باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>قانۇن ئۇچۇرلىرى
كۇچا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ‹‹سىردىشىش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ كۈرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-16 14:05:03

 

ئىختىيارى مۇخبرىمىز ئايگۈل مۇھەممەت خەۋىرى: مەزكۇر مەھكىمە ئايرىم سىردىشىش ، كوللىكتىپ سىردىشىش ، ئۆز – ئارا سىردىشىش قاتارلىق ۋاستىلارنى قوللۇنۇپ ، رەھبەرلىك گۇرۇپپىىسى ئەزالىرى ئۆز - ئارا سىردىشىش، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئەزالىرى بىلەن بۈلۈم مەسئۇللىرى ئۆز-ئارا سىردىشىش، ئوتتۇرا قاتلام كادىرلار ئۆز ئارا سىردىشىش، ئوتتۇرا قاتلام كاىرلار بىلەن ئادەتتىكى كادىرلار ئۆز ئارا سىردىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆز - ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مەسىللەرنى تېپىپ چىقىپ ، بايقالغان مەسىللەرنى ھەل قىلىشقا ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ ، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇردى.

‹‹ سىردىشىش ›› پائالىيىتى جەريانىدا مەھكىمە رەھبەرلىرى قاتتىق تۈزۈم بەلگىلەپ ، ‹‹ سىردىشىش ›› جەدۋىلى تارقىتىپ سىردىشىش ئوبكىتى ، سىردىشىش ۋاختى ، سىردىشىش ئورنى ، سىردىشىش مەزمۇنى قاتارلىق ئۇچۇرلار ئېنىق خاتىرلىنىپ ، پۇختا تەييارلىق قىلىپ سىرشىشىش پائالىيىتىنىڭ شەكىلۋازلىق قىلىش بۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

مەھكىمە رەھبەرلىرى ۋە پارتىيە گۇرۇپپا ئەزالىرى - ئوتتۇرا قاتلام رەھبىرى كادىرلار بىلەن تەپسىلى سىردىشىش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق مەھكىمىدىكى كادىر ساقچىلارنىڭ مەھكىمىنىڭ ئۇمۇمى خىزمىتىگە بولغان قارىشى ، رەھبەرلىك گۇرۇپپا ئەزالىرى ۋە مەھكىمىنىڭ خىزمىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە بولغان پىكىر ۋە تەكلىپلىرى توغرىسىدا چۈشۈنۈش ھاسىل قىلدى . يەنە كادىر ساقچىلار سىردىشىش ئارقىلىق ئۆزلىرىدە قانداق مەسىللەرنىڭ ساقىلىنىۋاتقانلىقى ھەمدە قانداق ئۆزگەرتىش لازىملىقى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ كۆڭلىدە سان بۇلۇشىغا ياردەم بېرىلدى.

بۇ قېتىمقى ‹‹ سىردىشىش ›› پائالىيىتى ئارقىلىق مەھكىمە پارتىيەگۇرۇپپىسى -مەھكىىدىكى كادىر ساقچىلارنىڭ ئىدىيە ، خىزمەت ، تۇرمۇش قاتارلىقلاردا ئۇمۇميۈزلۈك چۈشۈنۈش ھاسىل قىلدى . بۇ ئارقىلىق مەھكىمەپارتىيە گۇرۇپپىسى كادىر ساقچىلارنىڭ دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقىنى ئامالنىڭ بېرىچە ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ ، ھەر قانداق چاغدا كادىر ساقچىلار ئۈچۈن ئەمىلى ئىش قىلىپ بېرىشنى مۇھىم خىزمەت تەركىۋى قىلىپ بېكىتىپ ، بايقالغان مەسىللەرنى تۈزۈتۈش تەدبىرى ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇلى ، ۋاختى قاتارلىقلارنى ئېنىق قىلىپ بېكىتىپ ، سىردىشىش پائالىيىتى جەريانىدا بايقالغان ھەر قانداق مەسىلە توغرىسىدا نەتىجە چىقىرىپ سوت مەھكىمە قۇشۇننىڭ ئۇيۇشچانلىقى ھەقىقى كۈچەيتىلدى.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق