باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>دېلو مىساللىرى
سوتتا تەقسىملەنگەن «مىراس»
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-17 15:43:30

 

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ناسىپجان مامۇت، گۈلئەمبەر غولاجدىن خەۋىرى: ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى مېھمانجان 1976-يىلى كىسەل سەۋەبىدىن مېھرىبان ئايالى نادىرە بىلەن ئەمدىلا تۆت ياشقا ئۇلىشىۋاتقان قوش كېزەك پەرزەنىتلىرى روزىخان بىلەن ھۈسەننى ۋاقىتسىز تاشلاپ بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە نادىرە قوشنا مەھەللىدىكى بارات بىلەن توي قىلدى،ئەمما ئۇلار پەرزەنتلىك بولالمىدى.شۇنىڭدىن كىيىن ئىككەيلەن مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق روزىخان بىلەن ھۈسەننى تەڭ بېقىپ قاتارغا قوشۇشقا كىلىشتى.روزىخان بالاغەتكە يەتكەندىن كىيىن توي قىلىپ چىقىپ كەتتى، ھۈسەن چوڭلار بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلدى. ئايلار –يىللارنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ نادىرە بىلەن باراتمۇ كەينى –كەينىدىن يەرلىكىدە يېتىۋىلىشتى.شۇنىڭدىن تارتىپ ھۈسەن ئاتا-ئانىسىدىن مىراس قالغان ئۆي،يەر،چارۋىلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىپ كەلدى. 2006-يىلىغا كەلگەندە ھۈسەن گۇلمىرە بىلەن توي قىلىپ ،كونا قەدىمىي جاينىڭ ھويلىسى ئىچىگە ئۈچ ئېغىز پىششىق قىش قۇرۇلمىلىق يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سىلىپ يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشتى. كونا قەدىمىي جاي شۇنىڭدىن تارتىپ بوش قالدى .ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتتى،تەرەپلەر ئۈچ پەرزەنتلىكمۇ بولۇشتى.ئەمما بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە ھۈسەن قازا قىلىپ كەتتى. روزىخان ئېنىسىنىڭ كىرپىكىگە توپا قونماستىنلا ئاتا-ئانامدىن قالغان مۈلۈكلەرنى قايتۇرۇپ بەرسۇن دىگەن مەزمۇندا گۇلمىرىنى سوت سەھنىسىگە ئېلىپ چىقتى.

دەۋاگەر روزىخان سوتتا: « دادام مىھمانجان 1976-يىللىرى ئۆلۈپ كەتكەن ، دادام ئۆلۈپ كەتكەندە قوشماق ئىنىم ھۆسەن بىلەن ئىككىمىز دادىمىزدىن توت ياشتا قالغان، 1978-يىلى ئانام نادىرە ئۈگەي دادام بارات بىلەن تۇرمۇش قوردى، ئۈگەي دادام بىلەن ئانام ئورتاق تۇرمۇش كەچۇرۇش جەرياندا ئۈچ ئېغىز خام قىش قورۇلمىلىق ئۆي، ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى 100 تۇپ تىرەك، 15 تۇياق قوي، ئۈچ تۇياق كالا، بىر ئىشەك، بىر ئىشەك ھارۋىسى قاتارلىق مۈلۈكلەرنى بەرپا قىلغان بولۇپ ئاتا-ئانام ھايات ۋاقتىدا كەنىتتىن بىر نەچچە ئادەمنى چاقىرىپ ئېغزاكى ۋەسىيەت ئارقىلىق ئۈچ ئېغىز خام قىش قۇرۇلمىلىق كونا ئۆي، يېڭى باغ، بىر تۇياق كالا، تۆت تۇياق قوي قاتارلىقلارنى ماڭا قالدۇرغان، ئاتا-ئانام ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن كونا ئۆي، يېڭى باغ، يەر قاتارلىقلارغا ئۆزەم ئىگىدارلىق قىلىپ كەلدىم، مىنىڭ ئۆيۈم ناھىيە ئىچىدە بولغاچقا ئېنىم ھۈسەنگە قوي ،كالىلارنى بېرىپ،ئۆيگە قارىغاچ چارۋىلارغىمۇ قاراپ بەرگىن ،چارۋىلارنى كۆپەيتىپ ئۆزەڭ پايدىلانغىن ، دېرىنى ماڭا بېرەرسەن دىگەن ئىدىم، 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىنىم قاتناش ھادىسىدە ئۆلۈپ كەتتى، شۇنىڭدىن كىيىن ئېنىمنىڭ ئايالى گۇلمىرە ئاتا-ئانام ماڭا ۋەسىيەت قىلىپ قالدۇرغان مۈلۈكلەرگە مىنى ئىگە قىلماي ئۆزى ئىگەللىۋالدى، شۇڭا جاۋاپكاردىن ئۈچ ئېغىز خام قىش قۇرۇلمىلىق كونا ئۆي، يېڭى باغ،بىر تۇياق كالا ، 4 تۇياق قوي ، 50 تۇپ دەرەخ قاتارلىقلارنى ئېلىپ بىرىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن» دىگەن مەزمۇندا ئاقتۇ ناھىيلىك سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى.

جاۋاپكار گۇلمىرە سوتتا : « مەن دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىپىگە قوشۇلمايمەن، مەن 2006-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى ھۈسۈن بىلەن قانۇنلۇق نىكاھلاندىم، ئەينى ۋاقىتتا يولدۇشۇم دەۋاگەر تەلەپ قىلغان ئۈچ ئېغىز خام قىش قۇرۇلمىلىق ئۆيدە ئولتۇرىۋاتقان بولۇپ، ئۇ چاغدا دەۋاگەر روزىخان بۇ ئۆيدە ئۆزىنىڭ مىراس ھەققى بارلىقىنى دىمىگەن ھەم يولدۇشۇمدىن مىراسنى ئايرىپ بىرىشنى تەلەپمۇ قىلمىغان.يولدۇشۇم ھايات ۋاقتىدا ئاچام روزىخانغا 50 تۇپ چوڭ تىرەك بىرىپ رازى قىلىپ بولغان، ئالىدىغان مىراسى يوق دېگەن ئىدى، ئەينى ۋاقىتتا روزىخاننىڭ 50 تۇپ تىرەكنى مىراس قاتارىدا ئېلىپ بولغانلىقىنى شۇ چاغدىكى كەنت كادىرلىرى تولۇق بىلىدۇ، ئەگەر دەۋاگەر ئاتا-ئانىسىدىن قالغان مىراسنى ئالىدىغان بولسا، ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنلا تەلەپ قىلسا بولاتتى، چۇنكى ھەق-تەلەپ دەۋا قانۇنىڭ ئومۇمى قائىدىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىدە ھەق تەلەپ ھوقۇقىنى قوغداش يۈزىسىدىن سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىش سۈرۈكى ئىككى يىل دەپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، دەۋاگەرنىڭ ئاتا-ئانىسى 2003-يىلى ۋە 2005-يىلى ئارقا-ئارقىدىن ئۆلۈپ كەتكەن ، شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئۆيدە مىراسى بارلىقىنى بىلىدۇ، بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئىنىسى ھۈسەندىن 50 تۇپ چوڭ تىرەكنى مىراس ھىساۋىدا ئېلىپ بولغان، شۇڭا ئۇ ھۈسەن ئۆلۈپ كەتكەنگە قەدەر مىراس تەلەپ قىلمىغان، ئەمدىلىكتە ھۈسەن ئۆلۈپ كەتكەندە بۇ ئىشلارنى ھىچكىم بىلمەيدۇ، شۇ ۋاقىتتا تىرەكنى بۆلۈپ بەرگەننى بىلىدىغان كەنىت كادىرلىرى ئاللىبۇرۇنلا پىنسىيەگە چىقىپ بولدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە دەۋاگەر ئۆزىنىڭ ئەرزىدە ئاتا-ئانام ھايات ۋاقتىدا كەنىتتىن بىر قانچە كېشىنى يېغىپ ئاغزاكى ۋەسىيەت قىلىپ، يۇقارقى ئۆي، كالا، قوي قاتارلىقلارنى ماڭا مىراس قالدۇرغان، ئۆيگە مەن ئىگىدارلىق قىلىپ كەلدىم دەپ يېزىپتۇ، ئەجىبا دەۋاگەرنىڭ ئاتا-ئانىسى شۇنداق ۋەسىيەت قالدۇرغان بولسا يولدۇشۇم بۇنى نىمىشقا بىلمەيدۇ، دەۋاگەر نىمە ئۈچۈن كالا ۋە قوينى ئېلىپ كەتمەيدۇ؟ مەن توي قىلىپ بارغاندىن كېيىن يېڭى ئۆي سىلىپ چىقىپ كەتتۇق، شۇ ۋاقىتتا دەۋاگەر نىمە ئۈچۈن بۇ ئۆيگە ئىگىدارچىلىق قىلمايدۇ، ئۇ ئۆي كونىراپ ئۈستى چۇشۇپ كەتتى، دەۋاگەر شۇ ۋاقىتتا نىمە ئۈچۈن ئىگە بولمايدۇ، دەۋاگەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋەسىيەت قالدۇرغان بولسا ئۇ ۋەسىيەت قىنى؟ مىراسخۇرلۇق قانۇندا مىراس قالدۇرغۇچى ھايات ۋاقىتىدا ۋەسىيەت قالدۇرۇپ قويسا بولىدۇ، ۋەسىيەت ئاغزاكى قالدۇرلسىمۇ ياكى يازمىچە قالدۇرسا بولىدۇ، ئاغزاكى ۋەسىيەت پەقەت مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ ھاياتى خەۋىپلىك ئەھۋالدا ئىككىدىن ئارتۇق كىشىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن قالدۇرۇلۇشى، خەۋىپلىك ۋاقتتىن ئۆتۇپ كەتكەندىن كېيىن يازمىچە قالدۇرۇلىشى كىرەك دەپ بەلگىلەنگەن، شۇڭا دەۋاگەر يازمىچە ۋەسىيەت كۆرسىتىشى كىرەك، ئەگەر بۇ ۋەسىيەتتىن دەۋاگەرنىڭ خەۋىرى بولسا يولدۇشۇمنىڭمۇ خەۋىرى بولۇشى كېرەك، لىكىن يولدۇشۇم بۇ توغرىسىدا ماڭا ھىچقانداق گەپ قىلمىغان، يۇقارقىلاردىن كۆرۋىلىشقا بولىدىكى دەۋاگەرنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن قالغان مىراسنى ئاللىبۇرۇن ئىلىپ بولغان، ئەمدىلىكتە ھۈسەن ئۆلۈپ كەتكەندە مىراس تەلەپ قىلىشى ئورۇنسىز، بۇ ئۆي يولدۇشۇمغا ئاتا-ئانىسىدىن مىراس قالغان مۈلۈك بولۇپ يولدۇشۇم ئۆلۈپ كەتكەچكە بۇ مۇلۈكلەرگە يولدۇشۇمنىڭ ئىككى پەرزەنتى مەردان بىلەن گۇلزار ئورۇن باسار ۋارىس سۈپتىدە ۋارسلىق قىلىشى كېرەك، شۇڭا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مىراسخورلۇق قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن يولدۇشۇمدىن قالغان يۇقارقى مۈلۈكنى مەردان (ئىلگىركى ئايالىدىن بولغان)بىلەن گۇلزار قاتارلىق ئىككى ئورۇنباسار مىراسخۇرغا ئايرىپ بىرىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن » دەپ جاۋاپ بەردى.

ئاقتۇ ناھىيلىك سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: سوتتا تەكشۈرۈلگەن پاكىت ۋە قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا مەرھۇم نادىرە بىلەن باراتلاردىن ھويلا، مەراسى قوشۇلۇپ 20000 يۈەن قىممىتىدە ئۈچ ئېغىز خام قىش قۇرۇلمىلىق ئۆي ، ئىشىك ئالدى ۋە يەرنىڭ بىشىدا 8000 يۈەن قىممىتىدە 100 تۈپتەك تەرەك ،1000 يۈەن قىممىتىدە ئىككى ئېغىزئامبار ئۆي، ، 1000 يۈەن قىممىتىدە بىر ئېغىز قوتان ، 50 يۈەن قىممىتىدە بىر ئىشەك ھارۋىسى ، ئۈچ ئېغىز كونا ئۆينىڭ ئارقىدا 4000 يۈەن قىممىتىدە 4 پۇڭ ئەتراپىدا كونا باغ، قاتارلىق جەمى 36050 يۈەن قىممىتىدە مال-مۈلۈكلەر مىراس قالغان . دەۋاگەر روزىخان ئانام ھايات ۋاقتىدا كەنت كادىرلىرنى چاقىرىپ ماڭا 3 ئېغىز كونا ئۆي ، بىر تۇياق كالا ، 4 تۇياق قوي ۋە يىڭى باغ قاتارلىقلارنى ئاغزاكى ۋەسىيەت قىلىپ قالدۇرغان دىگەن بولسىمۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىدە ۋەسىيەت قىلغۇچى خەۋپلىك ئەھۋال ئاستىدا ئاغزاكى ۋەسىيەت قالدۇرسا بولۇدۇ ، ئاغزاكى ۋەسىيەت قالدۇرغاندا ئىككىدىن ئارتۇق كىشى تۆپىدا شاھىت بولۇپ تۇرۇشى كىرەك ، ۋەسىيەت قىلغۇچى خەۋپلىك ئەھۋالدىن قۇتۇلۇپ يازما ياكى ئۈئالغۇغا ئىلىش يولى بىلەن بىلەن ۋەسىيەت قالدۇرالايدىغان بولسا ئۇنىڭ ئاغزاكى ۋەسىيىتى ئىناۋەتسىز بولىدۇ دىيىلگەن . دەۋاگەر روزىخان ئانىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا خەۋپلىك ئەھۋال ئاستىدا ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاپ بىرەلمەيدۇ ھەم ئانام ئاغزاكى ۋەسىيەت قالدۇردى دىگەن مال-مۈلۈكلەر مەرھۇم نادىرە بىلەن باراتلارنىڭ ئورتاق مال-مۈلكى . نايخان قادىرنىڭ بۇ ئورتاق مال-مۈلۈكلەرنى بارات ھايات ئەھۋال ئاستىدا مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلىش ھوقوقى يوق . دەۋاگەر روزىخاننىڭ بۇ مال-مۈلۈكلەرنى ئانام ئاغزاكى ۋەسىيەت قالدۇرغان دىگەن تەلىۋىنى قوللاشقا بولمايدۇ .شۇڭا بۇ مىراس قالغان مال مۈلۈكلەرنى روزىخان ۋە ھۈسەنگە قانۇنى مىراسخورلۇق بويىچە تەڭ تەقسىم قىلىش كىرەك . ھۈسەن 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغان بولۇپ ئۇنىڭغا تىگىشلىك مىراس ئۇنىڭ بىۋاستە قانداش ئەۋلاتلىردىن مەردان،پەرھات ۋە گۈلزاردىن ئىبارەت ئۈچ پەرزەنتىگە ئورۇنباسار ۋارىسلار قاتارىدا تەقسىم قىلىنىشى كىرەك . مىراسنى تەقسىم قىلىشتا ئىشلەپچىقىرىشقا ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجىغا پايدىلىق بولۇش ، مىراسنىڭ ئۈنۈمىگە زىيان يەتكۈزمەسلىك ، بۆلۈش ئەپسىز بولغان مىراسلارنى باھاغا سۇندۇرۇش ، لايىقىدا ھەق بىرىش ياكى ئورتاق مۈلۈك قىلىپ قالدۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن مىراس قالغان يۇقۇرقى 36050 يۈەن قىممىتىدىكى ئۆي جاي، دەل دەرەخ ، باغ ، قوتان قاتارلىق مال-مۈلۈكلەرگە روزىخان ئىگىدارچىلىق قىلىپ ، ئارتۇق بۆلۈنگەن مال-مۈلۈك بەدىلىدە مەردان،پەرھات ۋە گۈلزار قاتارلىقلارغا مۇۋاپىق پۇل بىرىش كىرەك . دەۋاگەر روزىخان دەۋا تەلىپىدە ئاتا-ئانامدىن 15 تۇياق قوي ، 3 تۇياق كالا ، بىر تۇياق ئىشەك قاتارلىق مۈلۈكلەر مىراس قالغان دىگەن بولسىمۇ بۇ ھەقتە سوتتا يىتەرلىك دەلىل ئىسپات كۆرسىتىپ بىرەلمىدى . شۇڭا بۇ تۈردىكى تەلىۋىنى قوللاشقا بولمايدۇ دەپ قاراپ،22 –ئىيۇل سوت ئېچىپ، مەرھۇم نادىرە، باراتلاردىن مىراس قالغان ھويلا ، مەراسى قوشۇلۇپ ئۈچ ئېغىز خام قىش قۇرۇلمۇلۇق ئۆي ، ئۇنىڭغا يانداش بىر ئېغىز ئامبار ئۆي ۋە بىر ئىغىز چەللە ئۆي ، دەرۋازا يىنىدىكى بىر ئېغىز قوتان ، ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى 0.4 مو كۆلەمدە ئۈرۈكلۈك باغ ، مۇشۇ باغنىڭ ئايىغىدىكى تىرىلغۇ يەرنىڭ يىنىدىكى 0.2 مو باغ، ئىشىك ئالدى ۋە يەرنىڭ بىشىدىكى جەمى 100 تۈپ تىرەك، بىر دانە ئىشەك ھارۋىسى قاتارلىق 36050 يۈەن قىممىتىدىكى مال مۈلۈكلەرگە دەۋاگەر روزىخان ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ . روزىخان ئارتۇق بۆلۈنگەن مال-مۈلۈك بەدىلىدە مەرھۇم ھۈسەننىڭ ئورۇنباساسر ۋارىسلىردىن مەردانغا 6008.30 يۈەن ، پەرھاتقا 6008.30 يۈەن ، گۈلزارغا 6008.30 يۈەننى ھۆكۈم قانۇنى كۈچكە ئىگە بولغان ھامان بىرىدۇ .روزىخان ئۆزىگە قالغان يۇقۇرقى 3 ئېغىز ئۆي ۋە ئۇنىڭغا يانداش بىر ئېغىز ئامبار ئۆي ۋە بىر ئېغىز چەللە ئۆي قاتارلىقلارنىڭ مەراسىنى ھۈسەن بىلەن گۇلمىرە توي قىلغاندىن كىيىن بىرلىكتە سالغان 3 ئېغىز يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆينىڭ چەللە ئۆيگە تۇتاش پاسىلىدىن جەنۇپ تەرەپتىكى ھويلا تىمىغىچە ئۇدۇللاپ تام ئىتىپ شۇ ئۇدۇلدىن ئىشىك ئىچىۋالىدۇ ھەمدە بىر ئېغىز قوتانغىمۇ ھويلىنىڭ سىرتىدىن يەنى يول بويىدىن ئىشىك ئىچىۋالىدۇ . دەۋاگەر روزىخاننىڭ باشقا دەۋا تەلىپى قانۇن بويىچە رەت قىلىنسۇن،ئەگەر بۇ ھۆكۈمدە بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە پۇل بىرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا كىچىكتۈرۈلگەن قىسمىغا قارىتا قەرز ئۆسۈمىنى ھەسسىلەپ قاتۇرىدۇ دەپ ھۆكۈم چىقاردى.

ئەسكەرتىش: كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى

كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق