باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>قانۇن ئۇچۇرلىرى
چىڭداۋدا «قارا تاكسى» لارنىڭ قانۇنسىز تىجارەت قىلىشى يامراپ كەتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-26 17:05:23

 

8-ئاينىڭ 23-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرىنىڭ پويىز ئىستانسىسى، ئۇزۇن يوللۇق قاتناش بېكىتى شۇنداقلا ئالدى دېڭىز قىرغىقى قاتارلىق جايلاردا ماشىنا نومۇر تاختىسى ئېسىلمىغان قىزىل رەڭلىك كىچىك پىكاپلار توختاپ كەتكەن بولۇپ، بۇ پىكاپلار باشقا يۇرتلاردىن چىڭداۋغا كەلگەن يولۇچىلارنى قانۇنسىز ھالدا كىرا قىلىش ئۈچۈن ساقلاپ تۇرغان. يولۇچى توشۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر كىشىنىڭ مۇخبىرغا ئاشكارىلىشىچە، بۇ خىل قىزىل رەڭلىك ‹قارا تاكسى›لارنىڭ ھەممىسىدە بىرىنچىدىن ماشىنا نومۇر تاختىسى يوق، ئىككىنچىدىن شوپۇرلۇق پىراۋىسى يوق، ئۈچىنچىدىن تاشيولدا توشۇش ئىجازەتنامىسى يوق، تۆتىنچىدىن تاكسى ماشىنىلارنىڭ مۇلازىمەت لاياقەتنامىسى يوق ئىكەن. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ‹تۆتتە يوق› ماشىنىلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا قاپ يۈرەكلىك بىلەن قانۇنسىز تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنكەن. بۇ خىل غەلىتە ئەھۋال باشقا يەردىن چىڭداۋغا سەيلە ساياھەتكە كەلگەن كىشىلەرگە باشقىچە تەسىر بېرىپ قويغان.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق