باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>قانۇن ئۇچۇرلىرى
كۇچا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى «پاش قىلىش، تەشۋىق قىلىش» ئۇسۇلىدا يېڭىلىق ياراتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-16 14:02:33

 

ئىخىيارى مۇخبرىىمىز ئايگۈل مۇھەممەت خەۋىرى: يېقىنىدا كۇچا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى‹‹ پاش قىلىش ، تەشۋىق قىلىش ›› ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ ، ‹‹ پاش قىلىش، تەشۋىق قىلىش ›› پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ، ‹‹ سوت مەھكىمە ئالاقىلىشىش كارتىسى ›› دىن 1000 پارچىدىن ئارتۇقنى تارقاتتى.

‹‹ سوت مەھكىمە ئالاقىلىشىش كارتىسى››دا دىلو قۇبۇل قىلىش دائىرىسى ، پاش قىلىش ئۇسۇلى ھەمدە خەلققە مۇلازىمەت قىلىش قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نۇمۇرى قاتارلىقلار بېسىلغان بۇلۇپ ، بۇ كارتا سوت مەھكىمىسىنىڭ فۇنكىسىيىسى ۋە ۋەدىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بۇلۇپ ئادەتتىكى ئامما بىلەن سوت قىلىش ئورگىنى ئارىسىدىكى ئارلىقنى يېقىنلاشتۇرىدۇ .

بۇ كارتىنىڭ ئىشلىتىلىشى كۇچا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش ، ئاممىغا كۈڭۈل بۈلۈش ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ ، ئاممىنىڭ ئەرز شىكايەت قىلىش ، پاش قىلىش ، قانۇندىن مەسلىھەت سورىشىغا قولايلىق يارىتىپ ، ئاممىنىڭ سوت مەھكىمە خىزمىتىنى چۈشۈنۈشنى ئىلگىرى سۈردۇ ھەمدە ئاممىنىڭ سوت مەھكىمە خىزمىتىگە پىكىر تەكلىپلەرنى بېرىشىگە قولايلىق يارىتىپ ، سوت مەھكىمىسى ۋە مەھكىمىدىكى سودىيەلەرنى ئاممىنىڭ نازارىتى ئاستىغا قۇيۇپ ، سوت مەھكىمە خىزمىتىنىڭ ئاشكارلىق دەرىجىسى ۋە ئاممىنىڭ سوت مەھكىمىسىگە بولغان بىلىش دەرىجىسىنى كۈچەيتىپ ، سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاممىغا يېقىن تۇرۇش ، ئاممىغا كۈڭۈل بۈلۈش ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتەك ياخشى ئوبرازىنى تىكلىدى .

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق