باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>قانۇن ئۇچۇرلىرى
كۇچا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-15 15:24:11

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى سوت خىزمىتى جەريانىدا يېڭى ئەندىزە ، يېڭى ئۇسۇللار ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ، قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كوللېگىيەسىنى تەسىس قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە چېتىشلىق دېلولارغا قارىتا يۈكسەك سىياسىي بۇرچ تۇيغۇسى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن قانۇنىي ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت فۇنكىسىيەلىك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى زۆرۈر بولغان قانۇن ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

بۇ مەھكىمە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق تەربىيەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئەسلىدە بار بولغان قانۇنىي ياردەم بېرىش تۈر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئاساسىدا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قانۇن ياردەم بېرىش مەركىزى قۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇن ياردەم بىلەن تەمىنلىدى؛ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قانۇن-تۈزۈم تەربىيەسىگە پائال قاتنىشىپ، كادىر-ساقچىلار كۆپ قېتىم مەكتەپ، مەھەللىلەرگە بېرىپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا قانۇن بىلىملىرىدىن لېكسىيە سۆزلىدى. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇن ياردىمى تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، بۇ مەھكىمە‹‹كۇچا ناھىيەسىنىڭ قورامىغا يەتمىگەنلەرگە قانۇن ياردىمى مەركىزىنىڭ تۈزۈمى››نى تۈزۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى تەكشۈرۈشتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تەسىرلەندۈرۈش تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇپ ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە بىرمۇبىر ياردەم بېرىش ، مەھەللىلەردە قانۇن-تۈزۈم مەكتىپى قۇرۇش، سوت كوللېگىيەسىنى مەكتەپلەرگە يۆتكەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ھەر قايسى ھالقىلاردىكى ئۆتكەلنى ئىگىلەپ ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە ۋەقە سادىر بولۇشتىن بۇرۇن تەربىيە بېرىش، ۋەقە سادىر بولۇش جەريانىدا قۇتقۇزۇش، كېيىن ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ياخشى ھالقىنى شەكىللەندۈردى.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق