باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>قانۇن ئۇچۇرلىرى
ئاپتوموبىل ئۇزۇن ئارىلىق چىرىغىنى قالايمىغان ئىشلەتكەنلەرگە 5 مىنۇت چوڭ چىراغقا قاراش جازاسى بېرىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-07 14:21:14

 

4–ئاۋغۇست كېچىدە، شېنجېن قاتناش ساقچىلىرى ئۇزۇن ئارىلىق چىرىغىنى قالايمىغان ئىشلەتكەن شوپۇرلارنى نەق مەيداندا تەربىيەلەپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالىدى. ئۇزۇن ئارىلىق چىرىغىنى قالايمىغان ئىشلەتكەن شوپۇرلارغا ، يېقىپ قويۇلغان چوڭ چىراغقا 5 مىنۇت قارىتىش جازاسى بەردى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل ئەھۋالدا ئۇزۇن ئارىلىق چىرىغىنى ئىشلىتىشكە بولمايدىكەن: يورۇقلۇق شارائىتى ياخشى ئەھۋالدا؛ ئاپتوموبىللار ئۆزئارا ئۇچراشقاندا؛ ئاپتوموبىل تۇنېل ۋە ئاسما كۆۋرۈك قاتارلىق جايلاردا يۈرگەندە؛ ئاپتوموبىل توختىتىپ قويۇلغاندا ياكى ئاپتوموبىل مېڭىشتىن توختىغاندا . بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۇزۇن ئارىلىق چىرىغىنى ئىشلەتكەنلەرگە 300 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، 1 نومۇر تارتىلىدىكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق