باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>دېلو مىساللىرى
ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان ئاچكۆزلۈك ‹‹ئوتى››
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-15 15:30:31

 

 

نەپسى بالانى مەيلىگە قويۇۋەتسە، ئاچ كۆزلۈك ‹‹ئوتى››نى ئۆچۈرگىلى بولمايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتى شىنجاڭ كۆمۈرچىلىك سانائىتى باشقۇرۇش ئىدارىسى رەھبىرىنى خىزمەت ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا ئىقتىسادىي تەپتىش قىلمىغان بولسا، بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەن چى دېشياڭنىڭ تۇرمۇشى خاتىرجەم ئۆتۈۋەرگەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
شىنجاڭ كۆمۈرچىلىك ئۆت ئۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى دېيىلىدۇ) سابىق باشلىقى، ئۈرۈمچى ‹‹قۇياش ئارال›› شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى چى دېشياڭنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە، مۇستەقىل ياكى باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ خىيانەت قىلغان ۋە پارا ئالغان پۇلى 8 مىليون 760 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، بۇ دېلو بىر تەرەپ قىلىنىپ، دېلوغا چېتىشلىق بارلىق پۇل قايتۇرۇپ كېلىندى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى چي دېشياڭغا 20 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسى تەھقىقلەش ئىككىنچى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈ گۇاڭلۇ يېقىندا چى دېشياڭنىڭ خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق دېلوسىنىڭ پاش قىلىنىش جەريانىنى سۆزلەپ بەردى.
2004 – يىلى، دۆلەت تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى ئوت ئۆچۈرۈش تۈرى قۇرۇلۇش سۈپىتىنى چوقۇم جەمئىيەتتىكى ۋاسىتىچى ئورگانلارنىڭ نازارەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىدى. شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى پارتكومى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، خۇاجۇڭ يېڭى قۇرۇلۇش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ خۇاجۇڭ شىركىتى دېيىلىدۇ) قۇرۇشنى، شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە قىلىشنى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى سەي جوڭيۇڭنى شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى، چى دېشياڭنى ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى قىلىپ تەيىنلەشنى قارار قىلدى.
2006 – يىلى، ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى پارتكومى يىغىن ئېچىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەققىنى تارقىتىش ئۆلچىمىنى مۇزاكىرە قىلدى. يىغىندا، ئىدارە پارتكوم ئەزالىرى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش شىركىتى ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەر بىرىگە ئايدا 1000 يۈەن تارقىتىپ بېرىش، كونكرېت يولغا قويۇشقا سەي جوڭيۇڭ مەسئۇل بولۇشنى قارار قىلدى. ئەمما چى دېشياڭ ئۆزىنىڭ ئىدارە ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلىگە 1000 يۈەن ئاز كېلىدىغاندەك ھېس قىلىپ، سەي جوڭيۇڭغا: ‹‹تەڭ تەقسىماتچىلىق بىزدەك خىزمەت ئىقتىدارى كۈچلۈك كىشىلەر ئۈچۈن ئادىل بولمايدۇ، ئىككىمىز كۆپرەك ئېلىشىمىز كېرەك، بېرىمىز 9000 يۈەندىن ئالساق، ئاندىن ھەق بولىدۇ، بۇ ئىشنى ئىككىمىزلا بىلىپ قالايلى›› دېگەن.
شۇنىڭدىن كېيىن، خۇا جۇڭ شىركىتىنىڭ ئۈچ نۆۋەتلىك تۈر دىرېكتورى سەي جوڭيۇڭغا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ جەمئىي 2 مىليون 500 مىڭ يۈەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەققىنى نورمىدىن سىرت تولۇقلاپ بەرگەن، چى دېشياڭ بىلەن سەي جوڭيۇڭ ھۆكۈمەت پۇلىدىن 1 مىليون 556 مىڭ 800 يۈەننى ھەر بىرى 778 مىڭ 400 يۈەندىن يەڭ ئىچىدە بۆلۈشۈۋالغان.
شۇ يىلى چى دېشياڭ يەنە قول ئاستىدىكىلەرنى ساختا ۋاقىتلىق ئىشچىلار ئىش ھەققى جەدۋىلىنى تۈزۈپ چىقىشقا بۇيرۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى مالىيەسىدىن 27 مىليون يۈەننى ئالداپ ئېلىپ، 24 مىليون 510 مىڭ يۈەننى ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى ئىشچىلىرىغا ھۆددىگە ئېلىش مۇكاپاتى ئورنىدا تارقىتىپ بېرىپ، قالدۇق قىسمىنى قول ئاستىدىكىلەرگە ساقلاپ قويۇشنى بۇيرۇغان.
2010 – يىلى، ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى ئورگىنىدىن 31 ئىشچى خۇاجۇڭ شىركىتىدە قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەندە ئۇلارنىڭ ئىش ھەققى يەنىلا ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىدىن بىر تۇتاش تارقىتىپ بېرىلگەن. سەي جۇڭيۇڭ بوغالتىرغا ساختا خۇاجۇڭ شىركىتى ئىشچىلىرىنىڭ ئىش ھەققى جەدۋىلىنى تۈزگۈزگەن. سەي جۇڭيۇڭ باشقىلارنىڭ كۆزىنى بوياش ھەم تەپتىش تارماقلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بوغالتىرلارغا ئىشچىلارنىڭ ئىمزا سىنى تەقلىدىي يازدۇرغان. نەچچە يىلدا، ئۇلار شىركەت مالىيەسىدىن 11 مىليون يۈەن ھۆكۈمەت پۇلىنى ئالداپ ئېلىپ، كۆپ قىسمىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەققى ئورنىدا ئىشلەتكەن.
2007 – يىلىدىن 2013 – يىلىغىچە، چى دېشياڭ ھۆكۈمەت چىقىمى نامى بىلەن قول ئاستىدىكى باشقارمىدىن 635 مىڭ يۈەن ئالغان. بۇ شىنجاڭدىكى بۆلۈم دەرىجىلىك كادىرنىڭ ئون نەچچە يىللىق ئىش ھەققى كىرىمىگە باراۋەر كېلىدۇ.
2008 – يىلىنىڭ باشلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ‹‹قۇياش ئارال›› شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە باش مۇدىرى رېن شىنمېي چى دېشياڭغا خىزمىتىنى دوكلات قىلغاندا، ‹‹قۇياش ئارال›› مېھمانسارىيى باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەرنىڭ مۇكاپاتى تولۇق نەقلەشتۈرۈلگەنلىكى، بىراق يەنە بىر قىسىم پۇلنىڭ ھېساباتقا كىرگۈزۈلمىگەنلىكىنى ئېيتقان. چى دېشياڭ: ‹‹ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى پارتكوم بەنزىسى ئەزالىرىمۇ <قۇياش ئارال> شىركىتى مۇدىرىيىتىنىڭ ئەزاسىغۇ، ئۇلارغا نېمىشقا تارقاتمىدىڭلار؟›› دەپ سورىغان. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ مۇكاپاتىنى تارقىتىش لايىھەسى تۈزۈلگەن، ئۇ: ‹‹ئاۋۋال ئىدارە بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ مۇكاپاتىنى تارقىتىپ بولغاندىن كېيىن كىچىك خەزىنىگە قانچە پۇل ئېشىپ قالغانلىقىغا قاراپ، قالدۇق قىسمىنى بىز بۆلۈشۈۋالايلى، مەن كۆپرەك ئالاي›› دېگەن. رېن شىنمېي چى دېشياڭنىڭ بۇيرۇقى بويىچە پۇللارنى تەقسىم قىلىپ بەرگەن.
مۇشۇ قېتىملىق ‹‹ھەمكارلىق››تىن كېيىن، ئىككىسى ئىشلارنى كۆڭلىدە بىلىپ بىر تەرەپ قىلىدىغان بولغان. ھەر يىلى رېن شىنمېي ئىدارە رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى ۋە ‹‹قۇياش ئارال›› شىركىتى باشقۇرۇش قاتلىمى خادىملىرىغا مۇكاپات تارقاتقاندا، ‹‹قۇياش ئارال›› شىركىتىنىڭ كىچىك خەزىنىسىدىن بىر قىسىم پۇل چىقىرىپ، ئىككىسى يەڭ ئىچىدە بۆلۈشىدىغان بولغان.
ئىككىسى نەچچە يىلدىلا كىچىك خەزىنىدىكى 3 مىليون 200 مىڭ يۈەن ھۆكۈمەت پۇلىنى يەڭ ئىچىدە بۆلۈشىۋالغان، چى دېشياڭ 1 مىليون 700 مىڭ يۈەن، رېن شىنمېي 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن ئالغان.
بۇ مەزگىلدە، چى دېشياڭ تەپ تارتماي ھۆكۈمەت پۇللىرىنى ئۆز يېنىغا سېلىۋەرگەن. ئۇنىڭ چىرىكلىشىشىگە: ‹‹مەن ئىدارىغا كۆپ بەدەل تۆلىدىم، مەن بولمىسام ئىدارىنىڭ بۇنداق مۇۋەپپەقىيەتلىرىمۇ، ئىشچىلارنىڭ پاراۋانلىقىمۇ بولمايتتى، مەن كۆپ ئىشلىدىم، شۇڭا كۆپرەك ئېلىشىم كېرەك›› دېگەندىن ئىبارەت پاسسىپ ئىدىيە تۈرتكە بولغان.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق