باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>قانۇن ئۇچۇرلىرى
شېنجېن قاتناش قىستاڭچىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن ماشنا توختىتىشنى تەڭشەش ھەققى چىقاردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-26 17:07:34

21-ئاۋغۇست، ئىسپات ئاڭلاش ۋەكىللىرى شېنجېن شەھەرلىك قاتناش كومىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا قول كۆتۈرۈپ سۆز قىلماقتا. شۇ كۈنى، شېنجېن شەھەرلىك قاتناش كومىتېتى يول سىرتىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا ماشىنا توختىتىشىنى تەڭشەش ھەققىنى ئېلىش لايىھەسىگە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىملىق ماشىنا توختىتىشنى تەڭشەش ھەققى بولسا شېنجېن شەھىرىنىڭ قاتناش قىستاڭچىلىقىنى ئوڭشاش ئۈچۈن يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقارغان بىر تۈرلۈك مەمۇرى خاراكتېرلىك ھەق بولۇپ، ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەنلا ھەممەيلەنىڭ قىزىقىشنى قوزغىدى. ھەق ئېلىش لايىھەسى مۇنداق ئىككى خىل : بىرى ۋاقىت بويىچە ھېسابلاپ ئېلىش، ھەر بىر سائىتى 10 يۈەن، ئۇنىڭغا ئەڭ يۇقىرى چەكلىك 60 يۈەن قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ، بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا 300 يۈەن تاپشۇرىدۇ. يەنە بىرى رايونلار بويىچە ھەق ئېلىش، مەركىزى رايونلارنىڭ ھەربىر سائىتى 12 يۈەن، ھەق ئېلىش ۋاقىتى ئەتىگەن 5:30 دىن كەچ 19:00 گىچە بولىدۇ، بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا 222 يۈەن تاپشۇرىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق