باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>دېلو مىساللىرى
ھادىسە سادىر قىلغان يۈك ئاپتۇموبىللىرى بازارغا قانداق كىرگەن؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نۇزىگۈل ئىمىر | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-13 12:50:48

يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان چوڭ يۈك ئاپتۇموبىللارنىڭ سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان قاتناش ھادىسىسى نۇرغۇن جانغا زامىن بولدى. بەزىلەر چوڭ يۈك ئاپتۇموبىلىنى «بالا قازا» ئاپتوموبىلى دەپ ئاتىشىدىغان بولدى. ھادىسە تۇغدۇرغان بۇ يۈك ئاپتۇموبىللىرىنىڭ كۆپىنچىسى قانۇنسىز ئۆزگەرتىلگەن، ئېگىزلىكى، كەڭلىكى، ئۇزۇنلۇقىنىڭ ھەممىسى چەكتىن ئېشپ كەتكەن بولغاچقا ئاسان ھادىسە كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇنداقتا ھادىسە سادىر قىلغان بۇ يۈك ئاپتۇموبىللىرى بازارغا قانداق كىرگەن؟ قانداق ئۆزگەرتىلگەن؟

ھەر يىلى دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى دەل دېھقانچىلىق ئاپتوموبىللىرىنىڭ تازا بازىرى چىقىدىغان ۋاقىت. شەندۇڭ ئۆلكىسى رىجاۋ شەھىرى ۋۇلىڭ ناھىيىسىدىكى بىر دېھقانچىلىق ئاپتوموبىللىرى زاۋۇتىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا، ھەر كۈنى ئەتتىگەن سائەت 7دىن باشلاپ نۇرغۇن چوڭ ئاپتۇموبىللار يۈك بېسىش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇرىدۇ. شوپۇرنىڭ مۇخبىرغا دىيىشىچە، بۇ يۈك ئاپتۇموبىللىرىنىڭ بېشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا كەينىدىكى كوزۇپىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 17يېرىم مېتىر، كەڭلىكى 3مېتىر كېلىدىكەن. بۇ خىل ئۆلچەمدىكى پرىتسېپلىق ئاپتۇموبىللار بۇ جايغا ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرىنى توشۇغىلى كېلىدىكەن. سىرتىدىن قارىغاندا، بۇ پرىتسىپلارنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدە يېرى يوق. ئەمما يۈك بېسىش ئالدىدا بۇ پرىتسىپلار تۇيۇقسىز ئۆزگەرتىلىدىكەن. ئۆزگەرتىشنىڭ بىرىنچى ئۇسۇلى: يان تىرەك قويۇش. ئىككىنچى ئۇسۇل ئىگىزلىتىش. مۇخبىر يۈك ئاپتوموبىلىغا يان تىرەك قويغاندىن باشقا يەنە يۈك قاچىلىماقچى بولغان پرىتسىپنىڭ ئاپتوموبىل بېشىغا يېقىن جايىغا بىر جازىنىڭ قويۇلغانلىقىنى بايقىغان. ئۈچىنچى ئۇسۇل بولسا ئۇزارتىش. بۇ پىرىتسىپنىڭ ئارقا تەرىپىدە خېلىلا مەخپىي بىر قۇرۇلما بار بولۇپ بەئەينى تارتمىغا ئوخشاش خالىغانچە تارتقىلى بولىدىكەن.

بۇ ئۈچ خىل ئۇسۇل قوللانغاندىن كېيىن يۈك ئاپتوموبىلنىڭ قۇرۇلمىسى ئۆزگەرگەن. ئۇنداقتا، قۇرۇلمىسى ئۆزگەرگەن بۇ يۈك ئاپتوموبىللىرىغا يۈك باسقاندىن كېيىنكى شەكلى قانداق بولار؟ پىرىتسىپلىق ئاپتوموبىلغا توپتوغرا 20دېھقانچىلىق ئاپتوموبىلى بېسىغان بولۇپ بىر رەتكە ئىككىدىن تىزىلغان. بىرىنچى رەتتىكى دېھقانچىلىق ئاپتوموبىلىنىڭ ئالدى چاقى پىرىتسىپنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى جازىغا ئېسىلغان. كېيىنكى رەتتىكى دېھقانچىلىق ئاپتوموبىلىنىڭ ئالدى چاقى ئالدىنقى رەتتىكى دېھقانچىلىق ئاپتوموبىلنىڭ كوزۇپىسىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ توپتوغرا 10قاتار بولغان. بۇنداق چوڭ ئاپتوموبىلنىڭ بۇرۇلمىقىمۇ ناھايىتى تەس. ئالدى تەرەپتىن قارىغاندا، دېھقانچىلىق ئاپتوموبىلى قاچىلانغان پىرىتسېپنىڭ ھەجىمىمۇ، ئاپتوموبىل قاچىلانمىغان پىرىتسىپقا قارىغاندا چوڭ كۆرۈنىدۇ. يان تىرەكنىڭ رولى دېھقانچىلىق ئاپتوموبىلىنىڭ پىرىتىسىپتىن چىقىپ كەتكەن قىسمىنى تىرەپ تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. پىرىتسىپنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى چىقارغىلى بولىدىغان قىسمى بولسا پىرىتسىپنى ئۇزارتىپ يەنە بىر نەچچە دېھقانچىلىق ئاپتوموبىلىنى ئارتۇق باسقىلى بولىدۇ.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق