆلىتىمىز جىنايى ئىشلار قانۇنىدا: ‹‹جىنايەت ئۆتكۈزۈش يولى بىلەن ئېرىشكەن تاپاۋەت ياكى ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان پايدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى يوشۇرغان، يۆتكىۋەتكەن، سېتىۋالغان، سېتىپ بەرگەن ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن پەردازلىغان، يوشۇرغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن.

ۋاڭ گولياڭ بۇ يىل 3 - ئايدا جىيەنى ۋاڭ بو بىلەن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جياشىن شەھىرى خەييەن ناھىيەسىدىكى بىر قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەمچىلىك قىلغان. ئۇلار ئىككىلىسى ھاراق، تاماكىغا ئامراق بولۇپ، ئاي ئاخىرى بولغاندا يانچۇقى قۇرۇقدىلىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مائاشى چىققۇچە قۇرۇلۇش ئورنىدىن ئازراق نەرسە تېپىپ سېتىپ ئۇنى خەجلەپ تۇرماقچى بولۇشقان ھەم 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كەچتە بىر ئۈچ چاقلىق توكلۇق ۋېلىسىپىتنى ھەيدەپ قۇرۇلۇش ئورنىغا بېرىپ سەككىز خالتا تۆمۈر زاپچاسنى ئېلىپ، ئۇدۇل كېرەكسىز نەرسە - كېرەكلەرنى يىغىۋېلىش ئورنىغا ئېلىپ كەلگەن.

كېرەكسىز نەرسە - كېرەكلەرنى يىغىۋېلىش ئورنىنىڭ خوجايىنى شۈ تاۋ بىر قاراپلا بۇ نەرسىلەرنىڭ ئوغرىلاپ كېلىنگەنلىكىنى پەملىگەن ۋە كۆڭلىدە: مۇشۇ پۇرسەتتە مەنمۇ ئازراق پايدا ئېلىۋالمايمەنمۇ، دەپ ئويلاپ، ئەسلىي نەچچە مىڭ يۈەنگە يارايدىغان بۇ زاپچاسلارنى 350 يۈەنگە سېتىۋالغان. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، ساقچىخانا خادىملىرى كېرەكسىز نەرسە - كېرەكلەرنى يىغىۋېلىش پونكىتىغا تەكشۈرۈشكە كېلىپ قالغان.

سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق، ۋاڭ گولياڭ، ۋاڭ بولارنى ئوغرىلىق جىنايىتى ئۈچۈن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندىن سىرت، شۈ تاۋنىڭ بۇ نەرسىلەرنىڭ ئوغرىلاپ كېلىنگەن ھارام مال ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنىلا سېتىۋالغانلىق قىلمىشىدىن پەردازلاش، يوشۇرۇش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دەپ قاراپ، بەش ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ، ئون ئاي كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا، قوشۇمچە 2000 يۈەن جەرىمانە قويۇشقا بۇيرىغان.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق