باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>قانۇن ئۇچۇرلىرى
خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى ئەرزىيەت ئىشلىرىدا يېڭىلىق ياراتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-14 13:13:52

خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدە مەمۇرىي رايون تەۋەلىكىدىكى ئامما بۇنىڭدىن كېيىن خەت ئارقىلىق ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، شۇنداقلا رەھبىرىي يولداشلارغا ئېغىرلىقى 20 گىرامدىن تۆۋەن بولغان خەت ئەۋەتسە، خەتنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىگە ‹‹ئاممىدىن كەلگەن خەت›› دەپ ئىزاھلاپ قويسا، بىردەك پوچتا ھەققى ئېلىنمايدىكەن.

ئەرزىيەت خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئۈچۈن، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى يېقىندا بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ئۆلكە دائىرىسىدە ‹‹ھەقسىز ئەرزىيەت پوچتىسى›› نى يولغا قويغان. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى پوچتا شىركىتىگە قاراشلىق پوچتا كارخانىلىرى ‹‹ھەقسىز ئەرزىيەت خېتى›› ئۈچۈن يېشىل يول ئېچىپ، پوچتا يوللانمىسى سېلىش ۋە سانىنى ئىستاتىستىكا قىلىشقا مەسئۇل بولىدىكەن. خەتنى تاپشۇرۇۋالغۇچى ئورۇن تۇرۇشلۇق جايدىكى پوچتا يوللانمىسى يەتكۈزۈش تارماقلىرى ‹‹ھەقسىز ئەرزىيەت خېتى›› نى خەتنى تاپشۇرۇۋالغۇچى ئورۇننىڭ خەت – چەك بۆلۈمىگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈشكە ھەم خەتنى تاپشۇرۇۋالغۇچى ئورۇننىڭ خەت تاپشۇرۇۋالغۇچىسىنىڭ ئىمزا قويۇپ جەزملەشتۈرۈشىگە مەسئۇل بولىدىكەن.

خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى مۇنداق دېدى: پوچتا كارخانىلىرى ‹‹ھەقسىز ئەرزىيەت پوچتىسى›› دائىرىسىگە كىرىدىغان خەتنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىشى، توشۇشى ۋە يەتكۈزۈشى كېرەك. قوبۇل قىلماسلىقىغا، باستۇرۇپ قويۇشىغا، ئۆز مەيلىچە ئېچىشىغا، يوقىتىۋېتىشىگە ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. ئاممىدىن كەلگەن خەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق