باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>دېلو مىساللىرى
بىخەستىلىكتىن كىلىپ چىققان پاجىئە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نۇزىگۈل ئىمىر | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-12 12:39:44

2-ئاۋغۇست ئەتىگەن سائەت يەتتىدىن ئاشقاندا، جياڭسۇ ئۆلكىسى كۇنشەن شەھىرىدىكى جۇڭرۇڭ مېتال بۇيۇملار چەكلىك شىركىتىدە تۇيۇقسىز ئېغىر پارتلاش ھادىسىسى يۈز بەردى. ھادىسە ئىغىر ئۆلۈم-يېتىم كەلتۈرۈپ چىقاردى، ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تېز سۈرئەتتە قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، پارتلاش يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال زاۋۇتتا تەخمىنەن 200دىن ئارتۇق ئىشچى ئىشلەۋاتقان ئىكەن. پارتلاشتىن كېيىن بەزى شەھەر ئاھالىسى ھادىسە يۈز بەرگەن زاۋۇتقا يېتىپ كېلىپ، زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا تېلېفۇن قىلغان. بىراق تېلېفۇن ئۇلانمىغان. بىر ئىشچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتى مۇنداق دىدى: سائەت سەككىز بولماستىلا تېلېفۇن قىلدىم، بىرەر ئۇچۇرمۇ يوق.

ھازىر، سۇجۇ شەھىرىدىكى كۆيۈپ يارىلانغان بىمارلارنى داۋالاشقا شارائىتى يار بېرىدىغان دوختۇرخانىلارنىڭ ھەممىسىگە كۇنشەندىكى پارتلاش ۋەقەسىدە يارىلانغانلار ئېلىپ بېرىلدى. بۇ يارىلانغانلار ئالدى بىلەن دوختۇرخانىنىڭ جىددى قۇتقۇزۇش ئۆيىگە ئەكىرىلىپ ئەھۋالى جىددىي بىر تەرەپ قىلىنىپ، بىمارلارنىڭ نەپەس يوللىرى راۋانلاشتۇرۇلدى.

سۇجۇ ئۇنۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى بىرىنچى دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى خوۋ جيەنچۇەن مۇنداق دىدى: كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى بەدىنى ئىغىر كۆيۈپ يارىلانغانلار. شۇڭا بىز جىددىي بىر تەرەپ قىلىۋاتىمىز. ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ جېنىنى ساقلاشقا تىرىشىۋاتىمىز. ھازىرغا قەدەر 11 بىمارنى ئەكەلدۇق. ھازىر تۈركۈمگە ئايرىپ ئاۋۋال ئوپېراتسىيە ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ نەپەسلىنىش نەيچىسىنى كەستۇق. ئاندىن بىمارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، كۈزىتىش ئۆيىگە ئەكىردۇق.

ئالاقىدار دوختۇرخانىلار قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن، دەم ئېلىۋاتقان دوختۇرلارنى ۋە زاپاس دوختۇرلارنى جىددى چاقىرىپ كېلىپ داۋالاش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ يارىلانغانلارنىڭ يارىسىنى داۋالىدى. ھەربىر يارىدارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا بىردىن دوختۇر ئورۇنلاشتۇردى. شۇنىڭدەك دوختۇرخانىغا جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئەكىلىپ، يارىلانغانلارنىڭ ئەھۋالىنى تۇراقلاشتۇردى. ئازاتلىق ئارمىيە 100-دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىنگەن يارىدارلار ئىچىدە بەدىنى ئېغىر دەرىجىدە كۆيگەنلەر 90پىرسەنتتىن ئاشتى. ھازىر ئۇلار دوختۇرخانىنىڭ كۈزىتىش ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، جىددى قۇتقۇزۇلماقتا. پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، كۈنشەن جۇڭگو تىبابىتى دوختورخانىسى شاڭخەي رۇيجىن دوختۇرخانىسىنىڭ كۈيۈپ يارىلانغان بىمارلارنى داۋالاش مۇتەخەسىسىگە تېلېفۇن قىلىپ ياردەم سورىدى. ئۇلار تېزلىكتە مۇتەخەسس، تىببى خادىمدىن تەشكىللەنگەن ئالتە كىشلىك داۋالاش ئەترىتىنى كۈنشەنگە ئەۋەتتى.

شاڭخەي رۇيجىن دوختۇرخانىسى كۇنشەن جۇڭگو تىبابىتى دوختۇرخانىسىغا ياردەم بېرىپ يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكىنىسىدىن بىرنى ئەۋەتتى. نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى كۇنشەن جۇڭگو تىبابىتى دوختۇرخانىسىغا ئۆز ۋاقتىدا يەتكۈزۈلۈپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيلىرىگە ئەكىرىلدى. شاڭخەي رۇيجىن دوختۇرخانىسى كۆيۈك بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ چىن مۇنداق دىدى: چاڭ-توزانلىق پارتلاشتا كۆيۈپ يارىلىنىش ئوتتا كۆيۈپ يارىلىنىشتىن ئېغىر بولىدۇ. چاڭ-توزانلىق پارتلاشتا كۆيۈپ يارىلانغانلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئادەتتىكى ئوتتا كۆيۈپ يارىلانغانلارنىڭىدىن يۇقىرى بولىدۇ. بۇنىڭدا ئوت يالقۇنىدىن باشقا يەنە ئېتىلىش كۈچى بار. بۇنىڭ بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىگە بولغان تەسىرى، ئىچكى ئەزالارنى زەخمىلەندۈرۈشى ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق كۆيۈپ يارىلانغانلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئادەتتە يۇقىرراق.

كۇنشەن جۇڭگو تىبابىتى دوختۇرخانىسى ئامبولاتورىيەسىنىڭ زالىدا ئائىلە تاۋاباتلىرىنى ئىزدەش ۋاقىتلىق سۇپىسى قۇرۇلدى. بەزى ئائىلە تاۋاباتلىرى بۇ يەرگە يىغىلىپ، ۋاقتىنچە ئالاقىلىشالمىغان ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ئىسمىنى ۋە ئۇچۇرىنى يېزىپ قالدۇردى. نۇرغۇن يارىدارنى قۇتقۇزۇشقا توغرا كەلگەنلىكتىن، كۈنشەن شەھەرلىك سەھىيە تارماقلىرى ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن جىددىي ياردەم تەلەپ قىلدى. سۇجۇ شەھەرلىك قان مەركىزى 2-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن 40مىڭ لېتىر قاننى كۈنشەن شەھىرىگە جىددىي ئەۋەتتى.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق