باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>قانۇن ئۇچۇرلىرى
باشقىلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان رازۋىدچىك جازالاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2012-10-10 10:04:56

 

شەخسى رازېتچىكلىك كەسپى ئەزەلدىن قاتتىق بەس مۇنازىرە قوزغايدىغان كەسپ. مۇخبىر 9 – ئۆكتەبىر گۇاڭجۇ يۆشيۇچۈ رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ سوت مەھكىمىسى شۇ كۈنى شەخسىي رازۋېتچىك ما مۇشىڭنىڭ باشقىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قانۇنسىز بىلىۋېلىش دېلوسىغا ھۆكۈم چىقىرىپ، ما مۇشىڭنى مۇددەتلىك توققۇز ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

سوت مەھكىمىسى سوت قىلىش جەريانىدا مۇنۇلارنى ئىسپاتلىغان، 2006- يىل يىل ئاخىرىدىن باشلاپ، جاۋابكار ما مۇشىڭ گۇاڭجۇ شەھىرى يۆشيۇچۈ رايونىنىڭ مەلۇم بىر بىناسىدا، «گۇاڭجۇ ئاخىرقى رازۋېتكا قىلىش، تەكشۈرۈش چەكلىك شىركىتى» دىگەن نامدا تور پونكىتى قۇرۇۋالغان، ئاساسلىقى قەرز سۈيلەش، توينىڭ سىرتىدىكى مۇھەببەتنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق كەسپلەر بىلەن شۇغۇللانغان، ھەم مۇشۇ جەرياندا خې فامىلىلىك، شەن فامىلىلىك قاتارلىق كىشىلەرنىڭ نوپۇس كىملىك ماتېرىياللىرى، ئۇچۇر، ئالاقە ماتېرىياللىرى، ماشىنا ئۇچۇرى، كۈندىلىك ئىش ھەرىكىتى قاتارلىق پۇقرالارنىڭ شەخسى مەخپى ماتېرىياللىرى شۇنداقلا گۇاڭجۇ شەھەرلىك كەسپىي ئىنىستىتۇت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شەخسى ئۇچۇر ماتېريالى قاتارلىق 700 نەچچە ئۇچۇرغا قانۇنسىز ئېرىشىۋالغان. 2012 – يىل 4 – ئاينىڭ 20 – كۈنى، مامۇشىڭ گۇاڭجۇدىكى تۇرۇشلۇق جايىدا ج خ ئادەملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

سوت مەھكىمىسى سوت ئېچىپ، ما مۇشىڭ پۇقرالارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى قانۇنلۇق ئىگىلەش شەرتىنى ھازىرلىمىغان ئەھۋال ئاستىدا، باشقىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان، قىلمىشى ئېغىر، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى باشقىلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن، دەپ قاراپ، مامۇشىڭغا باشقىلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش جىنايىتى بىلەن توققۇز ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش، 3000 يۈەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويۇش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى.

ما مۇشىڭ سوتتىلا جىنايىتىنى تونۇپ، ھۆكۈمگە قايىل بولغانلىقى، يۇقىرىغا نارازىلىق ئەرزى سۇنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەخسى رازېتچىكلىك كەسپى ئەزەلدىن قاتتىق بەس مۇنازىرىدە قالىدىغان كەسپ. مۇخبىر 9-ئۆكتەبىر گۇاڭجۇ يۆشيۇچۈ رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ سوت مەھكىمىسى شۇ كۈنى شەخسىي رازۋېتچىك ما مۇشىڭنىڭ باشقىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قانۇنسىز بىلىۋېلىش دېلوسىغا ھۆكۈم چىقىرىپ، مامۇشىڭنى مۇددەتلىك توققۇز ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

سوت مەھكىمىسى سوت قىلىش جەريانىدا مۇنۇلارنى ئىسپاتلىغان، 2006- يىل يىل ئاخىرىدىن باشلاپ، جاۋابكار ما مۇشىڭ گۇاڭجۇ شەھىرى يۆشيۇچۈ رايونىنىڭ مەلۇم بىر بىناسىدا، «گۇاڭجۇ ئاخىرقى رازۋېتكا قىلىش، تەكشۈرۈش چەكلىك شىركىتى» دىگەن نامدا تور پونكىتى قۇرۇۋالغان، ئاساسلىقى قەرز سۈيلەش، توينىڭ سىرتىدىكى مۇھەببەتنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق كەسپلەر بىلەن شۇغۇللانغان، ھەم مۇشۇ جەرياندا خې فامىلىلىك، شەن فامىلىلىك قاتارلىق كىشىلەرنىڭ نوپۇس كىملىك ماتېرىياللىرى، ئۇچۇر، ئالاقە ماتېرىياللىرى، ماشىنا ئۇچۇرى، كۈندىلىك ئىش ھەرىكىتى قاتارلىق پۇقرالارنىڭ شەخسى مەخپى ماتېرىياللىرى شۇنداقلا گۇاڭجۇ شەھەرلىك كەسپىي ئىنىستىتۇت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شەخسى ئۇچۇر ماتېريالى قاتارلىق 700 نەچچە ئۇچۇرغا قانۇنسىز ئېرىشىۋالغان. 2012-يىل 4-ئاينىڭ 20-كۈنى، مامۇشىڭ گۇاڭجۇدىكى تۇرۇشلۇق جايىدا ج خ ئادەملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

سوت مەھكىمىسى سوت ئېچىپ ، ما مۇشىڭ پۇقرالارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى قانۇنلۇق ئىگىلەش شەرتىنى ھازىرلىمىغان ئەھۋال ئاستىدا، باشقىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان، قىلمىشى ئېغىر، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى باشقىلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن، دەپ قاراپ، مامۇشىڭغا باشقىلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش جىنايىتى بىلەن توققۇز ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش، 3000 يۈەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويۇش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى.

ما مۇشىڭ سوتتىلا جىنايىتىنى تونۇپ، ھۆكۈمگە قايىل بولغانلىقى، يۇقىرىغا نارازىلىق ئەرزى سۇنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق