باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>دېلو مىساللىرى
«ئىجارە ھەققى» سوتتا قايتۇرۇلدى
مەنبەسى:«ئىجارە ھەققى» سوتتا قايتۇرۇلدى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-16 14:26:29

 

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ياسىنجان ھامۇت، ناسىپجان مامۇت، گۇلئەمبەر غۇلاجىدىن خەۋىرى: ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى مامۇت 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇردىنىڭ ئۈچ ئېغىز دۇككىنىنى ئىجارە ئالماقچى بولدى.ئەينى ۋاقىتتا تەرەپلەر ھەر بىر ئېغىز دۇككاننى 5000 يۇەندىن ئۈچ ئېغىز دۇكاننىڭ بىر يىللىق ئىجارىسى ئۈچۈن 15000 يۇەن بېرىدىغان ، ئۈچ دۇككاننىڭ كەينىدىكى مەراسىغا تۇردى مامۇتقا بىر ئامبار ياساپ بىرىدىغان ، بۇ ئامبارنىڭ بىر يېللىق ئىجارىسى 1000 يۇەن بولىدىغان، ئۈچ دۇككان ۋە ئامبارنىڭ بىر يېللىق ئىجارىسى 16000 يۇەن بولۇدىغان، ئەگەردە دۇككان چىقىلىپ قالسا ئاشقان ئاي قىسمىدىكى پۇلنى تۇردى مامۇتقا قايتۇردىغان بولۇشۇپ يازمىچە توختام ئىمزالاشتى ھەم ئۈچ دۇككاننىڭ بىر يىللىق ئىجارىسى ئۈچۈن مامۇت تۇردىغا 15000 يۇەن بەردى .ئەمما مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ تۇردى ئامبارنى ياساپ بىرەلمىگەچكە مامۇت ئامبارنىڭ 1000 يۇەن ئىجارىسىنى بەرمىدى . 2013-يىلى 8-ئايغا كەلگەندە دۇككان تۇيۇقسىز چىقىلىدىغان بولۇپ قالدى،مامۇت توختام بويىچە دۇككاننى تۇردىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ 107 كۈنلۈك ئىجارە پۇلىنى تۇردىدىن ئالماقچى بولدى. مامۇت بىر قانچە قېتىم تۇردىنى ئىزدەپ پۇلنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، تۇردى پۇلنى بېرىشنى كەينىگە سۈرۈپ كەلدى.مامۇت ئامالسىزلىقتىن تۇردىنى سوت سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى.

مامۇت سوتتا : « مەن ئەينى ۋاقىتتا تۇردى بىلەن يازما دۇككان ئىجارە توختامى ئىمزالاپ ئۈچ ئېغىز دۇككاننىڭ ھەر بىر ئېغىزىنىڭ يېللىقىنى 5000 يۇەندىن ئۈچ ئېغىز دۇكاننىڭ بىر يىللىق ئىجارىسى 15000 يۇەن بېرىدىغان،، ئۈچ دۇككانىڭ كەينىدىكى مەراسىغا بىر ئامبار ياساپ بىرىدىغان ، بۇ ئامبارنىڭ بىر يېللىق ئىجارىسى 1000 يۇەن بولۇپ دۇككان ۋە ئامبارنىڭ بىر يېللىق ئىجارىسىى 16000 يۇەن بولۇدىغان بولغان ھەم دۇككانىڭ بىر يىللىق ئىجارىسى ئۈچۈن 15000 يۇەننى جاۋاپكارغا بەرگەن، ئەينى ۋاقىتتا جاۋاپكار ئامبارنى ياساپ بىرەلمىگەچكە ئامبارنىڭ 1000 يۇەن ئىجارىسىنى بەرمىگەن ئىدىم، توختامدا دۇككان چىقىلىپ كىتىپ قالسا دۇككاننى بىكارلاپ بەرگەن كۈندىن باشلاپ قالغان كۈن سانىغا قاراپ ئىجارە پۇلىنى ماڭا قايتۇرۇپ بىرىدىغان بولغان، دۇككان چىقىلىدىغان بولۇپ قالغاچقا، مەن دۇككاننى جاۋاپكارغا 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى بىكارلاپ بەردىم، دۇككاننى بىكارلاپ بەرگەن كۈندىن باشلاپ 119 كۈنلۇك ئىجارىسى جاۋاپكاردا. دۇككانىڭ بىر كۈنلۇك ئىجارىسى 41.6 يۇەن بولۇپ 119 كۈنلۇك ئىجارىسى جەمى 4950.4 يۇەن بولىدۇ ،جاۋاپكاردىن نەچچە قېتىم سۈيلىگەن بولساممۇ جاۋاپكار يوقىلاڭ باھانىلارنى كۆرسىتىپ قايتۇرۇپ بەرگىنى ئۇنىمىدى. شۇڭا سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجارە پۇلىدىن قايتۇرۇشقا تېگىشلىك 4950.4 يۇەننى جاۋاپكاردىن ئېلىپ بىرىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن. » دىگەن مەزمۇندا ئەرز سۇندى.

تۇردى سوتتا: « 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى دەۋاگەر بىلەن ئاقتۇ ناھىيە تۆۋەندىكى ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ ئايغىدىكى 3 ئېغىز دۇككاننى ئارقىسىدىكى مەراسى بىلەن قوشۇلاپ 16000 يۇەنگە ئىجارە بەرگىنىمىز راست، ھەم بۇ ئۈچ دۇككانىڭ بىر يىللىق ئىجارسى 15000 يۇەننى تاپشۇرۇپ ئالغىنىمىز راست، ئامبارنىڭ ئىجارىسىنى ئالمىغىنىمىزمۇ راست، بىز دەۋاگەرگە 1000 يۇەننى بەرسەڭ ئاندىن ئامبارنى بىكارلاپ بىرىلى دىسەك، دەۋاگەر ئاۋال بىكارلاپ بەر ئاندىن پۇلنى بىرىمەن دەپ پۇلنى بەرمىگەن، ئەينى ۋاقىتتىكى توختامدا ناۋادا دۇككان چىقىلسا كۈنلىكىنى ھىساپلاپ پۇلنى قايتۇرىدۇ دەپ يىزىلغان، دەۋاگەر بۇ دۇككانى 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى بىكارلاپ بەردى. بۇنى ھىساپلىساق : بىر دۇككانىڭ بىر يىللىق ئىجارىىسى 5000 يۇەننى 365 كۈنگە بۆلسەك، بىر دۇككاننىڭ بىر كۈنلۇك ئىجارىسى 13.7 يۇەن بولىدىكەن ، بۇنى 3 دۇككانغا كۆپەيتسەك 3 دۇككانىڭ بىر كۈنلۇك ئىجارىسى 41.1 يۇەن بولىدىكەن، بۇنى تىخې توشمىغان 107 كۈنگە كۆپەتسەك 4397.7 يۇەن بولىدىكەن، بۇ پۇلنى قايتۇرۇپ بەرسەك بولىدۇ، لىكىن بىزنىڭ شۇ مەزگىلدە ئۈچ دۇككانىڭ يېنىدىكى ئىككى دۇككانى 5000 يۇەندىن ئاغزاكى توختاملىشىپ دەۋاگەرگە بەرگەن، شۇ ئىككى دۇككانىڭ ئىجارە توغرسىدا بىز ئايرىم دەۋا قىلىمىز، شۇ دەۋانىڭ نەتىجىسى چىققاندا ئاندىن ھىساپلىشىپ بۇ پۇلنى دەۋاگەرگە بىرىمىز.» دەپ جاۋاپ بەردى .

ئاقتۇ ناھىيلىك سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى : ئوچۇق سوتتا تەكشۈرۈلگەن پاكىت ۋە قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا تەرەپلەر ئوتتۇرسىدا تۈزۈلگەن ئىجارە توختىمى كۈچكە ئىگە توختام بولۇپ ، دەۋاگەرنىڭ دۇككاننى جاۋاپكارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كىيىنكى ئارتۇق تاپشۇرغان ئىجارە پۇلىنى جاۋاپكار تۇردىدىن قايتۇرۇپ ئىلىشنى تەلەپ قىلىشى ئورۇنلۇق ، قوللاشقا بولۇدۇ ھەمدە جاۋاپكارمۇ دەۋاگەرگە قايتۇرۇپ بىرىشكە تىگىشلىك 107 كۈنلۈك ئىجارە پۇلى 4397.70 يۈەننى ئىتىراپ قىلىدۇ . جاۋاپكارنىڭ يۇقۇرقى پۇلنى بىز دەۋاگەرگە كىيىن بەرگەن ئىككى دۇككان توغرىسىدا ئايرىم ئەرز قىلىپ شۇ دەۋا ئايرىلغاندا ئاندىن بىرىمەن دىگەن پىكرىنى قوللاشقا بولمايدۇ ، رەت قىلىش كىرەك دەپ قاراپ 29–ئىيۇل سوت ئېچىپ، جاۋاپكار تۇردى دەۋاگەر ئىجارە تۆلىگەن پۇلدىن قايتىشقا تىگىشلىك 107 كۈنلۈك ئىجارە پۇلى 4397.70 يۈەننى ھۆكۈم قانۇنى كۈچكە ئىگە بولغان ھامان دەۋاگەر مامۇتقا قايتۇرۇپ بەرسەن، ئەگەر جاۋاپكار يۇقۇرقى پۇلنى بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە بەرمىسە ، كىچىكتۈرۈلگەن قىسمىغا قارىتا قەرز ئۆسۈمىنى ھەسسىلەپ تۆلەيدۇ دەپ ھۆكۈم چىقاردى.

ئەسكەرتىش: كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق