باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>دېلو مىساللىرى
توختاملىق ئىش بۇزۇلماس
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-08 13:58:03

 

تۇرمۇش كىشلىك مۇناسىۋەتتىن ئايرىلالمايدۇ. مەيلى سودا–تىجارەتتە، ئىلىم–بېرىم ئىشلىرىدا، مەيلى ئادەم ئىشلىتىشتە بولسۇن ئۆز ئارا توختام تۈزۈلىدىغانلىقى ئەقەللىي ساۋات. توختام ھەمكارلاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغداشنىڭ كاپالىتى. جەمئىيىتىمىزدە بىر قىسىم كىشىلەر قانۇنىي ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن، توختام تۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇپ يېتەلمەسلىك سەۋەبىدىن بىھۇدە ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچراپ، بىھۇدە زىيان تارتىدىغان ئىشلارنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. بەزى ئەمەلىي پاكىتلار تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلاردىمۇ ئۆزئارا توختام تۈزۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ئىسپاتلىدى.

بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بىر تونۇشۇم بىر نەچچە ئىشلەمچى تەكلىپ قىلىپ، كونىراپ كەتكەن ھويلا تېمىنى باشقىدىن قوپۇرۇپ، يېڭى دەرۋازا ئورناتماقچى بولغان. ھويلا تېمى قوپۇرۇلۇپ، دەرۋازا ئورنىتىلىۋاتقاندا، دەرۋازىنىڭ يېڭىلا قوپۇرۇلغان خىش تۈۋرۈكى تۇيۇقسىز ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ئىشلەمچىلەردىن بىرىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان. ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تونۇشۇمدىن تۆلەم تەلەپ قىلغان. تونۇشۇم بۇنىڭغا قايىل بولماي، ئۇلار بىلەن سوتلاشقان. دوستۇم ئۇلار بىلەن ئىش باشلاشتىن ئىلگىرى، ئىش جەريانىدا يارىلىنىش، ئۆلۈم – يېتىم ئەھۋالى يۈز بەرسە، قارشى تەرەپ ئۆزى مەسئۇل بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يازما توختامنامە تۈزۈۋالمىغانلىقى ئۈچۈن، سوت خادىملىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، تونۇشۇمنىڭ قارشى تەرەپكە 60 مىڭ يۈەن تۆلەم تۆلىشىنى بۇيرىغان. سوت ھۆكۈمىگە قايىل بولماي نېمە ئامال دەيسىز؟! تونۇشۇم ئىلاجسىز تونۇش–بىلىشلىرىدىن قەرز ئېلىپ يۈرۈپ تۆلەمنى تۆلىگەن. دوستۇمنىڭ قانۇن ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكى، ئەمگەك توختامى تۈزۈشكە بولغان تونۇشىنىڭ يېتەرسىزلىكى، بىپەرۋالىقى ئۇنى بىرمۇنچە ئاچچىق زىيان تارتىشىغا سەۋەب بولغان.

تۇرمۇشتا بىزگە بۇنداق ئاچچىق ساۋاقلار دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. مەيلى چوڭراق سودا–تىجارەت قىلايلى، باشقىلار بىلەن ئىلىم–بېرىم ئىشلىرىدا بولسۇن، ئۆز ئارا توختام تۈزۈشكەندىلا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئىتى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. ھەتتا تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلارمۇ نەزەردىن ساقىت قالماسلىقى كېرەك. شۇڭا كونىلار «توختاملىق ئىش بۇزۇلماس» دەپ بىكار ئېيتمىغان.

بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىزنىڭ مەھەللىدىكىلەرگە سۇ تۇرۇبىلىرىنى قايتىدىن ئورنىتىپ بەرگەن ئىدى. بەلگىلىمە بويىچە ھەرقايسى ئائىلىلەر ئۆيلىرىگە كىرگۈزىدىغان قىسمىغا ئۆزلىرى چىقىم قىلاتتى. قوشنىمىزدىن بىرەيلەن قوشنىلار بىلەن ئوبدان مەسلىھەتلەشمەيلا، مەلۇم بىر ئىشلەمچىلەر بىلەن ئون نەچچە ئائىلىنىڭ سۇ تۇرۇبا يولىنى ئويۇپ، تۇرۇبىلارنى ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئۆينىڭ تېمىنىڭ ئاستىدىكى ئۆينىڭ ئىچكى قىسمىغا ماڭغان تۇرۇبا يولىغا ئۇلاپ بېرىشكە ئاغزاكى كېلىشىپ قويۇپتۇ. نەتىجىدە ئىشلەمچىلەر ئاساسىي تۇرۇبا يولىنى ئويۇپ، تۇرۇبىلارنى كۆمۈپ بېرىپ، ئۆيلەرنىڭ ئاستىغا كۆمۈلگەن تۇرۇبا يولىغا ئۇلايدىغان يېرىنى ئويمىدى ھەم تۇرۇبىنى ئۇلاپ بېرىشنى رەت قىلىپ تۇرۇۋالدى. قوشنىلار بىرلىشىپ ئىش بېشىغا تۇرۇبىنى ئۇلاپ بېرىشنىڭ ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولساقمۇ، ئۇ ئۇلاپ بېرىشنى رەت قىلدى. بىزمۇ بوش كەلمەي، تۇرۇبىنىڭ ئۆيلەرگە ئۇلىنىدىغان قىسىمىنى ئۇلاپ بەرمىسە، ئىش ھەققىدىن تۇتۇۋالىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتۇق. ئىش بېشى پۇلنى كەم ئېلىپ قېلىشتىن قورقۇپ، تۇرۇبىلارنى ئۇلاپ بەردى. شۇندىلا ئىش ھەققىنى بەردۇق. ئەگەردە ئىشلەمچىلەر بىلەن ئالدىن يازما توختام تۈزۈشۈۋالغان بولساق، بۇ ئاۋارىچىلىق، كۆڭۈلسىزلىكلەر بولاتتىمۇ؟! ئەگەردە ئىشلەمچىلەردە ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش، ئۆلۈم–يېتىم ئەھۋالى كۆرۈلسىچۇ؟

جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشى ئەگىشىپ، ھەر بىر ئادەمدە مۇئەييەن قانۇن ئېڭى، ئۆز–ئۆزىنى قوغداش تۇيغۇسى بولۇش دەۋر تەرەققىياتىنىڭ تەلىپى بولۇپ قالدى. بالا قازا يۈز بېرىپ بولغاندا قاقشىغاندىن كۆرە، توختامنامە تۈزۈپ ئۆز ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغداشنى بىلىش ئەڭ ئەۋزەل.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق