باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>قانۇن ئۇچۇرلىرى
بېيجىڭ شەھىرىدە دوختۇرلارنى يارىلاندۇرۇش، دوختۇرلارغا تەھدىت سېلىش قاتارلىقلارغا مەركەزلىك زەربە بېرىلمەكچى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-24 18:01:18

 

دوختۇرخانا ياتىقىنى ئىگىلىۋېلىش، داۋالاش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، دوختۇرلارغا تەھدىت سېلىش، دوختۇرلارنى يارىلاندۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆپلەپ يۈز بەرمەكتە. 22- ئاۋغۇست، بېيجىڭ شەھىرى داۋالاش ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىش مەسىلىلىرىگە قارىتا مەخسۇس تۈزەش يىغىنى چاقىرىپ، يۇقىرىدا ئېيتىلغان تۆت خىل ئەھۋالغا قارىتا مەركەزلىك زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش قارار قىلىندى.

«دوختۇرخانىدا قالايمىقانچىلىق چىقىرىش» قىلمىشى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىنىڭ نۇرمال خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، داۋالاش خادىملىرىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە نۇرغۇنلىغان بىمارلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ داۋالاش ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشنى مەخسۇس تۈزەش يىغىنىدا، دوختۇرلارنى يارىلاندۇرۇش، داۋالاش خادىملىرىغا تەھدىت سېلىش، داۋالاش تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش قىلمىشى قاتارلىقلارنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقى؛ دوختۇرخانا ئىچىدە يۈز بەرگەن ھەر خىل قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ دوختۇرخانا تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش قىلمىشى، مەسىلەن دوختۇرخانا بالنىست زاللىرىغا «قەغەر پۇل كۆيدۈرۈش»، «ئىبادەتخانا قۇرۇۋېلىش» قاتارلىقلارغا قارىتا جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى تېز سۈرئەتتە ساقچى چىقىرىپ، كەسكىن چارە-تەدبىر قوللىنىپ، نەسىھەت قىلسا ئاڭلىمىغانلارغا، چېكىدىن ئاشقان ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا ئۇنىمىغانلارغا جىنايەت شەكىللەندۈردى دەپ قاراپ قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

بەزىلەر بىر قىسىم بىمارلارنىڭ قالايمىقانچىلىق چىقىرىشىدا دوختۇرخانا ۋە داۋالاش خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارىغان. شۇڭا، يىغىندا يەنە داۋالاش ئاپپاراتلىرى چوقۇم «بىمارنى مەركەز قىلىش» قارىشى تۇرغۇزۇشى، داۋالاش كەسپىي سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشى، مۇلازىمەت پوزىتسىيىسىنى ياخشىلىشى، مۇلازىمەت تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇشى، داۋالاش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى، بىمارلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى، بىمارلارنىڭ داۋالاشتىن رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى تەلەپ قىلىنىپ، داۋالاش ماجرالىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى مەنبەدىن ئازايتىش كېرەكلىكىنى قاتتىق تەكىتلىدى.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق