باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>دېلو مىساللىرى
ئالدامچىلىق قىلغان «ياردەمچى ساقچى» نىڭ ئەپتى-بەشىرىسى ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-16 14:38:07

 

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ناسىپجان مامۇت، تىللاقىز جاۋدەت خەۋىرى:

--ئەسلى مەن بىر دېھقان بالىسى ئىدىم، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە بىر سەكلەپلا ياردەمچى ساقچى بولۇپ قالدىم،بۇنىڭدىن كىيىن يېڭى ئىش ئورنۇمدا ياخشى ئىشلەپ ئاتا-ئانامنىڭ،پارتىيەنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىپ،ۋەتەن خەلققە ياراملىق بىر خەلق ساقچىسى بولۇپ چىقىشقا تېرىشىمەن.

ئەمدىلا25 ياشقا ئۇلاشقان ئەخمەتنىڭ ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى چارلاش ئەترىتىدە ياردەمچى ساقچى بولۇپ ئىشلەۋاتقانلىقىغا خىلى كۈنلەر بولۇپ قالدى.ئەخمەت ئولتۇرسا-قوپسىلا تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ ئامەتتىن ئالەمچە خوش بولۇپ، پارتىيەگە توختىماستىن رەھمەت ئېيتىپ تۇردى.

ئەخمەت ياردەمچى ساقچى فورمىسىنى كەيگەن تۇنجى كۈنىلا باشقىچە خۇشاللىققا چۈمدى،ئۇ ھە دىسىلا ئاتا-ئانىسى،ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرىگە توختىماستىن تىلفۇن ئۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بۈگۈن ساقچى كىيىمى كەيگەنلىكىنى،بۇندىن كىيىن بۇ ئورۇنداياخشى ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە ئۆزىنى بۇندىن كىيىن ئەخمەت ساقچى دەپ چاقىرىشىنى چاقچاش ئارىلاش ئېيىتتى.

بىر قېتىملىق دوستلار ئولتۇرىشىدا ئەخمەت مەلۇم يېزىدىكى نۇرمۇھەممەت بىلەن تونۇشۇپ يېقىن دوستلاردىنمۇ بولۇپ قېلىشتى.

--ئاداش، قانداق ئىشىڭ بولسا ئىزدەپ تۇرغىن ، قولۇمدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىمەن، شوپۇرلۇق كىنىشكا بېجىرىدىغان ئىش بولسىمۇ بولىدۇ دىدى بىر كۈنى ئەخمەت دوستى نۇرمۇھەممەت بىلەن تىلفۇندا پاراڭلاشقاچ؛ بىر قانچە يىلدىن بۇيان،پىراۋا بىجىرىش كويىدا يۈرگەن نۇرمۇھەممەتكە بۇ گەپ شۇنداق خوش ياقتىكى ئەخمەت ئارقىلىق پىراۋا بىجىرىشنىڭ كويىغا چۈشتى.

بۇلتۇر14–ئاۋغۇست، نۇرمۇھەممەت تاماق يەپ ئولتۇرۋىدى،تۇيۇقسىز يان تىلفۇنى سايرىدى.

--ۋەي ،ئەخمەتمۇ سەن ئاداش،قانداقراق ئەھۋالىڭ،خىزمىتىڭ يەنىلا ئالدىراش كىتىپ بارامدۇ؟

--شۇنداق ئاداش ،كۈندە چارلاش ئېلىپ بارىمىز دەپ بەكلا ئالدىراش دېگىنە،

--ھە، ياخشى ئىشلە ئاداش،سالامەتلىكىڭنىمۇ ياخشى ئاسرا ،دىدى نۇرمۇھەممەت دوستىغا كۆيۈنگەن ھالدا؛
--ئاداش،ئۆتكەندە پىراۋا بىجىرىمەن دەۋاتاتتىڭ،قانداق قىلىدىغان بولدۇڭ،ئويلۇشۇپ بولدۇڭمۇ-يوق،پىراۋا بىجىرىدىغان بىر يول چىقىپ قالغان ئىدى،1400 يۈەنگە C تىپلىق پىراۋىنى بېجىرىپ بىرىمەن،كىيىن B تىپلىقىنىمۇ ئىمتىھانسىزمۇ بېجىرىپ بىرىمەن تېخى.......،

نۇرمۇھەممەت دوستىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپلا خۇشاللىقىدىن ئاغزى قۇلىقىغا يەتتى –دە، شۇ ھامانلا ئاتا-ئانىسىنى ئىزلەپ پۇلنىڭ كويىغا چۈشتى. ئەخمەت ئىلگىر-كىيىن بولۇپ نۇرمۇھەممەتنىڭ 16 مىڭ يۈەننى ئالداپ ئالغاچ «ئەگەر پىراۋىنى بىجىرىپ بىرەلمىسەم، پۇلنى تولۇق قايتۇرىمەن» دىگەن مەزمۇندا ھۆججەتمۇ يېزىپ بەردى.

ئەمەت ساقچى فورمىسىنىڭ خاسىيىتىدە غايىپتىن كەلگەن بۇ پۇللارنى خالىغانچە بۇزۇپ-چېچىپ خەجلەشكە باشلىدى.

ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتتى، نۇرمۇھەممەت دوستى مۇھەممەتنى باشلاپ مەلۇم ئاشپۇزۇلدا ئەخمەت بىلەن تاماق يىگەچ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشۇشتى.تاماق ئارلىقىدا مۇھەممەتمۇ پىراۋا بىجىرىدىغانلىقىنى، ئەمەتنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈندى.

--سىز دوستۇم نۇرمۇھەممەتنىڭ يېقىن دوستى ئىكەنسىز، سىزگىمۇ پىراۋىنىڭ يولىنى قىلىپ بېرەي،1600 يۈەنگە C تىپلىق پىراۋىنى بېجىرىپ بىرىمەن،كىيىن A تىپلىقنىمۇ ئىمتىھانسىزمۇ بېجىرىپ بىرىمەن دەپ،ئىلگىر-كىيىن بولۇپ مۇھەممەتنىڭمۇ 27 مىڭ يۈەننى ئالداپ ئالغاچ،يۇقارقى ئۇسۇلدا ھۆججەتمۇ يېزىپمۇ بەردى.مۇشۇ كۈنلەردە،ئەخمەتنىڭ يانچۇقى تومپۇيۇپ يۇرۈش-تۈرۈشلىرى ، يەپ-ئىچىشلىرى ئالاھىدە بولۇپ كەتتى، ئەخمەت پىراۋا بىجىرىش كويىغا چۈشمەستىن ،تەرسىز كەلگەن پۇللارنى غازاڭدەك خەجلەشكە باشلىدى.

بۇ يىل ئىيۇل كۈنلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئىدى، ئەخمەت بۇگۈن دەم ئالغان بولسا كىرەك بىكارچىلىقتا زېرىكىپ ئۆيدە ئولتۇرۇپ خىيالغا چۈشتى.

--يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ، يانچۇقۇممۇ بوشاپ قالدى، كونا ئۇسۇلدا بىرەرسىنى ئالداپ قىلتاققا چۈشۈرسەم بولاتتى، دىدى ئەخمەت كۆزىنى يۇمۇپ خىيال سۈرگەچ، ئەخمەت بىر ئاز ئايىغى چىقماس خىياللارنى قىلغاندىن كىيىن،ئورنىدىن دەس تۇردى-دە،ساقچى فورمىسىنى ھاپىلا-شاپىلا كىيىشكە باشلىدى. ئەخمەت قولىغا ساقچىلار ئىشلىتىدىغان قارا رەڭلىك سۆزلىشىش ئاپپاراتىنى كۆتۈرگىنىچە مەلۇم ئورۇننىڭ ئامانلىقىغا مەسئۇل تاھىرنىڭ قېشىغا باردى؛
--مەن ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار بۆلىمىدە ئىشلەيمەن،مەن مۇشۇ ئورۇندىكى ساقچى ئىشلار ئىشخانىسىگە تۆت-بەش كۈنلۈك خىزمەتكە كەلدىم،يەنە بىر قانچە كۈن ئىشلىگەندىن كىيىن بۇرۇنقى ئىش ئورنۇمغا قايتىپ كىلىمەن دەپ ئۆزىنى تونۇشتۇرغاچ،ئىش بولسا ئالاقىلىشىپ تۇرارمىز دىگىنىچە تىلفۇن نومۇرىنىمۇ ئۆز-ئارا يېزىۋىلىشتى. ئىككەيلەن بىردەمدىلا چىقىشىپ،خۇددى يېقىن تونۇشلاردەك بولۇشۇپ،بىر ئاز ھال- مۇڭمۇ بولۇشتى.

--ئاداش، مەن شەھەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقىلى خىلى يىللار بولۇپ قالدى،ئەمما تونۇش-بىلىشلەرنىڭ تايىنى بولمىغاچقا،ئائىلە ئەزالىرىمىزنىڭ نوپۇسىنى شەھەر نوپۇسقا يۆتكەيدىغان،تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولىدىغان،تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆي ئالىدىغان ئىشلاردىن بەھىرلىنەلمەيۋاتىمەن، سەن ج خ ئورنىدا ئىشلەۋاتقاندىكىن، تونۇش-بىلىشلىرىنىڭمۇ كۆپ بولىدۇ ئاداش، ماڭا بىر ياردەم قىلساڭ، مەنمۇ سېنى ئوبدان رازى قىلاتتىم دىدى تاھىر مۇلايىملىق بىلەن ئەخمەتكە يېلىنغان ھالدا؛

--بولىدۇ ئاداش،مەنمۇ قولۇمدىن كىلىشىچە ياردەم قىلاي، ئەمما ھازىر ھەممە ئىشلارغا پۇل كىتىدۇ، شۇڭا 10 مىڭ يۈەن تەييار قىلىپ قويسىڭىز، مەن بىر ئاماللارنى قىلىپ باقاي دىدى ئەخمەتمۇ كۆيۈنگەن قىياپەتتە؛

تاھىر ئەتىسىلا ئەر-ئايال ئىككسىنىڭ كىملىكىنى، توققۇز پارچە رەسىم بىلەن 2000 يۈەن پۇلنى ئەخمەتنىڭ قولىغا تۇتقازدى. ئەخمەت غايىپتىن كەلگەن بۇ پۇللارنىمۇ قالايمىقان خەجلەپ بىر قانچە كۈندىلا يانچۇقىنى قۇرۇغدىۋەتتى.
ئەخمەت كۆڭلىدە مەن ساقچى بولغاندىكىن مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىۋەرسەم، ھېچكىم ماڭا گەپ قىلالمايدۇ دەپ ئويلاپ قالغان بولسا كىرەك، كىملەرنى قىلتاققا چۈشۈرۈشنىڭ پىلانلىرىنى تۈزۈشكە باشلىدى، ئەمما خۇشاللىقنىڭ كەينىدە خاپىلىق ئەگىپ يۈرىيدۇ دىگەندەك، ئەخمەتنىڭ خۇشاللىقىمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى.

ئەخمەت ئۆزى يالغۇز ئۈچ قېتىم شەخىسلەرنىڭ 45 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلىقى ئۈچۈن،28–ئاۋغۇست ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن توختىتىلىپ،2–سېنتەبىر كۈنى ئاتۇش شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق