باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>دېلو مىساللىرى
«كۆڭۈل»نىڭ كەينىگە كىرگۈچىلەر تۈرمىگە كىردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-15 14:51:10

 

 

تويلىشىش ئويۇن ئەمەس، توي قىلغاندىن كېيىن ئىككىلا تەرەپ ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈپ بەختلىك ئائىلە قۇرۇپ چىقىش لازىم. ھازىر قىسمەن ئەر-ئاياللار ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئۆزىنىڭ نەچچە يىل تىرىشىپ بەرپا قىلغان ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىپلا قالماي، پەرزەنتلىرىنى يېتىملىك كوچىسىغا ئىتتىرىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىۋاتىدۇ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ تۆۋەندىكى بۇ دېلو مىسالىدىن ئىبرەت ئېلىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن.

50 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئاينۇر شايار ناھىيەسىنىڭ مەلۇم بازىرىدىكى دېھقان بولۇپ، ئۈچ بالىغا ئانا بولغان ئىدى. ئۇزۇن يىل بىرگە ياشىغان يولدىشى راخمان بىلەن بارغانچە ئۇششاق ئىشلار سەۋەبىدىن تولا ماجرالىشىدىغان بولۇپ قېلىپ ئايرىلىپ تۇرغىلىمۇ بىر قانچە يىل بولدى. قوشنا يېزىدىكى ئاينۇر بىلەن تەڭ دېمەتلىك ماخمۇتمۇ تۆت بالىغا ئاتا بولغان، بالىلىرىمۇ خېلى چوڭ بولۇپ قالغان ئىدى، مۇشۇ كۈنلەردە ماخمۇت ئۆزىچە ئايالى زاھىدەنى قېرىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ ھەمىشە ئۇنىڭ بىلەن چىقىشالمايدىغان بولۇپ قالدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە 2013-يىلى ئىيۇندا ماخمۇت بىلەن ئاينۇر يېزا بازىرىدا تونۇشۇپ قېلىپ ئۆزلىرىنىڭ نەچچە بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىكەنلىكىنى، قانۇنلۇق جۆرىسى بارلىقىنى ئۇنتۇشۇپ ئاپاق- چاپاق بولۇشۇپ يۈردى. كېيىنچە بۇ «ئاشىق-مەشۇق»لار بۇنداق يۈرىۋەرمەيلى دېيىشىپ ماخمۇت ئۆزىلا ئاينۇرغا تويلىشىش ئوقۇپ قانۇنسىز ئەر-خوتۇن بولۇشتى، شۇنىڭدىن كېيىن ماخمۇت ھەدېسىلا ئاينۇرنىڭ ئۆيىگە چېپىپ يېزا بازىرىدا ئۇچرىشىپ بىرگە ئۆتىدىغان بولدى. ماخمۇت تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ ئۆزىنىڭ ئاينۇر بىلەن بولغان ئىشىنى زاھىدەگە ئېيتىپ ئىككىسىنى كۆرۈشتۈردى، زاھىدە ئۇلارغا يالۋۇرۇپ بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى، ئايرىلىپ كېتىشنى ئېيتقان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ماخمۇت ئاينۇر بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا بىللە يۈرىدىغان بولدى. زاھىدە ئاينۇر بىلەن بىر قانچە قېتىم ئۇرۇشقاندىن كېيىن بۇ يىل يېڭى يىل بايرام كۈنى ئاينۇر ماخمۇتقا «ئايالىڭىز ماڭا ئۆڭۈپ تۇرىدۇ، ئىككىلىمىزنىڭ بالىلىرىمىز بار، سۆزۈمنى بېرىۋېتىڭ » دېدى، ماخمۇتمۇ « تالاق » دەپ ئاينۇر بىلەن خوشلاشتى. ئۇلار بىر مەھەل ئايرىلىپ كەتكەن بولسىمۇ يەنە يوشۇرۇنچە كۆرۈشۈپ يۈردى. بۇ يىل 4-ماي ماخمۇتنىڭ ئاينۇرنىڭ ئۆيىدە ئىكەنلىكىنى بىلگەن زاھىدە دېلو مەلۇم قىلدى. ساقچىلار تەكشۈرگەندىن كېيىن، ماخمۇت بىلەن ئاينۇر ئۈستىدە دېلو تۇرغۇزۇپ ئۇلارنى كېپىللىككە بەردى.

بۇ يىل 10-ئىيۇل شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلونى سوت قىلغاندىن كېيىن يۇقارقى پاكىتلارنى ئېنىقلاپ قانۇن بويىچە ماخمۇت بىلەن ئاينۇرنىڭ قوش تويلىشىشلىنىش جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك ئىككى يىللىقتىن قاماق جازاسى بېرىش ھەققىدە 1-سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلدى. يېقىندا ئۇلار جىنايى جازا ئۆتەش ئۈچۈن تۈرمىگە يۆتكەپ كېتىلدى.

 

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق