باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>دېلو مىساللىرى
‹‹ئالدامچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام››
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-08 13:55:37

 

بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا، ئالىم باشقىلاردىن ياسىن ئىسىملىك بىرسىنىڭ شوپۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتكۈزۈش ئىشىنى بېجىرەلەيدىغانلىقىنى ئاڭلىدى ۋە ئۆزىنىڭ پىراۋا ئېلىش ئىشىنى بېجىرىش ئۈچۈن ياسىن بىلەن كۆرۈشتى.ياسىن ئالىمغا ئىمتىھانغا قاتناشمىسىڭىزمۇ شوپۇرلۇق پىراۋىسى چىقىرىپ بېرىمەن، دېدى ۋە ئۇنىڭدىن 5000 يۈەن ئالدى. ئۇ ئالىمغا يەنە ئېھتىياجى بارلار بولسا تېپىڭ دېدى. ئالىم مەمەت، داۋۇت، تۇرغۇن، پەرىدە قاتارلىقلارنى تاپتى، ياسىن ئۇلارنىڭ ھەربىرىدىن 5000 يۈەندىن جەمئىي 20 مىڭ يۈەن ئالدى. بىراق پىراۋا يەنىلا بېجىرىلمەي، ياسىن ئۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىنى خەجلەپ تۈگەتتى. ئاخىرىدا مەمەت، داۋۇت، تۇرغۇن، پەرىدە قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆزلىرىنىڭ شوپۇرلۇق پىراۋىسى ئېلىش جەريانىدا ياسىن ئىسىملىك بىرسى تەرىپىدىن ئالدانغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. ج خ ئىدارىسى تەكشۈرۈپ، دەلىل-ئىسپاتلارنى تولۇقلاپ تەپتىش مەھكىمىسىگە تەستىقلاشقا يوللىدى، تەپتىش مەھكمىسى ياسىننى ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئالدى.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق