باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>قانۇن ئۇچۇرلىرى
قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىپ نەق مەيداندىن قاچقۇچى جازالاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-16 14:36:53

 

19 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان نۇردۇن قاراقاش ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى دېھقان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى ئەتىيازدا شايار ناھىيەسىگە ئىشلەمچىلىك قىلىش ئۈچۈن كېلىپ شايار ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى سەمەتنىڭ ئائىلىسىدە ياللىنىپ ئىشلىگەن. ئۆتكەن يىلى 19-ئاۋغۇست نۇردۇن ئېتىزدىكى ئىشىنى تۈگىتىپ سەمەتنىڭ ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىتىنى ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا لىياڭ جې (14ياش) ھەيدەپ ئارقىسىغا ياۋ تاڭ(15ياش) نى مىنگەشتۈرۈپ ماڭغان ئىككى چاقلىق موتسىكىلىت بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەن. نۇردۇن ئۇلارنىڭ موتسىكىلىتتىن يىقىلىپ چۈشكىنىنى كۆرگەن بولسىمۇ توختىماستىن قېچىپ كېتىپ كېيىن باشقىلارنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن نەق مەيدانغا قايتىپ كەلگەن. لىياڭ جې بىلەن ياۋ تاڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ جىددى قۇتقۇزۇۋېلىنغان. قانۇن دوختۇرى لياڭ جېنىڭ زەخمىسىنى ئېغىر زەخمە، ياۋ تاڭنىڭ زەخمىسىنى يېنىك زەخمە دەپ بىكىتكەن، سەمەت ئۇلارنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن ئالدىن 47مىڭ يۈەن تاپشۇرغان. قاتناش ساقچىلىرى نۇردۇننى نەق مەيداننى بۇزىۋەتكەن دەپ قاراپ بۇ قېتىمقى ھادىسىنىڭ بارلىق جاۋابكارلىقىنى نۇردۇن ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى ھەققىدە ئېتىراپنامە چىقارغان.

بۇ دېلو سوت قىلىنغاندا لىياڭ جې بىلەن ياۋ تاڭنىڭ ۋەسىيلىرى نۇردۇن ۋە سەمەت ئۈستىدىن قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلغان. سوت مەھكىمىسى يۇقۇرىقى پاكىتلارنى ئېنىقلاپ نۇردۇن نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ كېيىن قايتىپ كېلىپ ساقچىلارغا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، ئۆزىنى مەلۇم قىلغان دەپ قاراشقا بولىدۇ. سەمەت نۇردۇننىڭ پىراۋىسىنىڭ يوقلىقىنى بىلگەن تۇرۇقلۇق رەسمىيىتى تولۇق بولمىغان موتسىكىلىتنى ئۇنىڭ مىنىشىگە بەرگەن ، لياڭ جې بىلەن ياۋتاڭلارنىڭ ۋەسىيلىرى ۋەسىيلىك ھوقۇقىنى ياخشى ئادا قىلماي رەسمىيتى تولۇق بولمىغان موتسىكىلتىنى ئۇلارنىڭ مىنىشىگە يول قويغان، شۇڭا جاۋابكارلارنىڭ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى مۇۋاپىق يېنىكلىتىپ زەخىملەنگۈچىلەرنىڭ داۋالىنىش، قاتناش چىقىمى قاتارلىق زىيانلىرىنىڭ %70تىنى تۆلىشى كېرەك دەپ قاراپ ، نۇردۇننىڭ قاتناش ھادىسسى جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك بىر يىللىق قاماق جازاسى بېرىشكە، نۇردۇن بىلەن سەمەتنى چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ لىياڭ جېغا 52مىڭ يۈەن، ياۋ تاڭغا 5مىڭ 300يۈەن تۆلەشكە ھۆكۈم قىلدى. نۇردۇن يېقىندا جىنايى جازا ئۆتەش ئۈچۈن مەلۇم تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلدى. (كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق