باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>قانۇن ئۇچۇرلىرى
پەيزاۋات ناھىيەسىدە مۇرەسسە خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2012-09-21 14:44:21

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پەيزاۋات ناھىيەسى مۇرەسسە خىزمىتى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئىچىدىكى تۈرلۈك زىددىيەت-ماجرالارنى ۋاقتىدا، توغرا بىرتەرەپ قىلىپ، خەلق مۇرەسسە خىزمىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ ناھىيە مۇرەسسە خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىشلىنىشىگە ھەقىقى تۈردە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى يېزا-بازار ۋە كەنت (ئىجتىمائىي رايون ) نى بىرلىك قىلىپ، 202 ئورۇندا مۇرەسسە مۇلازىمەت نۇقتىسى قۇرۇپ، ناھىيە، يېزا-بازار ۋە كەنتتىن ئىبارەت مۇرەسسە تور سىستېمىسنى شەكىللەندۈرۈپ، كەڭ ئاممىغا قولايلىق مۇلازىمەت شارائىتى يارىتىپ بەردى.

ئىگىلىنىشچە، بۇ ناھىيەدىكى مۇرەسسە تارماقلىرى بۇيىلنىڭ بېشىدىن ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىغىچە تۈرلۈك شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، ئاممىغا 441 قېتىم مۇلازىمەت قىلىپ، 789 كىشىگە قانۇن-تۈزۈم ۋە مۇرەسسە ئىشلىرى بويىچە مەسلىھەت بەرگەن. يەر، مىراس، تويلىشىش، ئېلىم-سېتىم قاتارلىق جەھەتلەردىكى 2098 پارچە زىددىيەت-ماجرا دېلوسىنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭدىن 2094 پارچىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، بىرتەرەپ قىلىش نىسبىتىنى %99.8 گە، ئاممىنىڭ رازى بولۇش نىسبىتىنى %90 گە يەتكۈزگەن. داۋلاشقۇچىلارنىڭ بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق زىيىنىنى تۆلىتىپ بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن خەلق ئىچىدىكى تۈرلۈك زىددىيەت-ماجرالار ئاساسىي قاتلامدا، ۋاقتىدا ھەل قىلىنىپ، ناھىيەنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان.

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق