باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>دېلو مىساللىرى
تالاشتا قالغان «تولۇقلىما نەپىقە پۇلى»
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-16 14:49:02

 

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ناسىپجان مامۇت، ئابدۇۋەلى مۇھەمەممەت خەۋىرى: ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى ئادىلنىڭ ئايالىدىن ئايرىلىپ ئوغلى سادىر بىلەن بىرگە ياشاۋاتقىنىغا خېلى يىللار بولۇپ قالدى.ئادىل 80 ياشقا ئۇلاشقاندا سەل قېرىلىق يەتتى بولغاي، تۇرمۇشتا بىر ئاز قېينىلىپ قالدى، ئەينى ۋاقىتتا ئۇرۇق-تۇققانلار، قولۇم –قوشنىلار مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ئادىلنىڭ بېشىنى ئوڭشاپ قويۇشماقچى بولۇشتى. ئادىلمۇ ھەممەيلەننىڭ پىكرىنى چىرايلىقچە قوبۇل قىلدى. شۇنداق قىلىپ 2005 –يىلى ئاۋغۇست ئايلىرىنىڭ بېرىدە 81 ياشقا قەدەم باسقان ئادىل قوشنا يېزىدىكى پاتىمە بىلەن بىر ياستۇققا باش قويۇشتى.تويدىن كىيىن ئادىلنىڭ سالامەتلىگى تازا ياخشى بولماي ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. شۇ كۈنلەردىن باشلاپ پاتىمە جاپا چەكسىمۇ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ يولدىشى ئادىلنىڭ ھالىدىن ھەقىقەتەنمۇ ياخشى خەۋەر ئالدى. 2011 –يىلى 25–ئۆكتەبىرگە كەلگەندە ئادىل يەتتە يىلدىن بېرى ھاردىم –تالدىم دىمەي ئاياللىق بۇرچىنى ئادا قىلغان پاتىمەگە مەڭگۈلۈك رازىلىق بېرىپ يەرلىكىدە يېتىۋالدى.ئادىل مەلۇم يېزىلىق ھۆكۈمەتتە ئىشلەپ پىنسىيەگە چىققان كادىر بولغاچقا،ھۆكۈمەت تەرەپ ئادىلنىڭ 20 ئايلىق مۇئاشىنى پاتىمەگە يەتكۈزۈپ بەردى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇرۇق-تۇققان ،يۇرت ئاقساقاللىرى مەسلىھەت قىلىش ئارقىلىق ئادىلنىڭ 20 ئايلىق مۇئاشىنى پاتىمە بىلەن سادىرغا تەڭ نىسبەتتە بۆلۈپ بەردى. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ 2013 –يىلى 23 –سېنتەبىرگە كەلگەندە مەلۇم يېزىلىق مالىيە پونكىتى مەرھۇم ئادىلنىڭ نەپىقە پۇلىغا 88438 يۈەن تولۇقلىما پۇلى تەستىقلاپ ، پۇلنى سادىرنىڭ قولىغا تۇتقازدى.ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان پاتىمە شۇ ھامانلا سادىرنى ئىزدەپ مەرھۇم يولدىشى ئادىلغا بەرگەن تولۇقلىما پۇلىدىن ئۆزىگە تېگىشلىكىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى، بۇ چاغدا سادىر پاتىمەگە:

--ساڭا دادامنىڭ نەپىقە پۇلىغا بەرگەن تولۇقلىما پۇلىدىن 5000 يۈەنلا بېرىمەن، ئۇنىڭدىن جىق بىرەلمەيمەيمەن دەپ ئۆزىنىڭ پىكرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ جىممىدىلا تۇرىۋالدى. ئاقتۇ ناھىيلىك مالىيە ئىدارىسىمۇ تەرەپلەرنى مۇرەسسەگە يىتەكلىگەن بولسىمۇ، سادىر پاتىمەگە پۇل بېرىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدى.ئامالسىز قالغان پاتىمە قانۇننىڭ دەرۋازىسىنى چىكىشكە مەجبۇر بولدى.

پاتىمە سوتتا: « مەن 2005 يىلى 8–ئايدا مەرھۇم يولدىشىم ئادىل بىلەن قانۇنلۇق تۇرمۇش قۇردۇم، بىز توي قىلغاندا يولدۇشۇم 81 ياشتا ئىدى، يولدۇشۇمنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمغاچقا مەن يەتتە يىلغىچە ئۇنىڭغا ياخشى قاراپ ھالىدىن خەۋەر ئىلىپ رازىلىقىنى ئالدىم، يولدۇشۇم 2011–يىلى 10–ئاينىڭ 27–كۈنى ئۆلۈپ كەتتى، يولدۇشۇمنىڭ سادىر ئىسىملىك بىرلا ئوغلى بار، ھۆكۈمەتتىن بىرىلگەن 20 ئايلىق مائاشىنىمۇ سادىر بىلەن تەڭ بۆلۈشتۇق، 2013 –يىلى 9–ئاينىڭ 23 –كۈنى يۇقۇرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن يىزىلىق مالىيە پونكىتى يولدۇشۇمغا بىر قىتىمدىلا بىرىلىدىغان نەپىقە پۇلىغا 88438 يۈەن تولۇقلىما بىرىشنى تەستىقلاپ ماڭا خەۋەر قىلدى، لېكىن سادىر ‹‹ ساڭا پەقەتلا 5000 يۈەن بىرەلەيمەن، ئۇنىڭدىن ئارتۇق بەرمەيمەن ›› دەپ ماڭا تىگىشلىك نەپىقە پۇلىنى بىرىشنى رەت قىلدى، ئاقتۇ ناھىيىلىك مالىيە ئىدارىسىمۇ بۇ پۇلدىن ماڭا تىگىشلىك ھەققىمنى بىرىش توغۇرلۇق مۇرەسسە قىلغان بولسىمۇ سادىر پۇل بېرىشنى ئۇنىمىدى، شۇڭا سوت مەھكىمىسنىڭ يۇقارقى 88438 يۈەن نەپىقە پۇلنىڭ %50تى 44219 يۈەننى ماڭا بۆلۈپ بىرىشىنى، مۇشۇ دەۋا ئۈچۈن تۆلگەن دەۋا ھەققىنى جاۋاپكارنىڭ ئۈستىگە ئىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن ›› دەپ ئەرز سۇندى.

سادىر سوتتا: «ئەينى ۋاقىتتا ھۆكۈمەتتىن مەرھۇم دادام ئادىلغا 88438 يۈەن پۇلى بەرگەنلىكى راسىت، دەۋاگەر پاتىمە نەپىقە پۇلىنىڭ يىرىمىنى ئالىمەن دەپتۇ، بۇنىڭغا مەن قوشۇلمايمەن، دەۋاگەر بىلەن بۇ پۇلدىن مۇۋاپىق نىسبەتتە بۆلۈشسەك بولىدۇ ›› دەپ جاۋاپ بەردى.

ئاقتۇ ناھىيلىك سوت مەھكىمىسى27–ئاۋغۇست تەرەپلەرنى مۇرەسسەگە يىتەكلىۋىدى، تەرەپلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بويىچە مەرھۇم ئادىلغا مالىيەدىن بىرىلگەن نەپىقە تولۇقلىما پۇلى 88438 يۈەننىڭ 20 مىڭ يۈەننى دەۋاگەر پاتىمە ئالىدىغان، قالغان 68438 يۈەننى جاۋاپكار سادىر ئالىدىغان ،سوتقا تۆلىگەن دەۋا ھەققى 905 يۈەننىڭ 550 يۇەنگە جاۋاپكار مەسئۇل بولىدىغان، 355 يۇەنگە دەۋاگەر مەسئۇل بولىدىغان بولۇپ كىلىشىم ھاسىل قىلىشتى.

ئەسكەرتىش: كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق